نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

مەرگەن – ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر(720P ئېنىقلىقتىكى خاتىرە فىلىم)

مەرگەن - ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر(720P ئېنىقلىقتىكى فىلىم)

جەڭگاھتىكى ئەجەللىك زەربە بېرىش كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى مىلتىق ياكى زەمبىرەك ئەمەس، بەلكىم دەل ئۆزى يالغۇز ھەرىكەت قىلىدىغان مەرگەنلەردۇر. مەزكۇر فىلىمدە ئافغانىستان، ۋېيتنام ۋە ئىراق قاتارلىق جايلاردىكى جەڭدە مەرگەنلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بىر نەپەر مەرگەننىڭ(狙击手) رىياسەتچىلىكى ئاستىدا, دۇنيادىكى ئەڭ يامان مەرگەنلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى ھەربىي تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پەن-تېخنىكا ۋە ھېسسىياتنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان…

كانادالىق مەرگەن Robert Furlong تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تېلىۋېزىيەسىدە ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى تارىخى ۋەزىپىسى – 1.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىن، تالىبان تېرورچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. مەزكۇر فىلىمدە باشقۇرىلىدىغان سىنارەد ئىلمى، جەڭ تاكتىكىسى، قوراللىنىش ۋە پىستېرما قاتارلىقلارنى جانلىق ھالدا زىيارەت قىلىش، كارتون ۋە تەقلىدىي قارىغا ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەر بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.

بىز ئوينايدىغان كۆپ قىسىم ئۇرۇش خاراكتېرلىك كومپيۇتېر ئويۇنلىرىدىمۇ، كۆپىنچە مەرگەن ئۈچۈن مەخسۇس بىر پېرسوناژ سەپلەپ بېرىلگەن بولىدۇ. مەسىلەن «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى» دە مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان مەيدان، ئىككى مەرگەننىڭ يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ مەخپىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان مەيدان بولۇپ، كىشىگە ھەقىقىي مەرگەننىڭ ھوزۇرىنى بېغىشلايدۇ. يەنە بۇنىڭدىن باشقا مەرگەن ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىملەرمۇ نۇرغۇن.

720P لىق سۈزۈك نەشىرىنى چۈشۈرۈش(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

مەرگەن – ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر(خاتىرە فىلىم) | مەنبە: torhumar.com | خەنچە يېزىق ھۆججىتى

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 6 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
ماۋۇسى تاللاپ كۆرىدىغان يازمىلار
  1. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇندا بولسا كۇرىمىز جۇما …بىز 5 كىلومىتىر يەدىنمۇ ئىتىپ كۆزىنى چەللەيمىز جۇمۇ … نىمە ئۇ 1.5 كىلومىتىر …

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي…2G لىق كىنوكەنغۇ،،،خەپ،،بوپتۇ چۈشۈرەي…

  3. نەزەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشمىدىغۇ ؟مەن بۇ توردىكى كارتونلارغا خېلى ئامراق!لىكىن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى باسسام چۈشمەي تۇرىۋالىدۇ.بولسا مۇشۇنى بىر .ئوڭشىۋەتسەڭلا~~~~

    • پرېستان :

      مەن چۈشۈرۈپ بولدۇم، ئادرېس نومال ئىكەن.

  4. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ فىلىمنىڭ كاتتىلىقىدىن…ئېلانلار تولۇق چىكىلدى ئەمىسە! :oops:

 汗