Windows تىكى كۆك ئېكران بولۇۋېلىش ئەسلى مۇنداق باشلىنىپتىكەن…
گەرچە ھازىر Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مۇقىملىقى خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمەنكى، خېلى كۆپ ساندىكى Windows ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم Windows تىكى كۆك ئېكران ھادىسىسىنىڭ تەمىنى چوقۇم تېتىپ باققان، بۇ بولسا ئەينى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق Windows 98 نى ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ، يىغىندا بىلگەيتىس Win98 نىڭ USB ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرسەتمەكچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن كۆك ئېكران(Blue Screen) ھادىسىسىگە يولۇقىدۇ ۋە نەقمەيداندا ئىنتايىن گاڭگىراپ قالىدۇ، بىراق سۆزمەن ۋە ئىنكاسى تېز خىزمەتچى خادىمنىڭ ياردىمىدە، بۇ ئىشلارمۇ كۈلكە بىلەن تېزلا بېسىقتۇرىلىدۇ…
李开复 نىڭ دېيىشىچە، ھازىر بۇ خىزمەتچى خادىم ئاللىقاچان بازار ئىگىلەش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورىدىن ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن لېدىرغا ئۆسۈپ كېتىپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: USB,windows
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 675 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows-blue-screen.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > دالا موتسىكلىتى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر ئويۇن – رېفلىكىس(MX vs. ATV Reflex)
- كېيىنكى يازما > ئەخلەت ساندۇقىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە تازىلاش قورالى – BinManager
win7دە مۇنداق ئەھۋال قەتئىي يۈز بەرمەيمىش(ماڭا دېسكىنى ساتقاندا شۇنداق ۋەدە قىلىپ بەرگەن) لىكىن قىتىپ قالىدىغان ئىشلار ئانچە -مۇنچە يۈز بىرىپ تۇردى، بولۇپمۇ كىنو كۆرگەن چاغدا، كىيىن 解码器نى يىڭىلاپ يۈرۈپ ئوڭشىۋالدىم، مۇشۇ كومپىيۇتېر ساتىغانلار نىمانداق دۆت دەيمەن…
بۇنى ئوڭشاشنىڭ بەلەنرەك ئۇسۇلى يوقمىكەن
مۇشلارنىڭ دىگەن سۆزىنى تەرجىمە قىلغان بولسا بىزمۇ تەڭ كۇلسەك …
XP دىمۇ ھەقىچان ئۇنداق بولىشىنى بىلمەيتتى . win 7 مۇ قانداق بولىشىنى بىلمەيدۇ ھەقىچان …
مۇۋىڭ نىمە نىمە دىدىيا بۇ؟ نىمە دىگىنى بولغىيتى…
ھەي سەھرالىق تولا كومپىيوتىر ساتىدىغانلارنى ……
بىلگېيتىسنىڭمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان چاغلىرى بوپتىكەن ھە؟
كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلىدا ئۇنىڭ قانداق بولۇپ سول قولىنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۋالغانلىقى ھېكايە قىلىنغان ئىدى.
بىر قېتىم ئۇ ئىشلەۋاتقاندا ئۇنىڭ خانىمى ئۇنىڭغا قەھۋە ئەكىرىپ بېرىدىكەن، ئۇنىڭدىن قەيەرگە قويىدىغانلىقىنى سورىسا ئۇ چاقچاق قىلىپ ئوپتىك دېسكا سالىدىغان يەرنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئېسىدە يوق ئوپتىك دېسكىنى ئالىمەن دەپ شۇ يەرگە قولىنى ئۇزىتىپ ئاقىۋەتتە قولىنى كۆيدۈرىۋاپتىكەن. شۇندىن بېرى ئۇ داۋاملىق سول قولىنى يانچۇقىدىن ئايرىمايدىكەن.(ئاقسالىق قىلىپ)
ھا ھا، راست شۇنداق بىر ۋەقەلىكنى كۆرگىنىم ئېسىمدە، ئۇنتۇپ قالغىلى تۇرۇپتىمەن دېسە
ھەزىرتىم ئۆزلىرى جاھاننىڭ غەيۋىتى بىلەن ئاۋارە، ئۇنداق كىچىك شەخىسلەرنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپراتمايدىغان تۇرسىلىرى
ھە!!!!!!!!!! مۇنداق دەڭ مەن مۇشۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەي يۈرەتتىم ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە مەن تىخى شىركىتىنىڭ بىرە ئەڭ مۇھىم نەرسىسى شۇ قولىدا ئوخشايدە دەپتىكەنمەن
شۇنداق، گېنىرال(تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى)بىل گېيىتىسقا سېللانىڭ بىرىنى بېرىپتىكەن، شۇڭا ئۇ يانچۇقىدا ساقلاپ يۈرىيمىش، بولمىسا مايكول ئۇنى ئوغۇرلاپ قاچقۇدەك