نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > مــۇڭ كـۈيــلــەر > يازما مەزمۇنى

ھەرخىل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى بىرىكتۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان يېقىملىق مېلودىيەلەر!

ھەرخىل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى بىرىكتۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان يېقىملىق مېلودىيەلەر!

مەيلى مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، ياكى Apple نىڭ Mac OS مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، مەشغۇلات سېستىمىسى ئۆزى تەمىنلىگەن ھەرخىل ئاۋاز ئۈنۈملىرى تولىمۇ ئۆزگىچە نەپس لايىھەلەنگەن ھەم كىشىنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز كۆتۈرۈلمەيدۇ. يېقىندا توردىكى بىر قىسىم ئىشى يوق بىكار قالغان خەقلەر مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنلىگەن بۇ پارچە ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆزگىچە بىر خىل مېلودىيەلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

1. Windows XP بىلەن Windows 98 نىڭ بىرىكمە ئاۋاز ئۈنۈمى
Windows XP بولسۇن ياكى Windows 98 بولسۇن، ھەممىسى كلاسسىك مەشغۇلات سېستىمىلىرى، ھەتتا نۇرغۇنلىرىمىز تا ھازىرغىچە Windows XP ئىشلىتىمىز، بۇ سېستىمىدىكى بىر قىسىم سېستىما ئاۋاز ئۈنۈملىرى ھەتتا بىزگە تولىمۇ تونۇش بولۇپ كەتكەن، يېقىندا ياپونىيەلىك مۇزىكا مەستانىلىرى بۇ ئاۋازلارنى كىرىشتۈرۈپ يېڭىدىن بىر خىل مۇزىكا ئۈنۈمىنى ئىشلەپ چىققان.



2. Apple مۇزىكىسى
بۇ مۇزىكىدىكى بارلىق ئاۋاز ئۈنۈملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى Mac OS X. قارىماققا Mac OS نىڭ ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى بىرىكتۈرۈپ بىر مۇزىكا قىلىپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەستەك بىلىنسىمۇ، بىراق مەزكۇر مۇزىكىنىڭ ئاپتورى Napoliens بۇ ئەسىرىنى يەنىلا توردا ئېلان قىلغان.



3. Gates to Hell
قارىماققا بۇ مۇزىكىنىڭ ئىسمى ئازراق غەلىتە بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق بۇ مۇزىكا پۈتۈنلەي Windows سېستىمىسىنىڭ ئاۋاز ئۈنۈملىرى ئاساسىدا كىرىشتۈرۈپ چىقىلغان، مۇزىكا سېزىمى ئانچە يوق بىر ئادەممۇ مۇزىكىدىكى ئۇدارلارنى ئاڭلاپلا سېزىۋالالايدۇ.



4. Windows XP ۋە Windows Vista نىڭ ئاۋاز ئۈنۈم بىرىكمىسى
بۇ مۇزىكىنىڭ ئۇدارى بىر ئاز تېز، بىراق پۈتكۈل مۇزىكىنىڭ ئۈنۈمىنى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ.





无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 3 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەستا،ما كارامەتنى… :eek:

  2. beginner : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 1-سىنىڭ mp3 نى ئاڭلىغان ، لىكىن سۈرىتى بىلەن كۆرسە تېخىمۇ پەيزى بولىدىكەن

  3. دىلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1-چىسنى 魂斗罗 نىڭ تەگلىك مۇزىكىسى قىسا بولغىدەك :wink:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)