تېخىچە شۇ قېلىپتا سۈرەتكە چۈشۈپ يۈرىۋاتامسىز؟ ھەقىقى سۈرەتكە چۈشۈش ماھىرلىرىدىن ئوبدان ئۆگىنىڭ!
بۇدۇنياغا كېلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، بىز يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن ئۇچرىشىمىز. ئەڭ ئاخىرىدا، يەنىلا ئائىلىمىزدىكى ۋە تۇرمۇشتىكى ئاشۇ كىشىلەر بىلەن خوشلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا بۇ يول بولىدۇ، يەنى بۇ يول ھەر بىر ئادەم چوقۇم بېسىشقا تېگىشلىك بىر يولدىن ئىبارەت. شۇڭا كىشىلەر دائىم، ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسا، ئاشۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرگە قايتالىغان بولساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە دەپ ئويلىشىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش، شۇنداقلا دەل بىزنىڭ ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشىشىمىزنىڭ سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈن بىزنىڭ سۆزلەيدىغىنىمىز ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈش، يېشىمىز ۋە كەچۈرمىشلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى شاھىدى بولالايدۇ. سىز كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزگە ھاياتىڭىزدا قايسى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيسىز، شۇڭا ئەمدى يەنە ئاشۇنداق توپلىشىپ خور ئېيتقاندەك سۈرەتكە چۈشۈپ يۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ. قۇرۇق گەپلەرنى كۆرسىڭىز بەلكىم زېرىكىش ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەر سىزگە چوقۇم ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ.
1. ئەنئەنىۋى قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش
مەن كۆرگەن ئوپچە چۈشكەن سۈرەتلەر ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاشلا، ھېچقايسىسىدا بىر يېڭىلىق يوق. چۈنكى رەسىمگە تارتقۇچىنىڭ رەسىمگە تارتىش ئۇسۇلى بىر خىللا، ئادەمنى ئاپېراتنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك تۇرغۇزۇپ قويىدۇدە، ئاندىن بىر ئىككى ئۈچ دەپلا پاسسىدە تارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر پارچە سۈرەت تارتىلىپ بولۇنىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىغان، ئۆزگىچە ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى بولسا، دەل مۇشۇ كونىچە سۈرەتكە چۈشۈش قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاش! بىز ھەر بىرىمىز ئاجايىپ تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە، شۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا تەسەۋۋۇرىمىزنى جايىغا ئىشلەتمەيمىز؟ چوقۇم ئەنئەنىۋى سۈرەتكە چۈشۈش رامكىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش كېرەك، نەتىجىسى چوقۇم ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ ياخشى چىقىشى مۇمكىن!
2. ھالقىلىق پەيتنى تاللاش
مۇۋاپىق بولغان سۈرەتكە تارتىش پەيتى بىر پارچە سۈرەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يەردىكى مۇۋاپىق پەيت دېگىنىمىز، بىر كۈن ئىچىدىكى سۈرەتكە چۈشۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان پەيتنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسىنى باسىدىغان پەيتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇۋاپىق پەيتنى تۇتۇپ تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت، بىر پارچە مۇكەممەل سۈرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قايتا قايتا سۈرەتكە تارتىشقا كەتكەن ۋاقىتنى خېلى كۆپ تېجەيدۇ.
3. نۇر، يەنى يورۇقلۇق
فوتوگرافقا نىسبەتەن، شۇ پەيتتىكى نۇر ئەھۋالى بارلىق نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۇرنى ياخشى تەڭشەش ھەربىر فوتوگرافقا نىسبەتەن بىر ئاجىز نۇقتا، تۆۋەندە مەن بىر قانچە تەدبىر كۆرسىتەي:
ھەر بىر جىسىمغا چۈشكەن نۇر ئەھۋالىغا تولۇق دىققەت قىلىڭ، بولۇپمۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە سايە چۈشۈپ قالمىسۇن؛
ناۋادا زۆرۈر بولسا، چاقماق لامپا ئىشلىتىڭ، نورمال ئەھۋالدا سۈرەتنىڭ ئۈنۈمى ئىشلەتمىگەنگە قارىغاندا ياخشى چىقىدۇ؛
نۇر ئەھۋالىنى ئويلاشقاندا، قايتما نۇرنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
4. كەينى دېكراتسىيەگە دىققەت قىلىڭ
سۈرەتكە چۈشكەندە، كەينى دېكراتسىيە ۋە سۈرەت ئوخشاشلا مۇھىم، نۆۋەتتە ئۇسلۇبقا ماس كەلگەن دېكراتسىيە ئىشلىتىلگەن سۈرەت، قاراڭغۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ چۈشكەن سۈرەتكە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ياخشى چىقىدۇ. گەرچە مۇۋاپىق دېكراتسىيە تاللاش سەل ۋاقىت ئالسىمۇ، بىراق دېكراتسىيەنى ئالماشتۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ باقسىڭىز، ئادەتتە ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى بولىدۇ. مۇمكىن بولسا مەنزىرىلىك جايلاردا ياكى ئۆزىڭىز پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئاممىۋى سورۇنلاردا سۈرەتكە چۈشۈپ سىناپ بېقىڭ، بۇنداق بولغاندا تەبىئەتنىڭ سىزگە بېغىشلىغان گۈزەللىكىدىنمۇ ھوزۇرلىنالايسىز!
5. دائىم يەرگە دەسسەپ تۇرۇپلا سۈرەتكە چۈشىۋەرمەڭ
سۈرەتكە تارتىش كۆرۈش بۇلۇڭى بىر پارچە سۈرەتنى باشقا نەچچە مىڭ پارچە رەسىمدىن ئەۋزەللىككە ئىگە قىلالايدىغان ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر پارچە سۈرەتكە چۈشكىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا داۋاملىق بىر ئورۇنغا دەسسەپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشىۋەرمەڭ. مەن بۇ يەردە سىزنى ھەرگىزمۇ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ بېقىڭ دېمەكچى ئەمەس، سىزنى پەقەت كۆرۈش بۇلۇڭىنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ دېمەكچى. ئىككىنچى قەۋەتتە تۇرۇپ بىرىنچى قەۋەتتىكى دوستىڭىزنى سۈرەتكە تارتسىڭىزمۇ، ياكى تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۈستىگە قاراپ تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تەسەۋۋۇرىڭىزنى ياخشى ئىشلىتىڭ!
ياخشى تارتىلغان بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەر
ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇھىم قىسىمغا كەلدۇق. مەزكۇر يازمىنى بىر يۈرۈش نادىر ۋە كۈچلۈك تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان فوتو-سۈرەتلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرايلى، قېنى ھوزۇرلىنىشنى باشلاڭ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ps، سەنئەت، فوتو سۈرەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,928 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: group-photography.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > EA شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يەنە بىر ھەقسىز كىچىك ئويۇن – بەرپا قىلىش(Create)
- كېيىنكى يازما > GIF شەكىلدىكى فوتو-سۈرەتلەر: فوتوگرافلىقنى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەندە؟!
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- تىنچ رەسىمنى PS قىلىش مودىدىن قالدى، ھازىر MTV نى PS قىلىمىز!
ئوتتۇرا مەكتەپتە «تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۈستىگە قاراپ تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ» بۇ خىلدا رەسىمگە چۈشۈپ باققان ئىدۇق.
ئىسىل ئىكەن. بولۇپمۇ ئاخىرقىلارنىڭ سۈرەتكە چۈشۈشى پەيزى ئىكەن
تەدبىركارمۇ فوتوگرافچىلىققا قىزىقىپ قاپتۇدە…
سىلى بىلمەيلا…. ما ئېدېم ھەممىباپ ئېدېم ماۋۇ….
مىنىڭ ئاپىراتىم بەك تەڭشەلمىدىمۇ قانداق ياخشى تارتمايۋاتىدۇ..
رەسىمگە چۈشۈشكە مەن خېلى ئۇستا جۇمۇڭلا باللا!
توۋۋا مۇشۇ رەسىمگە چۇشۇشكە مەن بەك قېرىق زادى !
راست دەيدۇ، بەگ ھاجىم تېخى ئاخشام ھاررى پوتېرنى دوراپ سالدى
ھازىرلا ئاپاراتتىن بىرنى تاپاي، دە ،- رەسىمگە چۇشۇشكە باشلاي ….
بىزمۇ خىلى پىچەت چۈشۈپ قويىمىز جۇما رەسىمگە
ئەمما مەن رەسىمگە چۈشمەي پەقەتلا رەسىم تارتىمەن شۇڭا پىچەت چىقىدۇ مەن تارتقان رەسىملەر
مىنىڭ تارتقان رەسمەمنى كۆرىدىغان بولساڭلا ھەممەڭلا پالاچ بوپ قالىسىلە….
ۋاي مەن يوللاپ قويسام بولامدۇ نىمە تاتقان رەسىملىرىمنى …
ما بولىدىكەن! ئاجايىپ ئىشلارنى ئويلاپ تاپىدۇ دە مۇشۇ خەقلەر…
رەسىمگە چۈشۈشنىڭ ئۇسۇلى ئىككى بىرسى فېيجۇلىيۇچە چۈشۈش، يەنە بىرسى ئىتتىپاق ئەزالىق كېنىشكىسىگە چاپلايدىغان بىر سۇڭلۇق رەسىمگە چۈشۈش
مېنىڭ بوۋاق ۋاقتىمدىكى سۈرىتىمگە ئوغلۇم ئوغۇزنىڭ سۈرىتى قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن دېسە . ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ – ھە ؟!
مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام
ئېشىپ كەتمىگەندۇ ھە
NEW HEROES دىگىنى بەك يارىدى،ئۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى بوپ قوياتتى …ئۇلار راسلا ياخشى دوراپتۇ
بۇمۇ بولىدىكەن. سىناپ باقاي
ئەڭ ئېسىلى ئاۋۇ ئەڭ تېگىدىكى رەسىمدىكى ساۋاقداشلار بوپتۇ


مەنمۇ بەك ئۆچ تامدەك تۇرۇپ سۈرەەتكە چۈشكىلى…
:mrgreen:
ماندا گەنجۇې چىقىرىپ چۈشمەمدۇ دەيمە…
مەسلەن: تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى پىرسوناژلارنىڭ سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسلۇبىمۇ خېلى پەيزى…
ۋاسكىتبولچى پالۋانلار بىلەن،تىيىن يولداشلار رەسىمگە ئەسكى چۈشۈپ قويۇپتۇ،مەندىكى رەسىملەر فوتوگرافلىق كۆرگەزمىسى ئېچىشقىمۇ يېتىپ قالىدۇ جۇمۇ
توۋۋا مۇشۇ رەسىمگە چۇشۇشكە مەن بەك قېرىق زادى !