ئاتا-بالا iPhone گاز شارى ياساپ، 30,000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىنى سۈرەتكە ئاپتۇ…
بىر نەپەر ئامېرىكىلىق فوتوگراف ۋە ئوغلى بىرلىكتە نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شار، iPhone، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ۋە تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى خام-ئەشيا قىلىپ بىر دانە «ئۇچار كېمە» ياساپ چىقىپتۇ ۋە بۇ يىل 8-ئايدا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىپ، يەرشارىنىڭ سىرتقى مەنزىرىسىنى سۈرەتكە ئېلىۋاپتۇ…
Luke Geissbuhler ئىسىملىك بۇ فوتوگراف ئۆزىنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى مەكس بىلەن بىرلىكتە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان خام ئەشيالارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئۈسكۈنە ياساپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان، ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىۋالغان كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا ئالەم ھاۋا-قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى iPhone غا ساقلاپ بەرگەن.
ئاتا بالا ئىككەيلەن نەچچە ئاي كۆزىتىش ئارقىلىق، بۇ يىل 8-ئايدا گاز شارىنى قويۇپ بەرگەن، 102 مىنۇتلۇق ھاۋا سەپىرى ئارقىلىق، iPhone گاز شارىنى يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 30,000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇققا چىقارغان ۋە شۇ ئېگىزلىكتىكى كۆرۈنۈشلەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىۋالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن، زىچ ھاۋا بېسىمىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى شار ئېتىلىپ، ئومۇمى قۇرۇلما پەسكە تۆۋەنلەشكە باشلىغان ۋە يەرشارىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئاتا-بالا ئىككىيلەن iPhone دىكى GPS(خەلقئارا ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى) ئارقىلىق، بىر تۈپ دەرەخكە ئىلمىشىپ قالغان iPhone قۇرۇلمىسىنى تاپقان.
Luke Geissbuhler نىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇ دائىم ئوغلى بىلەن بىرلىكتە بىرەر يېڭىچە مەنىلىك ئىش قىلىشنى، بۇ ئارقىلىق ئوغلىغا ئازراق خۇشھاللىق ۋە ھاياجان ئاتا قىلىشنى ئويلاپ يۈرگىلى خېلى بولغانىكەن، ئۇ مۇخبىرغا: « گەرچە بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشنىڭ غەلبە قازىنىش ئېھتىماللىقى 30% بولسىمۇ، بىراق ئوغلۇم ئۈچۈن يەنىلا سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم، كۈتۈلمىگەندە تەلىيىم ناھايىتى ئوڭدىن كەلدى» دېگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: GPS,iPhone,كۆرۈنۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 961 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-balloon.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > موگو(Super Mario) ئويۇنىنىڭ 25 يىللىق مۇساپىسى | سىز كۆرۈپمۇ باقمىغانلىرى چوقۇم بار!
- كېيىنكى يازما > Windows 7 نىڭ ئۆزىدىكى رەسىم كۆرگۈچتە GIF فورماتىنى نورمال كۆرسىتىش يامىقى
ماڭە پوق تاغىرى ، نەدىكى يوق ئىشلارنى قىلماي كالىغا ھەلەپ ئەت !
سىلىگە نىمە بولدى ھەزرىتىم؟
ئاۋۇ ئادەم بالىسىنىڭ ئارزۇسىنى دەپ شۇنچە ئىشلارنى قىلىپ بېرىتىكەن ، شۇڭا « ئەگەر بىزنىڭ ئادەملەر بولسا مۇنداق قىلىدۇ » دېگەن مەقسەتتە يازغان ئىنكاستى . تەقسىرگە خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇپتۇق . ئۆزرە سورايمىز !
يەرگە چۈشكىچە كۈيۈپ كەتمىگەندىمۇ؟
ئىچىم ھەجەپ قىززىدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئىسىل… iphone نىڭ سۈرەتكە ئېلىشى ھەجەپ سۈزۈككەنغا…
تېلېفۇندېن قانداق پايدىلانغاندۇ؟بەك بېلگىم كەلدى.
ۋاي باللا شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭلىما؟
سۈرەتنى iPhone دا ئەمەس كامىرادا ئاپتۇ،(مەزمۇننى تولۇق ئوقۇڭلار) شۇڭا سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يوقىرى، ئەمەلىيەتتە iPhone دا سۈرەتكە ئالسىڭىز ئۇنچىلىك سۈزۈك چىقمايدۇ، iPhone دىن قانداق پايدىلانغاندۇ دىمەكچىما؟ iPhone نىڭ GPS ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ iPhone نىڭ، دىمەك گاز شارىنىڭ ئپرنىنى بەلگۈلىگەن، ئاخرىدا شۇ iPhone نىڭ GPS ئىقتىدارى ئارقىلىپ ئاۋۇ تېلفۇننىمۇ تېپىۋاپتۇ ئەينا…!
ئەمەلىيەتتە ئىسىل تېلفۇن جۇما بۇ… ھې ھې ھې