نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

مەكتەپ چەكلىگەن بىر قانچە ئىشلار، سىز قايسىلىرىنى قىلىپ باققان؟

ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ۋە تېپىلغۇسىز بىر مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىز مەكتەپتە ئوقۇغۇچى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، مەكتەپ بەلگىلەپ بەرگەن بىر قىسىم ئالاھىدە «ئىمتىياز»لاردىن بەھرىمان بولىمىز، شۇنداقتىمۇ بەزىدە ئۇ بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ ئىمتىيازلاردىن قۇرۇق قالىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش رەسىملەر ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىزدا قايسى ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلىقىنى بىر ئەسلەپ باقمامدۇق؟

ئاستا قاچايچۇ؟(دەرستىن قېچىش)
ھى ھى ھى، شۇ ئاشقازىنىم ئاغرىپ…(يالغان كېسەل بولىۋېلىپ رۇخسەت سوراش)
يەنە كېچىكىدىغان بولدۇم!!!(دەرسكە كېچىكىش)
ئۇيقۇ دېگەن غەزەپ كەلدى جۇما…(دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاش)
كۆزىڭىز يوقمۇ سىزنىڭ؟! ئالدىنقى قېتىم مېنى سوقۇۋەتكەنمۇ سىزغۇ؟!!(ئوقۇتقۇچىغا سوقۇلۇپ كېتىش)
ناشتىلىقنى ئەمدى ئولتۇرۇپ بىر قىلاي…(دەرس ۋاقتىدا ئۇششاق-چۈششەك نەرسە يېيىش)
CS ئاتايچۇ بىردەم…(تورغا چىقىش)
ھى ھى ھى، مەنمۇ شۇ سىزنى…(مۇھەببەتلىشىش)
ئاپا، مالىم دادامنى كېلىپ ئۆزى بىلەن بىر كۆرۈشسۇن دەيدۇ…(ئاتا-ئانىلار يىغىنى)
خەپ!!! مېنى تىللىغان شۇ ئېغىزىڭغا قوقاق چىققىيتى ئىلاھىم!!(ئوقۇتقۇچىدىن تىل ئىشتىش)
ھەي…چوڭ بولاپ قالدۇق…(تاماكا چېكىش(ئوغۇللار))
ما DJ بولىدىكەن جىما؟!!(دەرس ۋاقتىدا MP3/4/5 ئاڭلاش)
ھەي، ئاخشامقى كىنونى كۆردۈڭمۇ؟(دەرس ۋاقتىدا پاراڭ سېلىش)
نېمە دېگەن جىق تۈگىمەيدىغان تاپشۇرۇق بۇ؟!!(تاپشۇرۇق كۆچۈرۈش)

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 31 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. نۆل & بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاماكا دىگەن نەرسە چىكىدىغان نەرسىما؟ئەجەپ ئۇقمايدىكەنمىنا؟!ھەم ئۇققۇممۇ يوق …ھى ھى ھى

  2. ساداقەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھى ھى ھى ، قارىغاندا مەن ھەممىسىنى قىپ باققانداك قىلىمەن ، ھەراس ئوقۇتقۇچۇمغا سوقۇلۇپ كىتىپ باقمىدىم .

  3. خىيال : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ ئىشلىرىمنى نەدىن بىلىۋالغانسىز :arrow: :arrow: :arrow:

  4. ياپراق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا !بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنڭ بىشىدىن ئۈتكۈزگەن ئشلار،ئاددىي بىر گەپ ھەممىسى تارىخ!

  5. بويتاق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ مابەت بىلەن تاماكىدىن باشقىسىغا يولوقوپ بىقىپتىمەن

  6. زۇلپىقار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن شۇ تاماكا چىككىشتىن باشقا ھەممىسىنى قىپ بېقىپتىمەن! :lol: :lol:

  7. ئەلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن مەن ھىچقايسىسىدا يوقكەنمەن :lol:

  8. دىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۆتىدىن باشقىسىنى قىلىپ بېقىپتىمەن :mrgreen:

  9. ئارسلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىلگىرى كۈندە يولۇقىدىغان ئىشلاركەنغۇ كۆپىنچىسى1-جىسى بىلەن 3-جىسى كۈندە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار ئىدى.
    ئىككىنجىسى ھەپتىدە بىر قېتىم دېگۈدەك،ھېلى پۇتۇم ئاغرىيتى،ھېلى ئاشقازىنىم،ھېلى بېشىم، مالىم ئىشەنمىسە يالغانلاتىن كۆزۈمنى 2مىنۇت ئۇگىلايتىم شۇنىڭ بىلەن قىپقىزىل،بېشىم يامان ئاغرىۋاتىدۇ دەپ غىپپىدىلا تىكىۋېتەتتىم، بىر كۈنى ئاشۇنداق دەپ قېچىپ چىقىپ تورخانىدا ئولتۇرسام سىنىپ مەسئۇلۇم كىرىپ قالماسما.شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، كېيىن بېشىم ئاغرىسا يىراق يەرلەردىكى تورخانىغا بارىدىغان بولىۋالغان… :lol:

باھا بېتى: 1 2





باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)