ھايات ۋە كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە ياشلارغا سۇنۇلغان 24 تەكلىپ
كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىڭ ، بەزى ۋاقىتتا پۇرسەت سىز كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقاندا ئىشىكىڭىزنى يېنىك چېكىشى مۇمكىن…
1 . باشقىلارنىڭ ئۈمىدىنى يېنىكلىك بىلەن يوققا چىقارماڭ ، بەلكىم ئۇ قارشى تەرەپنىڭ بىردىن – بىر ئۈمىدى بولۇشى مۇمكىن .
2 . ئاچچىقلانغاندا ھەرقانداق قارارنى چىقارماڭ .
3 . ياللىغان ئىشچىلىرىڭىزغا ئىشنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ھەرگىز ئىش ھەققى بەرمەڭ .
4 . ھېچنېمىسى يوق كىشىلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ .
5 . ئەدەپلىك ۋە ئەپچىللىك بىلەن ‹‹ ياق ›› دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .
6 . تۇرمۇشنىڭ ئادىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ .
7 . ئەگەر بىر قېتىملىق جەڭنىڭ مەغلۇبىيىتى پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى ئېلىپ كەلسە، ئىككىلەنمەستىن كەسكىنلىك بىلەن ۋاز كېچىڭ .
8 . ‹‹بىلمەيمەن››دېيىشتىن قورقماڭ .
9 . كۈندە ئۈچ كىشىنى ماختاڭ .
10 . ھېچبولمىغاندا يىلدا بىر قېتىم تاڭنىڭ سۈزۈلۈشىدىن ھۇزۇرلىنىڭ .
11 . ھەمىشە ‹‹رەھمەت ›› دېيىشنى ئۇنتۇماڭ .
12 . باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىڭىز ، باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ .
13 . يېڭى دوست تۇتۇڭ ، كونا دوستلۇقنى چىڭىتىڭ .
14 . مەخپىيەتلىكنى ساقلاڭ .
15 . خاتالىقىڭىزنى ۋاقتىدا ئېتراپ قىلىڭ .
16 . كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىڭ ، بەزى ۋاقىتتا پۇرسەت سىز كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقاندا ئىشىكىڭىزنى يېنىك چېكىشى مۇمكىن .
17 . يامان گەپلەرگە قۇلاق سالماڭ .
18 . دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان قالتىس چارە ھەمىشە مۇستەقىل ئىشلىگۈچىلەردىن كېلىدۇ .
19. ئەگەر سىز قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى قارار قىلسىڭىز ، ئۇنداقتا ئىرادە ۋە ئىشەنچىڭىز بولۇشى كېرەك .
20 . ئەگەر سىزدە بىردانە ئانار بولسا ئامال قىلىپ ئۇنىڭدىن شىرنە چىقىرىڭ .
21 . يۇيۇنغاندا ناخشا ئېيتىڭ .
22 . كىشىلەرگە مەس ھالىتىڭىزنى كۆرسەتمەڭ .
23 . قايتۇرسىمۇ ، قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان كىتابلارنى ئارىيەتكە بېرىڭ .
24 . جۆرە تاللىغاندا ئېھتىياتچان بولۇڭ ، ئۇ سىزنىڭ %90 لىك بەختىڭىزنى بەلگىلەيدۇ .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,تەكلىپ,نەسىھەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 328 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: recommended-for-young-people.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > كىنو-فىلىم ھۆججەتلىرىنىڭ نەشىر چۈشەندۈرۈلۈش توپلىمى(كىنو چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن چوقۇم كۆرۈپ قويۇڭ)
- كېيىنكى يازما > WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى سىتاتسىكىلاش
دوسلا گوگلې (ئىزدەش)گ توربېتىڭىز نى نېمە ئىزدىسە چىقىرىش ئۇسسۇلى بارمىكىن دەيمە ،يەنە كېلىپ ئىزدەلگەن بىرىنچى قۇرغا(بېشىغا)
مەزمۇنى مۇنداق كود يازمىز گوگگېلى گە ئىزدەيدىگەن سوز يېزىلگەن زامان ئۇنى مەندە بار دەپ گوگگېلى نىڭ باشبېتىگە چىقۋالسا (ساختا ۇچۇرياسايدۇ ئىزدىگگن سوزگە ئوخشاش قىلىپ)ئاندىن ئىزدەلگگن تېمىنىڭ بىرىنچىسى بولسا توربېتىڭىز زېيارەت سانى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ
بولام دىكەن يامەن تاققا تۇققى سوزلىدىممۇ
تاققا-تۇققۇ سۆزلىگەندك قىلىسىز جۇمۇ،،،google قارى ئۇنداق بوش ئەمەس~! ساختىلىق قىلسىڭىز تور بېكىتىڭىزنى ئىزدىمەس قىلىپ قويىدۇ.
راستىنلا تاققا-تۇققۇ سۆزلەپ ساپسىز ئەمەسمۇ!؟
تاققا تۇققا پاراڭ قىلماي كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇڭلار ،بەزى ۋاقىتتا پۇرسەت سىز كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇۋاتقاندا ئىشىكىڭىزنى يېنىك چېكىشى مۇمكىن .
ئوھۇش…نەدىن كەلدى مونۇلا،ھەدەپ قايتۇرسىمۇ ، قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان كىتابلارنى ئارىيەتكە بېرىۋاتسام…
تاققا تۇققى
تاققا – تۇققۇ زەنجىر مارجان چىچىلدى ، تېرىپ بولالماي بۈگۈن يەنە كەچ بولدى