نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

چەتئەللىكلەر ئۆزى ياساپ چىققان كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن ئالاھىدە خىزمەت سۇپىسى

چەتئەللىكلەر ئۆزى ياساپ چىققان كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن ئالاھىدە خىزمەت سۇپىسى

بۇ بولسا، چەتئەللىكلەر ئۆزى ياساپ چىققان ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى زامانىۋى تەسەۋۋۇر سىڭدۈرۈلگەن ئەگمە شەكىللىك خىزمەت سۇپىسى بولۇپ، كومپيۇتېر ۋە نۆۋەتتە تېخى Apple نىڭ iPhone، iPad، iTouch قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا جايلاردا قوللىنىلمىغان ئەڭ زامانىۋى كۆپ چېكىتلىك سېزىمچان ئېكران تېخنىكىسى سىڭدۈرۈلگەن، ئۈنۈمىنى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ! بىر قىسىم زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىشلاردىن ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزغىچە سىڭىپ كىرىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ھازىر ئۆتمۈش ئەمەس، بۈگۈنمۇ ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىگە تەۋە زامان بولۇپ كەتتى…




ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بۈيۈك 2010.12.15 , 13:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭغا قاپتۇ … ما يەرگە ئەزا بولۇپ بۈگۈن بىر تۆرىگە چىقىپتىمەن دە:grin:

    • يۈكسەل 2010.12.15 , 13:13

      ئاللاھ خۇدايىم ، سىلى نەنىڭ داموللا ، ئىشان ھەزرىتى بولغۇيتىلە ، بارغاق بەرمىسمۇ كېلىۋېرىپلا پەتىگە ؟! :arrow:

  2. يۈكسەل 2010.12.15 , 13:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما سەھرالىقلار مەسە – كالاچلىرى بىلەن كۆرپىنى ھەلەق قىلغۇچە، بىر پاتىئە قىلىۋېتەي .:grin:
    ھەي، شۇنداق بىر خىزمەت شىرەيىم بولغان بولسا قانداق ياخشى ھە ؟!…:???:

    • سەھرالىق 2010.12.15 , 13:47

      ياۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ، مەن نەچچە كۈن تۆرگە ئۆتمەيزە،‹‹ مايمۇن يوق تاغتۇرادا يولۋاس پادىشاھ››بولۇۋاپتۇ ،-ھە:mrgreen:(ماۋۇ گەپتىن پۇتاق چىقارغانلارغا تۆرنى ئۆتۈندۈم)
      2012-يىلىدىن كىيىن ھايات بولساق، كۆرەرمىز… پۇل تاپسام يۈكسەلكامغا بىرتال سوۋغا قىلىمەن:razz:

    • ئۇيغۇربەگ 2010.12.15 , 13:49

      مۇشۇ كۈنلەردە سەھرالىقنىڭ بازاغا كىرىدىغانغا چولىسى يوقمۇ نىمە؟شۇنداق ئېسىل تېخنىكىلارنى تۇنۇشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ،دىۋانغا چىقالمىغىنىنى دىسە!

  3. بۈيۈك 2010.12.15 , 15:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىرچە تۆمۈر باغاقنى ئىلىپ كىرىۋىرەي،كىيىن ئۆزۈڭلا ئەۋەتىپ قالاسىلە …:grin:

  4. estami 2010.12.15 , 16:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كونا تېخىنكا بولۇپ قالدى . lcd ياراپ قالدى چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ۋاي دەپ كەتمەڭلار. پىرنسىپىنى بىلۋاسىڭىز سىزىمۇ قىلسىز. توردىن ئىزدسىڭىز بۇ توغرلۇق ماتېرىياللار ساماندەك.

    • ۋېرۇس 2010.12.16 , 02:53

      ئەمسە سىزمۇ ياساپ بېقىپسىزكەندە ؟ بىز ئۆزىمىز ھەقىىقى قىلىپ باقماي تۇرۇپ ھەيران قېلىۋېرىمىز … ئەگەر سىز قىلسىڭىزمۇ ھەم شۇنداق !

  5. سندىبات 2010.12.16 , 03:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما بالا سەھرادىن كىرىپمۇ مايالار كالىندارىنى بىلىدىكىنا؟:???:

    • سەھرالىق 2010.12.17 , 11:05

      سەھرادا سائەت يوق،قۇياشقا قاراپ بىلىدىغان گەپ ۋاقىتنى ،سىلى دىڭىز قاراقچىلىرى بىلەن يۈرۈپ زامانىۋىلىشىپ كەتكەن بىلەن، بىز تىخى شەھەرلىكلەرگە يىتىشەلمەيۋاتىمىز:arrow:

  6. قەيسەر 2010.12.16 , 06:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمىلا دىمەيلى، تۇرمۇشىمىزدىكى بۇلۇپ ئۆتكەن، بۇلىۋاتقان ھەم بولىدىغان ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئاجىزلىقى، يوچىقى بولىدۇ، گەپ شۇنىڭدىن ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش. (مىنىڭچە ئېدىسوننىڭ ئۆمرىدە شۇنچە كۆپ نەرسە ئىجاد قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ)

  7. روھچىن 2010.12.17 , 02:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىما نەدە قالدى . ئىنكاس نەدە يۈرىدۇ ؟
    باللا بۇيەر تۆرتالىشىدىغان تەدبىركارنىڭ تويى بولمىغاندىكىن تۆرنى قۇيۇپ تىما ھەققىدە پاراڭ سوقمامسىلە ؟

  8. سادا 2010.12.17 , 10:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي-ۋۇي! ما سەھرالىقلىنى،بىر ئوبدان نەرسىنى تونۇشتۇرىۋاتسا خەق ئولتۇرۇپ بولغان تۆرنى تالاشقىلى تۇرۇپتۇ!

    • سەھرالىق 2010.12.17 , 11:07

      ئۇستام، يۈكسەلباي تۆردە تۇرۇپمۇ مىنى قارغاپ ئارام بەرمىسەيا… مەسىسىنىڭ ئۇچىدىن نوقۇپ قويدۇم خالاس:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量