زامانىۋى مۇئەللىملەرنىڭ دەرىسىدىن قېچىش ئاسان ئەمەس! «كۆكچىش(蓝牙)» بىلەن يوقلىما قىلغاننى ئاڭلىغانما؟!
يېقىندا، جىلىن ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىكرو بلوگدا ئاشكارىلىشىچە، بىر مۇئەللىم كومپيۇتېر دەرسىدە ئويلىمىغان يەردىن «كۆكچىش(蓝牙) بىلەن يوقلىما قىلىش» ئۇسۇلىنى يولغا قويغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يان تېلېفونىدىكى كۆكچىشنىڭ ئىسمىغا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق نومۇرىنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئارقىدىن مۇئەللىم كومپيۇتېردىكى مەخسۇس سېستىما ئارقىلىق بىرلا ئىزدەپ، كىم بار كىم يوق ھەممىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئۇجۇقتۇرىۋەتكەن! ئوقۇغۇچىلار بولسا ھەسرەتلەنگەن ھالدا: «مۇئەللىمنىڭ يوقلىما قىلىشىنى ئىنسانىيەت ئاللىقاچان توسۇشقا ئامالسىز قالدى، ساۋاقداشلار، كېلەر قېتىم دەرستىن قاچقاندا، يان تېلېفونىڭلارنى بىرەرسىگە بېرىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭلار» دەپ مىكرو بلوگ ئېلان قىلغان…
مەكتەپ نېمىشقا كۆكچىش ئارقىلىق يوقلىما قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، جىلىن ئۇنۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بۇ بىر خىل «ھەيدەكچىلىك ئۇسۇلى» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالىي ئوقۇللاردا، بەزى چوڭ سىنىپلاردا دەرس ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچ، ئوقۇغۇچىلار دەرستىن قاچىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد، مۇئەللىم دەرستىن بۇرۇن بىرمۇ-بىر يوقلىما قىلسا نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدىن قانداق ساقلىنىش نۆۋەتتە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەن. كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى بۇنىڭغا نىسبەتەن يېڭىدىن بىر خىل سېستىما لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، كۆكچىش تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كەلگەن كەلمىگەنلىگىنى بىلگىلى بولىدىكەن.
«يوقلىما قىلىشمۇ ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە تولۇق كېلىپ ئاڭلىيالىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈندۇر، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتناشماي ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغان ياكى سىنىپ قالدۇرۇلىدىغان ئەھۋاللار، ھەتتا ئوقۇشتىن چېكىنىدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇراتتى، بۇنىڭدىن بىزمۇ قاتتىق ئەپسۇسلىناتتۇق» دېدى مۇئاۋىن مۇدىر. نۆۋەتتە بۇ سېستىما بىر قانچە سىنىپ ئارىسىدا سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا مەسىلە بايقالمىسا، كېلەر مەۋسۈمدىن باشلاپ پۈتكۈل مەكتەپ بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قارىشى: دەرسكە قاتنىشىش قاتناشماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى دەرسنىڭ سۈپىتى
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار «مۇئەللىملەرنىڭ يوقلىما قىلىشىنى ئىنسانىيەت توسۇشقا ئامالسىز قالدى» دەپ چوقان سېلىشقان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىنكاسىمۇ بىردەك بولمىغان. مەلۇم بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «بۇ يېڭىلىقكەن! » يەنە بىرەيلەن مۇنداق دېگەن: «يان تېلېفوندىن بىرنى زاپاس ئېلىپ قويۇپ بىرەرسىگە تۇتقۇزۇپ قويساق بولغۇدەك». يەنە بىرەيلەن مۇنداق دېگەن: «يان تېلېفوننىڭ توكى قالمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟». يەنە بىرەيلەن مۇنداق دېگەن: «تاغتۇرا يان تېلېفوننىڭ بەزىلىرىدە كۆك چىش بولمىسا». يەنە بىرەيلەن ممۇنداق دېگەن: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش قاتناشماسلىقىدىكى كۆپىنچە سەۋەپ مۇئەللىملەردە، دەرسنى ياخشى ئۆتىدىغان مۇئەللىملەر تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇپ تۇرالىشى مۇمكىن.»
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، ئۆگىنىش، ئىنسانىيەت، خەۋەر، مۇئەللىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,536 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: use-bluetooth-to-call-the-roll.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى! تورخۇمار سىزنىڭ بىر تال بېلىتىڭىزگە موھتاج!
- كېيىنكى يازما > EXOdesk – كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران شەكلىدىكى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى!
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
- سىنوۋېدىن زادى كىم؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
خاتالاشمىسام،مەن دىۋاندىكەنمەن!
يازمىنى ئۇقۇپ پەستەرەپكە چۈشسەم دىۋاندا ھېچكىم يوق !
ھېچكىم بولمىغاندىكىن ئۆزىملا ئولتىرمايمۇ دەپ، توختا ! يەنە بىر قارىۋېتەي دەپ F5نى شۇنداق باسسام ، ئاللىقاچان بىرسى ئولتۇرۇپتۇ !( ھا ھا ! مەن دىۋاندا )دىگەن بولسام تازا بىر ئېچىيمەنكەن !
شۇڭا مەنمۇ يۈرۈكۈم جىغىلداپ ئاران ئولتۇردۇم ،سىز سەل بالدۇر يازسىڭىز مەن ئېچىيتىم
بۇنى دىۋان دەيمىزما؟
ياق ! پەگا دەيمىز ! ھې ھې ! ئېچىيدىغان ئادەم ھامىنى چىقىدۇ !
يازمىنى ئوقىمايلا ئولتۇردىغان ئىشكە ئەسلى!
ئوقۇغۇچىلار ھامان بىر ئامالىنى قىلىدۇ ! ئەسلى ھەمىلا ئادەم ئۈزىنى بىلسە ،يوقلىمىنىڭ نىمە زۆريىتى
دەرس ياخشى بولسا سوراپ يۈرۈپ سىنىپىغا كىرىپ ئاڭلاپ چىقىمەن. ناچار ئاقماس ئۆتسە شۇنچە توسۇپ يۈسىمۇ يەنىلا دەرستىن قاچىمەن…بۇ پېقىر بۆرەيارنىڭ خاتا ئىستىلى، تورخۇماردىكىلەر مەندىن ئۆگەنمەڭلار، ياخشى بالا بولۇڭلار، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى سىلەردە
بەزى جەلپ قىلىش كۈچى بار ئوقۇتقۇچىلار يوقلىما قىلمىسىمۇ بالىلار ئاڭلايدۇ، بەزى ئوقۇتقۇچىلار قانچە يوقلىما قىلمىسىمۇ بىكار…..
تېلىفۇنىنىڭ توكى يوقلارغا ئەلەم بولىدىكەن
بۇ خىل ئۇسۇل ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. قارشىلىققا ئۇچرىشى ئېنىق
پۇل تىجەيدىغانلارغا زىيان بوپتۇ ئەمەسمۇ،تىلفۇن ئالماشتۇرمىسا بولمىغۇدەك
كۆك چىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن ئەرزان تېلېفۇندىن بىرنى ئىشخانىدا مۇقىم قويۇپ قويۇپ ئويناۋەرسە بولغۇدەكقۇ