نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

تۆت يىل ئىچىدىكى 50 خىل چوڭ تىپتىكى ئويۇننىڭ تەشۋىقات فىلىملىرىنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەنگەن MV!

50-games-in-one-video

دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم قىزغىن ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بىر بۆلەك نادىر MV ئىشلەپ چىققان، سىننىڭ ئۇزۇنلىقى ئۈچ مىنۇت 32 سكونت كېلىدىغان بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بېرىقى ۋە ئالدىمىزدا بازارغا سېلىنماقچى بولغان جەمئىي 50 خىل ئويۇندىن تەركىب تاپقان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئويۇنلاردىكى بىر قىسىم نادىر كۆرۈنۈشلەر ۋە تەشۋىقات فىلىملىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇ كۆرۈنۈشلەردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ باقايلى، سىز قايسىلىرىنى ئويناپ بېقىپتىكەنسىز؟ قايسى ئويۇنلارغا بەكرەك قىززىقتىڭىز؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 9 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. سەزگۈرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ھا يەنە بىر دىۋان قېنى ما سەھرالىق بىلەن ئۇيغۇربەگ

  2. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پارىس شاھزادىسى بۇ تىزىملىككە كىرەلمىدىمۇ نىمە

    • باتۇرخان :

      20 سىكۇنىت بولغاندا چىقىدىغىنى پارىس شاھزادىسى شۇدۇ؟ ئالدىرمايراق كۆرۇپ باقماملا؟

    • مىسران :

      1 مىنۇت 20 سېكونت دېسىە، 20 سېكونتتىكىسى قاتىلنىڭ ئېتىقادىكەن… ھا ھا…. ئۇنتۇلغان قۇملار دېگەن ئاخىرقى نەشرى…..

  3. نۇرقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قورال بېلەن ئېتىشىدىغان ئويۇن ۋە تاكتىكا ئويۇنلىرىنى ئوينىغىلى ئامراق ئىدى. ئەمما كومپيۇتېرىم قېرىپ تولا قىزىيدىغان بولىۋالدىم، كومپيۇتېر ئالماشتۇرمىسام ئويۇن ئويناشقا مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە كىلىپ ئويۇن ئوينىغۇدەك ۋاقتمۇ چىقمايدىغان بولۇپ قالدى.

    • سەھرالىق :

      سىلە cf ئوينايلا بىلىمىز :mrgreen: …ئەمما تور سۈرئىتى ياخشى بولمىسا ئوينىغاننىڭ پايدىسىمۇ يوقكەن…شۇڭا ئۆز كومپىيۇتېرىدا ئويۇن ئويناشمۇ بىر خىل خۇشاللىق ئىش(سۆرىيەلىسىلا) :lol:

  4. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    真人快打 دەيدىغان بىرسى بولىدىغانتى… ئاشۇنىڭغا ئامراقتىم مەن… ئاندىن ماشىنا يوقتەك كۆردۈم،ئاۋۇ ئالۋاستى يىغىسى مەن ئەڭ ئامراق ئويۇن شۇ… :mrgreen:

  5. مىسران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېلېكتىرونلق ئويۇن چەتئەللەردە ئايرىم بىر مەدەىيەت. بۇ يەردە پەقەت كىچىك بالىلارنى رام قىلىدىغان ئېمىزگىگە ئوخشىتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىزمۇ كۆردۇق، بىر داڭلىق ئويۇننىڭ كىرىمى بىر داڭلىق فىلىمنىڭ كىرىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، مەن بۇ فىلىمدە چىققان ئويۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بىلىدىكەنمەن، نەچچسىنى ئويناپ تۈگەتتىم. ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى ….

  6. شرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىم خېلى ياخشى كىرىشتۇرۇلۇپتۇ :mrgreen:

 汗