EXOdesk – كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران شەكلىدىكى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسى!
ئىلگىرى «ھەقىقى ئۈستەل كومپيۇتېرى Microsoft Surface 2.0» نىڭ سېتىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. Samsung ئورگان تور بېكىتى رەسمىي ھالدا 23 دۆلەتكە ۋە رايونلاردا Microsoft Surface 2.0 قاچىلانغان كومپيۇتېرلارنى سېتىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. گەرچە بۇ ئىككىنچى ئەۋلاد ئۈستەل كومپيۇتېرى دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما قارىماققا 40 ديۇيملۇق تاختا تېلىۋېزورغا ئوخشايدىكەن، تامغا ئېسىپ قويسىمۇ ياكى تەكشى جايغا قويۇپ قويسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما بۇ خىل تىپتىكى كومپيۇتېرنىڭ باھاسى 8400 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن…
EXOpc ئېلان قىلغان EXOdesk بولسا بىر خىل ئىنتېراكتىۋلىق ئۈستەل يۈزى مۇھىتى بولۇپ، ئۈستەل يۈزىدىكى مەۋھۇم بوشلۇقتا خىلمۇ-خىل ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا بولىدىكەن، surface 2.0 گە ئوخشاشلا، بىر دانە 40 ديۇيملىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بوشلۇق تەمىنلەنگەن بولۇپ، سەزمە مەشغۇلات ئارقىلىق مەۋھۇم كونتروللارنى باشقۇرغۇلى بولىدىكەن.
ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىقتىدار تەمىنلەنگەن EXOdesk نىڭ باھاسى پەقەت 1299 دوللار بولۇپ، surface 2.0 گە سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى، ئىشلەتكۈچىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. EXOdesk ھازىر 2012-يىلدىكى CES تا ئېلان قىلىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمما شىركەت تەرەپ ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات تونۇشتۇرۇلغان سىن ھۆججىتى ئېلان قىلىنغان، ئېلان قىلىنغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.
گەرچە بۇ مەھسۇلات ھازىرچە تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما سىندىن بۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەرسىنىڭ قانچىلىك ئاقسالىغىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى، RSS، Twitter قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش، يەنە تېخى مەۋھۇم پىيانىنو بىلەن مۇزىكا چېلىش، قارىماققا خېلىلا يامان ئەمەستەك قىلىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Samsung,تېخنىكا,سىن,كومپيۇتېر,كەلگۈسى,مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: exodesk-the-future-of-desk-computer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قانداق قىلغاندا باشقىلارغا تۇنجى تەسىرنى ياخشى ۋە مۇكەممەل بەرگىلى بولىدۇ؟
- كېيىنكى يازما > تۆت يىل ئىچىدىكى 50 خىل چوڭ تىپتىكى ئويۇننىڭ تەشۋىقات فىلىملىرىنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەنگەن MV!
مەن دىۋاندىمۇ؟
مەن بۇرۇن دىۋان قىزىقمايتىم، ئاۋۇ سەھرالىق ئاداش مىنى قىزىقتۇرۇپ قويدى،
باھاسى چۈشسە ئالارمىز ، ،
پەنجىر، دىۋان-پىۋان، تام-تورۇس ھەممىسنى ئىگىلەپسىزغۇ
توۋا،مۇنۇ يامان ئادەت ماڭا نەدىن يۇقتىكىن،
كەمىنە بۇندىن كىيىن ناچار ئادەتلىرىنى تۈزەتمەكچى… يېڭى يىلدا بىر ياش قېرىدۇق… شۇڭا دىۋان تالاشماي، مىغىزلىق ئىنكاس يازىمىز ماندا
ھەي….
بولماپسىلەر جۇمۇ! ماڭا ھىچنىمە قالماپتۇ
تېمىنى ئوقۇۋالغانسىز؟
يازما نەدە ، ماۋۇلارنىڭ پارىڭى نەدە ، داۋاملىق دىۋان دىۋانلا دىگەن
جاپا تارتىپ تىما يوللىسا ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ تايىنى يوق ، ھەممىسى دىۋان دەردىسە سەرسانە ..سەرسانە كېچىكىپ قاپتىمەن دەپ قويۇشلىرى قىززىق
شۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللىسا مۇناسىۋەتسىز بىر دىۋانلارنىڭ گىپىنى قىلىپ ئولتۇرىدىكەنسىلەر بالىلار.