ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان Flash ئويۇن – ھور ۋە سېرىق سۇ تۇرۇبىسى(Steam And Brass)
بۇ بولسا، بىر تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان ۋە كىشىدىن كۈچلۈك زېرەكلىك تەلەپ قىلىدىغان سۇ تۇرۇبىسى ئۇلاش ئويۇنى بولۇپ، نامى – Steam And Brass. گەرچە ئويۇن Flash تا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىز ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر تۈرلۈك 3D ئويۇندا بولۇشقا تېگىشلىك تۇيغۇنى ھېس قىلالايسىز، ئويۇن مول تەسەۋۋۇر ۋە ئاجايىپ ئۆزگىچە بولغان رىقابەت تۇيغۇسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن.
ئويۇندا چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە سىزدىن تۇرۇبىلارنى ئۈنۈملۈك ئۇلاپ، پارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، سىز بولسىڭىز مائۇس ئارقىلىق ھەرقايسى تۇرۇبا يوللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمدە ئۇلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. قېنى تورخۇمار دوستلارنىڭ قانچىلىك بىڭسى باركىن؟ بىر ئويناپ كۆرۈپ باقمامدۇق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash،ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 608 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: steam-and-brass.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > Photoshop تا پارقىراق Web 2.0 كۇنۇپكا ئۈنۈمى ئىشلەش قىستۇرمىسى
- كېيىنكى يازما > ئارزۇ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەندە – dream and reality point
كەسپىم تۇربا ئىشچىسى بولغاچ ، بۇ ئويۇن ماڭا ھېچقانچە بىلىنمىدى … بىر ئوينىغانچە 6-مەيدانغا بېرىپ توختاپتىمەن
سىلە كۆزەڭلانى يۇمۇپلا ئوينىۋەتكۈدەكسىلە ئاداش ئەمىسە بۇنى
مەن تۈگىتەي دەپ قالغاندا كومپيۇتېر قېتىۋالدى، كەينى خېلى تەسكەن جۇما ما ئوياننىڭ
ياخشى ئۇيۇنكەن جۇمۇ ! بۇنداق ئېسىل ئۇيۇنلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز
بولىدىغان ئويۇنكەن، كومپيۇتېرىمغا چۈشىرىۋالدىم. بىجىبىرىمدا ئويناپ باقاي.
بۇنىڭ بۇرۇن باشقا خىللىرىنى ئويناپ باققان باققانتىم. ماۋۇ تېخىمۇ پەيزىكەن.
ما ئوياننى رېنرېن تورىدا تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم جۇما
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ، رەھمەت
پەچەت نەرسىلەرنى يوللايدىكەنسىز، ھارمىغايسىز!