نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > QQ دۇنياسى > يازما كۆرۈش

360 قورالى بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

360 قورالى بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

تۆنۈگۈن كەچتە يەنە بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى ئىنتېرنېت ئۇرۇشى پارتىلىدى، 360 قاچىلانغان كومپيۇتېردا QQ غا چىققاندىن كېيىن، QQ كومپيۇتېردا 360 نىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئوتتۇرىسدا يۆتكىگىلى بولمايدىغان كۆزنەكتىن بىرنى چىقىرىپ 360 نى كومپيۇتېردىن ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىغان، ئاندىن QQ ئاپتوماتىك تاقىلىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. بۇ يەردە كۆپچىلىككە 360 بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي…

QQ نىڭ مەجبۇرى تاقىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ، كومپيۇتېردا 360 بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش مەقسىدىگە يېتىشكە بولىدۇ:

360 قورالى بىلەن QQ نى بىرگە نورمال ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

ئەڭ ئاددى ئۇسۇل:
ئاۋال 360 نى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىمىز، ئاندىن QQ غا نورمال تىزىملىتىپ چىققاندىن كېيىن 360 نى قايتا قوزغاتساقلا كۇپايە!

بىر قەدەر مۇرەككەپ ئۇسۇل بولسا، QQ نىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مودىلى ئورنىتىلغان مۇندەرىجىنى تاقىۋېتىش:

XP دا ھەل قىلىش ئۇسۇلى:

C:\Documents and Settings\Administrator\Application Data\Tencent\QQ بۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى، يەنى كومپيۇتېرىڭىزدىكى QQ قاچىلانغان ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى SafeBase مۇندەرىجىسىگە بېرىلگەن ھوقۇقنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش ھالىتىگە تەڭشىسەك بولىدۇ.

پۈتۈنلەي رەت قىلىش ھالىتىگە تەڭشەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئاۋال، ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 工具 دىن 文件夹选项 غا، ئاندىن 查看 گە كىرىپ 使用简单文件共享 دېگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ جەزملەشتۈرىمىز، ئاندىن مۇشۇ SafeBase دېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ 属性 سىنى ئاچساقلا ئۈستىدىكى رەسىمدىكى 安全 دېگەن تۈرنى كۆرەلەيمىز، ئاندىن ئۈستىدىكى 组或用户名称 دېگەن ئورۇندىن سېستىمىدىكى ئىشلەتكۈچى ئابونتنى تاللاپ، ئاستىدىكى 拒绝 دېگەن ئورۇنغا رەسىمدىكىدەك بەلگە ئۇرۇپ جەزملەشتۈرىۋەتسەك بولىدۇ.

WIN7 دا ھەل قىلىش ئۇسۇلى:

C:\Users\用户\AppData\Roaming\Tencent\QQ مۇندەرىجىسىدىكى SafeBase ھۆججەت قىسقۇچىغا بېرىلگەن ھوقۇقنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش ھالىتىگە تەڭشىسەك بولىدۇ.

ئاندىن QQ غا قايتا تىزىملاتساق ھېچقانداق كاشىلىسىز نورمال مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايقايمىز.

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 655 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 04-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: 360-qq-gong-cun.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن باشتىن – ئاخىرى بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىمىدىم. يەنى ئۆي ۋە ئىشخانامدىكى كومپيۇتېردا ھەر ئىككى دېتال نورمال ئىشلەپ كەلمەكتە. ۋە ھېچقانداق بىرىنى ئۆچۈرۋېتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىدىم. بۇ نېمە ئىشتۇ ؟!

  2. سەنگۈن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Tencen 360 نىڭ پىشلىقىغا چېقىلىپ قويغان گەپ،Tencen چىدىيالماي قالدى…..

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭكىدىمۇ شۇنداق نورمال، ئانچە-مۇنچە ئەسكەرتمە چىققاندىن باشقا ئەھۋال يوق دىيەرلىك، سىز كۆرسەتكەن ھۆججەت مىنىڭ ئاساسى دىسكا رايونۇمدا يوقكەن،ئىزدىنىشتىن مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىنى كۆرۈپلا ئالدىراپ ئىزدىسەم يوق تۇرىدۇ،360 گىلىنى بوغۇۋەتتىمۇ بۇنىڭ… :twisted:

  4. سۈرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 360نىڭ ۋىروسخورىنىلا ئىشلەتكەن، 360قوغدىغۇچىسىنى ئىشلەتمىگەن. شۇڭا مېنىڭ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. ئالدىنقى كۈنى 360قوغدۇغۇچىسىنى قاچىلىسام ھېچ ئىش قىلغىلى قويمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا ئىككىلىسىنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ بىردىن ئىككىنى شاپىلاقلاپ قويسام جىم بولۇشتى :cool:

    • ئۇيغۇربەگ :

      قانداق سالغانتىڭىز؟ مەنمۇ ئۆگۈنۈۋالايچۇ…

    • سۈرخان :

      سېستىمىنى قايتا قاچىلىدىم شۇ :lol: :mrgreen:

  5. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندىمۇ بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلمىدى!

  6. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ كومپىيۇتېرىممۇ شۇنداق ياخشى ، 360 بىلەن چ چ شۇنداق يىقىن ئۆتىۋاتىدۇ :!:

  7. torhumar : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىيارىمىزدىكى ئۆز-ئارا ئىناقلىق، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش شۇئارى بويىچە مانا كۆپچىلىكنىڭ كومپيۇتېرىدىكى 360 بىلەن QQ مۇ ئۆم ئۆتۈشكە باشلاپتۇ :mrgreen:

    • دولقۇن731 :

      :mrgreen: :twisted: :twisted: جەمئيەت ئىتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈيلى !

  8. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ نەچچە قىتىم ئۆچۈپ قالدى،كاساپەت2 سائەت بولاي دىگەندىلا ئۆچۈپ قالىدۇ ھەرقىتىم~! يۇيۇپلا قۇتۇلدۇم ئاخىرى~~

 汗