نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

EA شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يەنە بىر ھەقسىز كىچىك ئويۇن – بەرپا قىلىش(Create)

Create بولسا، بىر تۈرلۈك تەسەۋۋۇر ۋە كاللا ئىشلىتىشكە تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش تىپىغا كىرىدىغان كىچىك تىپتىكى 3D ئويۇن. ئويۇندىكى ھەر بىر ئۆتكەلدە سىزگە بىر ۋەزىپە بېرىلىدۇ، يەنى بەلگىلىك ساندىكى شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان بىر ھەرىكەت جەريانىنى تاماملاش ئارقىلىق بىزگە بېرىلگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاڭلىماققا ئاساندەك قىلغان بىلەن، ھەقىقى ئويناشقا چۈشكىنىڭىزدە، بۇ خىيالىڭىزنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز…

ئويۇندا سىز پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇرىڭىزغا تايىنىسىز، يەنى ھەر بىر ئۆتكەلدە سىزگە بۆلۈپ بەرگەن جىسىم ۋە شۇ جىسىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كاللا ئىشلىتىپ مەلۇم بىر مېخانىزىمنى قۇراشتۇرۇپ چىقىسىز، بۇ مېخانىزىم تاكى مۇكەممەل بولغاندا، ئاندىن ئاخىرقى مەقسەتكە يېتىشكە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن ئويلىماڭ، چۈنكى ئۇنچە ئاسان ئەمەس!

ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:

ھەر بىر ئۆتكەلدىن غەلىبىلىك ئۆتكەن چېغىڭىزدا، سىزگە يەنە يېڭى شەيئىلەر سەپلەپ بېرىلىشى مۇمكىن. سىز بۇ شەيئىلەرنى چوقۇم ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە تەكرار سىناش ئارقىلىق قۇرماقچى بولغان مېخانىزىمىڭىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئاشۇرىشىڭىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئويۇندا غەلبە قازىنىشىڭىز كېرەك. ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئاجايىپ پۇزۇر لايىھەلەنگەن بولۇپ، سەپلىمىگە بولغان تەلىۋىمۇ يۇقىرى ئەمەس. Windows XP/Vista/7 قاتارلىقلاردا نورمال ئوينىغىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

بەرپا قىلىش(Create) ئويۇنىنى چۈشۈرۈش |    خەنچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. شاھيار 2011.03.20 , 00:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ماڭا قاپتىغۇ ، نىمدىگەن يۇمشاق ھە :grin:

  2. تەنخا 2011.03.20 , 01:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ! موللا تاپقاقمۇ سىز :?: مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنلار نى ئىزدەپ يۇرەتتىم دىسە :mrgreen:
    رەخمەت سىزگە :smile:

  3. Forever 2011.03.20 , 10:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم :lol: ،تورخۇمارغا كۆپ رەھمەت .

  4. قەيسەر 2011.03.20 , 10:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋا راسلا پەيزى ئويۇنكەن جۇمۇ، بولسا مۇشۇنداق كاللا ئىشلىتىدىغان ئويۇنلارنى كۆپىرەك يوللىسىڭىز، چارچىغاندا ئوينىسا ئادەم يەڭگىللەپ قالىدىكەن.

  5. ياۋايى 2011.03.20 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دەشششەت ئامراق بۇنداق تىخنىكا ۋە كەشپىيات ئويۇنلارغا …بولسا ئەمىلىيەتتىمۇ قىلسام دەيمەن …

  6. پاسىبان 2011.03.20 , 15:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلارغا قويۇپ بەرسىمۇ بولىدىغان ئويۇنكەن.

  7. نۆل & بىر 2011.03.20 , 22:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3دى ئۈنىمى ۋە كاللا ئېشلىتىش جەھەتتىكى يىڭىلىقلىرى ياخشىكەن…لىكىن چۈشۇرۇش ئۇلانمىسى ئۆچۈرۋىتىلىپ ياخشى بولماپتۇ…

  8. ياۋايى 2011.03.21 , 11:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويناپ باقتىم ياخشىكە … كاللا كىتىدىكەن … :idea:

  9. ئارمان 2011.03.21 , 19:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى مەن چۈشۈرۈپ قاچىلاپمۇ بولدۇم بىراق قانداق ئويناشنى بىلمىدىم ..بەكلا چۈشۈنۈكسىز

  10. مۇھەممەدئەمىن 2011.03.22 , 00:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك گۈزەل، بەك گۈزەل، ئۆتكەندە ئېلانىنى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغانتىم.

  11. تەمبۇر شاھزادىسى 2011.07.14 , 18:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا高手 لا ئوينىسا بۇغىدەك :wink:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif