Need For Speed نىڭ يېڭى نەشىرى 极品飞车16 نىڭ ئويۇن كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى!
تېخى يېقىندا E3 نىڭ ئويۇن كۆرگەزمىسى ئېچىلغاچقا، ھەر قايسى چوڭ ئويۇنلار بەس-بەستە ئۆزىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. جۈملىدىن بىز تېخى ئالدىنقى كۈنى كۆرۈپ ئۆتكەن «قەدىمى قەۋرىستانلىقتىكى پەرى كۆلەڭگىسى رىۋايىتى»مۇ ھەم شۇنداق. بۇدا ئېلان قىلىنغىنى بولسا، بەيگە ئاپتوموبېلى ئويۇنلىرى ئىچىدە شاھزادە دەپ تەرپلىنىدىغان Need For Speed نىڭ يېڭى نەشىرى 极品飞车16: The Run نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ئويۇن ۋەقەلىكى تېخىمۇ جىددى تۈسكە كىرگەن، ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا بېرىدىغان ھاياجان تۇيغۇسى بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈكتەك قىلىدۇ.
极品飞车16:The Run بۇ يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، ئاپتوموبېل، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,500 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nfs16-the-run-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «قەدىمى قەبرىستانلىقتىكى پەرى كۆلەڭگىسى رىۋايىتى» ناملىق يېڭى ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر…
- كېيىنكى يازما > ئۆي تىزىش ئويۇنىنى كۆپ ئوينىغان، بىراق دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟!
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟
يېرىم يىلدا بىرنى يېڭىلايدىغۇ بۇ ئۇيۇننى ، ئەمما كومپىيۇتىرنى نەچچە يىلدا بىر يېڭىلايمىز دە …… تەرەققىيات ~~~!!! يانچۇققا زىيان تەرەققىيات بۇ `~~~~`
يەنىلا9-نۇسقىسىغا يەتمەمدىكىن دەيمەن.
ھەر قانداق ئويۇننىڭ بىر نۇسخىسى چىقىدىكەن . شۇ ئەڭ ياخشى چىقىدىكەن ..باش قىلىرى قاملاشمايدىكەن …
12-نۇسخىسىمۇ شۇنداق ياخشىغۇ؟ 14مۇ بولىدۇ.
قارىماققا ئويۇن ئويناش تەرتىپىدە بەزىبىر يىڭىلىقلار كىرگۈزۈلگەندەك قىلىدۇ .
ۋاي قاسى بىرسىنى ئويناپ بولامىز … بۇمۇ چىقسۇن ئاۋۋال …
ماز…بەك مازلىشىپ كېتىپتۇ، بۇ ئەمدى ماشىنا ئويۇنى بولدىمۇ ياكى مۇشلاش ئويۇنىمۇ
بوسا شۇندا ئارىلاش چىقاسا باشقىسىنى ئوينىماي مۇشۇنىلا ئوينىسۇن دىگەن ئوخشايدا …
ياۋ… بىردەمدە يېڭىلاندى بۇ
تازا پۇخادىن چىقىدىغان ئويۇنكەن،生化危机 غا ئوخشاپ قالغىلى تۇرۇپتۇ بۇ…
eaشىركىتى پەقەت بىر ئويۇنغىلا تايانمايدۇ،ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرىمۇ جىم تۇرمايدۇ…ھازېرقى ئويونلاردا بىر تەرەپتىن كىنو كۆرۇپ بىر تەرەپتىن ئوينىمىسا ھىساب بولمايدۇ.
سامسۇڭنىڭ 68دىيۇملۇق نىپىز ئىكرانىنى ئېلىپ قۇيۇپ .پىچەت قوراشتۇرۇپ ئويگە مۇكۇۋېلىپ ئوينىسا بولغۇدەك بۇنى.لىكىن ھازىر پۇل يوق.شۇڭا يوقالسۇن ئەرزىمەس بۇيۇك ئارزۇلار…
قارىسام ماشىنلارنىڭ ئېخىرلىق سىزىملىرىدە ئۆزگىرىش بوپتۇ.بۇنى ھەمEAنىڭ باش ئۇيۇن ئىشلەش مەركىزى ئىشلىمىگەن،تارماق شىركەتلىرى ئىشلىگەن.ئالدىنقى قىسمى بىلەن ئۇنۇملىرىنى سېلىشتۇرسىڭىز ئايرىۋالالايسىز.
ئاداش بۇنى EAنىڭ تازلىق ئىشچىلىرى ئىشلىگەندەك قىلىدۇ….
نىمىدىگەن كۆپ ئويۇن بۇ كىممۇ ئويناپ تۈگۈتۈپ بولا ئەمدى ؟
ھەجەپ پىچەتقۇ پاركۇرنىمۇ قۇشۇپ قويۇپتۇ تېخى ،
يەنىلا 9 نوچىمۇ نېمە؟
يەنىلا 9 نى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپمۇ نېمە؟ مېنىڭ بۇنى ئوينىغاندىكى تەلۋىلىكىمنى سۆزلەپ بەرسەم كۈلىسىلەر
15-سىنى ئويناپ تېخى تۈگەتمەيلا سوۋۇپ كەتتىم. 9-سىدەك بېرىلىپ ئوينىماپتىمەن بۇ ئويۇننى. بارغانسىرى ھەقىقىيلىققا ئەھمىيەت بېرىۋېتىپتۇ كاساپەتلەر …
مىنىڭچە يەنىلا 9-سىنىڭ كۆرنىشى ھەقىقىي تۇيغۇ بىرىدىكەن ، قالغانلىرىنىڭ ماشىنىڭ مېڭىشى بىر خىل ساختا كۆرنىدىكەن .
ئوھوي مانىمۇ بىر ئويناپ قويغۇلۇق بۇ كاساپەتلەر بەك ئىشلەۋاتىدۇ جۇمۇ
بۇمۇ بولامدۇ نىمە
نىمىدىگەن ياخشى ئويۇنلا بۇ قايسىنى ئوينىشىمنى بىلەلمەي قالدىم
بۇ ئويۇننى قانداخ چۈشۈرىدۇ
بوپ قويدۇ!