ئىچ پۇشۇقى چىقىرىدىغان ياخشى ئويۇن – سامۇراي2: قىساس ئېلىش
سامۇراي2: قىساس ئېلىش(Samurai II: Vengeance) بولسا ئەسلىدە iPhone سۇپىسىدىكى نادىر ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئويۇن PC غا ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئويۇننىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن ئوڭاي بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزىمۇ پەقەت 20M كېلىدىغان ئويۇن گەۋدىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان دەپ قاراشقا بولىدۇ…
ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئويۇننىڭ سترولۇق ئۈنۈمى ۋە ھەرىكەت ئۈنۈمى بىز ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى. گەرچە ئويۇننىڭ ئومۇمى جەھەتتىن «پارىس شاھزادىسى» ئائىلىسىدىكى ئويۇنلارغا سېلىشتۇرۇشقا بولمىسىمۇ، بىراق ھېچ بولمىسا خىزمەتتىن ھېرىپ چارچىغاندا بىردەم ئىچ پۇشۇقى چىقارغىلى، ئۆيدىكى كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ غەلۋىسىنى بىردەملىك بېسىقتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويۇننىڭ سىغىمى پەقەت 28MB كېلىدىغان بولۇپ، قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ.
ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. چۈشۈرۈش پرېستىن يېشىمىز
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولىدۇ
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈش):
سامۇراي2: قىساس ئېلىش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 978 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: samurai-two-vengeance.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۇيغۇر يىگىتنىڭ iPhone دىكى چاتما دۇمباق ماھارىتىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى…
- كېيىنكى يازما > ئامېرىكا ئەلباشى ئوباما لادېننىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلاپ بولۇپ خۇشاللىقىدا موللاق ئېتىپ كېتىپتۇ…
دىۋان دېگەن قانداق نەرسىدۇ زادى …
ئازلا قاپتىكەن
قىنى بىر ئويناپ باقمامدۇق
ما ئويان ئوياندەك ئويانكەن جۇما! ۋەھشى ئىشلەپ قويۇپتۇ بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى ئۈزىۋىتىدىغان پۈتۈن بەدەننى باشنىڭ ئوتتۇرسىدىنلا ئىككى پارچە قىلىۋىتىدىغان كۆرۈنۈشلىرى بەك پەيزى لازىيلىنىپتۇ تىخى مۇشۇنداق يەرلەردە ئاستا كۆرىنىش چىقىدىكەن، لىكىن شۇ ئازراق كەمچىللىكى كۇنۇپكىنى بىسىپ بىردەمدىن كىيىن ئاندىن ئىشلەيدىكەن
28MB لىق كورتەك ئويۇنلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يۈرمەيمىز…
چۇشۇرۇپ ئىچىم پۇشقاندا ئويناپ قويمايمەنمۇ ،-ھە ؟؟؟؟
مۇشۇ ئويۇنچۇق ئويناش بىلەن زادى خوشام يوق تە مېنىڭ !
ئايفوننىڭ ئويۇنىنى تەپسىلىي كۆچۈرۈپ كېلىش كېرەك ئېدى ئەسلى… AngryBirdse ، Plants and Zombies دېگەن ئويۇنلاردىكىدەك
مەنمۇ ئويۇنغا قىزىقمايمەن….ئەڭ ياخشىسى چېكىنەي.
پاھ پاھ! بۇ سامۇراي ئويۇنىنى ئاخخرى ئويناپ تۈگىتىۋەتتىم 3- بۆلۈمى چىقسا يوللاپ قويالا ئۇنىمۇ ئويناپ قوياي پەچەت ئويۇنكەن بۇ!