يالقۇنجاپ تۇرىدىغان كۆرۈنمە يۈزى ئاجايىپ پۇزۇر بولغان ئويۇن : ئانا تەن(Prototype)
ئانا تەن(Prototype) ناملىق بۇ ئويۇن بولسا، بىر تۈرلۈك ئەركىن كونترول قىلىش تىپىدىكى ئويۇن بولۇپ، ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن پۇزۇر لايىھەلەنگەن، مەيلى مەنزىرە لايىھەسى بولسۇن ياكى جەڭ ئەھۋالى بولسۇن، ئىنتايىن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ ۋە ئادەمنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ. ئويۇن «قاتىل ئەقىدىسى» تىپىدىكى ئويۇنغا ئوخشاش، باش پېرسوناژ ھېكايە راۋاجىغا ئاساسەن تەۋەككۈلچىلىككە ئاتلىنىدىغان ئويۇن بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، مەزكۇر ئويۇندىكى باش پېرسوناژ ياندىكى يولۇچى ياكى دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرگەن چاغدا، شۇ ئادەمنىڭ ئەسلىمىسى، ئەسلى بار بولغان ئىقتىدارىنى ئۆزىگە سۈمۈرىۋالالايدۇ، ھەتتا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايلىنالايدۇ! ئۆلتۈرگەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىدىكى ئىقتىدارمۇ ماس ھالدا كۆپىيىپ بېرىپلا قالماي، كىشىنى ئۆزىگە كۈچلۈك مەھلىيا قىلىۋالالايدۇ!
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى
ئويۇندىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىسمى Alex Mercer بولۇپ، ئۇ بىر قېتىملىق پەن-تېخنىكا تەجرىبىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىك تۈپەيلىدىن، گېنى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ۋە شۇنداقلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان، تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان بىر قىسىم دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىدۇ. ھېكايە ۋەقەلىكى ھازىرقى نىيو-يورك شەھىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، باش پېرسوناژ Alex Mercer نىڭ خاتىرىسىنى يوقىتىش كېسىلى بار، يەنى بىر قېتىم ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدىنقى قېتىم ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى قەتئىي ئەسلىيەلمەيدۇ. ئويۇندا بىز ھەر خىل ئالاھىدە ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىپ، باش پېرسوناژنىڭ يۈتۈپ كەتكەن خاتىرىسىنى، ئۆتمۈشىنى تېپىشىغا ياردەملىشىمىز. ھېكايىدىكى Alex بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىئو-خىمىيەلىك بىر تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ئالىي مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق بولۇپ قالىدۇ…
ئويۇندىن بىر قانچە كەسمە
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
ئويۇننىڭ كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىۋى
مەشغۇلات سېستىما: Windows XP/Vista/7
CPU(مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ): Intel Core 2 Duo 1.86 GHz ياكى AMD Athlon 64 X2 4000+ دىن يۇقىرى
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى(Vista ياكى 7 دە 2GB)
قاتتىق دېسكا: 8GB تىن يۇقىرى بوشلۇق بولۇشى كېرەك
سىنكارتا: DirectX 9.0C نى قوللايدىغان NVIDIA GeForce 7800 GT ياكى ATI Radeon X1800 دىن يۇقىرى 256MB لىق بولۇشى كېرەك
قاچىلاش كۆرسەتمىسى
1. پرىستىن يېشىمىز، 10G دەك بوشلۇق لازىم بولىدۇ
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ
4. ئوينىغاندا، تەڭشەكتىن چۈشەندۈرۈش يېزىقىنى ئېچىۋېتىشنى ئۇنتۇماڭ
5. Vista ياكى Windows 7 دە بەزىدە ئاۋاز نورمال ئەمەس ئەھۋال بار دېيىلگەن، بولسا XP-SP3 ھالىتىدە ئوينىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
ئانا تەن(Ptorotype) | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، فانتازىيە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,807 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: prototype.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان قالتىس ئويۇن – «مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر»
- كېيىنكى يازما > ئاڭلاشلارغا قارىغاندا %99 كىشى ئاران 30 سكونت بەرداشلىق بېرەلەپتۇ، سىناپ بېقىشقا جۈرئىتىڭىز بارمۇ؟
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- فانتازىيلىك مىكرو فىلىم (چۈش)
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
- قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق | Assassin’s Creed IV: Black Flag
- Cyberpunk 2077 ناملىق ئويۇننىڭ CG تەشۋىق فىلىمى
- سېھرىي خىيالىزىم ئۈنۈمىدىكى مىكرو فىلىم – Jonah
- «قاتىل ئەقىدىسى4: قارا بايراق» نىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى، دېڭىز قاراقچىسىدەك ياسىنىپ قاتىللىق قىلىش؟!
مەن قىزىقىپ قالدىم ما ئويۇنغا
چۈشىۋاتىدۇ. قاراشقا بولىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ
ئاپلا مىنىڭ ئچكى ساقلىغۇچۇم يەتمەيدىكەن . مىنىڭ win7 ئىدى بىراق شۇ ئىچكى ساقلىغۇچ ئاران 1G . ئوينىيالمايدىكەنمەن …
ئۇيۇنغا پەقەت قىززىقمايدىغان بىر خۇيۇم باردېسە
سىز شۇ مۇشۇنداق بەلەن ئويۇنلاغا خۇشىڭىز يوق…..بوممىسا سىزگە تەۋسىيە قىلىپ ھېرىپ كىتىمەن…..
بۇ ئويۇننىڭ سىن ھۈججىتىنى كۆرۈپ باقتىم، بۇرۇنقى ئۇرۇش تىپىدىكى ئويۇنلارغا قارىغاندا ئوخشىمايدىغان نۇقتىللىرى كۆپكەن، ئۇچۇپلا يۈردىكەنغۇ، بىردەم تىك ئۇچارنى باغلاپ ئۇچىۋاتقان، بىردەمدىلا ماشىنا دېگەندەك نەرسىلەر ھاۋادا ئۇچۇپ يۈردىكەنغۇ…
دەششەت ئويۇن بۇ ، مەن ئويناپ تۈگۈتۈپ بولغان، ئويناشقا ئەرزىيدۇ، يېنا تېخى ئادەم ئۆلتۈرسىڭىز، بىر خىل قىزىل نەرسە چىقىدۇ، ئونە يىغىپ ماھارەت ئالىسىز، ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن بىز گە ئوخشاش ئختىدارغا ئگە بولۇپ چىقىدۇ، ئىشقىلىپ دەششەت ئويۇن، لېكىن سەل تېز تۇگەپ قالىدىكەن ، مەن 3 يىرىم كۈندە تۇگۈتۈپ تىكەنمە…. ئويناشقا ئەرزىيدۇ،
ئاداش 3 يىرىم كۇندە تۇگەنكۇدەك 24 سائەت تاماق يىمەي ئوينىغان ئوخشىمامسىلەن ..ياكى ۋەزىپە چىقمىسا تۇگىدى دەپ ئويلىدىڭلارمۇ … ئۇندا ئاسان تۇگەيدىغان ئويۇن ئەمەس ئۇ …
تىخىمۇ ۆكپ ئويۇنلار ئۇچۇن كىرىڭ . www.hawaskar.net
ۋە
تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان win7 نى ئاكتىپلاش دىتاللىرىىڭ ھەممىسىنمىڭ ۋاختى ئۆتۈپتۇ .چۈشۈرەلمىدىم ..
ئۇنداق ئەمەستۇ؟
مەن ھازىر بارلىق چۈشۈرۈشكە بولىدىغانلىكى ئۇلانمىلارنى تەكشۈرۈپ باقتىم، بەلكىم تور كۆرگۈڭىزدىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.باشقا تور كۆرگۈدە ئېچىپ سىناپ باقامسىز
ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆتكەل بەك تەس.
ئىشقىلىپ ئويناش جەريانىدا ئۆزىڭىزنى شۇ قەدەر يالغۇز ھېس قىلىسىز، پۈتكۈل ساقچىلارمۇ سىزگە قارشى، قان سۈمۈرگۈچى مەخلۇقلارمۇ سىزنى يەيمەنلا دەپ تەييار تۇرىدۇ. ئىشقىلىپ سىز يەككا-يىگانە ھالدا شۇ مەخلۇقلارنى كۆزدىن يوقىتىسىز.
ياتاقدىشىم بىر مەۋسۇم ئويناپ،بىر پەندىن قالدى ئاخىرى
بىللە ئوينىماپسزىدە
ماڭا CSدىن باشقىلىرى تېتىمايدۇ
قارىماققا ياحشىداك تۇردۇ
بىر كېچە قويۇپ قويسام 1 % مىدىرلىماپتۇ
بەلەن ئويۇنبۇ…..ئويناپ قويۇڭلا….قىزىپكەتمەڭلا لېكىن””’بوممىسا مەندەك توختىماي خىيال سۈرۈشكە باشلايسىلە….(شۇ ئويۇنغا قىززىپ قېلىپ خېلىبىر مەزگىلگىچە ئۆزۈمنى ئالىكىس دەپ خىيال سۈرىدىغان بوپقالدىم)
مەنلا ئويناپ بولدۇممىكىن دىسەم يەنە ئوينىغانلا باكەندە `ئىشقىلىپ ئويۇن بۇلا X جەڭچى بىلەن مۇشۇ ئويۇن بولا `مەن ئويۇن ئويناپ مۇشۇ ئىككى ئويۇندەك شياۋگوسى بار ئويۇن كۈرۈپ باقمىدىم ` مەن ئوينىغانلىرى جۇمۇ `باشقا يەنە قانداق پەيزىلىرى با بىلمىدىم `بىلسەم ئويناپ باقىمە
بۇ ئويۇننىڭ چڭققىنىغا خېلى بولدى. ئەمدى ئېلان قىلغىنى نېمىسى…
مەنچە
http://www.gamersky.com/Soft/201102/27381.shtmlيەنە http://www.gamersky.com/Soft/201009/25973.shtmlماۋۇنېڭدەك ئېسىل ئويۇنلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئەۋەتىپ تۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ۋاھشى جۇما لىكى بۇ ئويان مەن خىلى يەگىچە بىرىپ بىر يەدىن ئۆتەلمەي توختاپ قاغان … ئىشقىلىپ ئوينىسىڭىز ۋەھشى قىزىقىپ قالىسىز … ئويۇننىڭ ئەسلى ئىسمى ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشقۇ دەيمەن …خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىغاندا … لىكىن خەۋەسكار ئويۇن تورىدىكىلەر ئۆزگىرىشچان پالۋان دەپ قويغان نامنى …
گەپ كەتمەيدۇ لىكىن جۇما … نەچچە ئاكام كۇرەپ ۋاھ ماڭىمۇ چۇشۇرۇپ بە دەپ كەتتى .
ياخشى. بىراق مەنمۇ بىر گەپنى قارىغۇلارپە دېمەيمەن. مەنمۇ بۇئويۇنغا ئامراق . مەن تېخى بۇ ئويۇننىڭ ھەممە ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. لېكىن بۇ ئويۇن چڭققىنىغا خېلى بولدى. شۇڭا تېخىمۇ يېڭى ئېسىل ئويۇنلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئەۋەتىپ تۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەيمەن.
http://www.gamersky.com/Soft/201009/25973.shtml
http://www.gamersky.com/Soft/201102/27381.shtml
ماۋۇ ئىككى ئويۇننى دېمەكچى ئىدىم.
بۇ ئىككى ئويۇننىڭ بىرسىنى ئويناپ بىقىپتىمە . 孤岛危机2 بۇنى خىلى بولىدىغان ئويۇنكەنتۇق . كومپۇيۇتۇرۇمدا ئويناۋاتقان ئويۇن بىرقەدەر كۇپ بولاپ كىتىپ يۇيىۋىتىپ تۇرغان . كىيىن چۇشەمەپتىمەن … ھەۋەسكار ئويۇن تورىدا يوللانغانلىقى ئىسىمدە …
كونا ئويۇن بولامدۇ بىز ئەمدە ئاڭلىغاندىكىن يىڭى دەپ ئويناۋىرىمىزغۇ
مەن بۇ ئۇياننىڭ ئاخىرغا چىقىپ بۇلدۇم
قالتىسقۇ؟ يېڭى ئويۇنغا ئىشتەي ساقلاپ قاپسىزدە؟
ھەممىسى قۇرۇق گەپ