نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئېلىمېنتلار دەۋرى جەدۋېلىگە يېڭىدىن قوشۇلغان ئىككى خىل ئېلىمېنت – ئەر ۋە ئايال(قىزىقارلىق ئوخشىتىش)

table-of-elements-man-and-woman

ئايال: ئادەتتە سىرتقى شەكلى سەل يۇمۇلاق ،بىلگىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا قايناش نوقتىسىغا يېتىپ ،خالىغان ۋاقىتتا قېتىشىدۇ .مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغاندا بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئېرىتمە ھالىتىنى ساقلايدۇ .بولمىسا تولىمۇ ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ ….

ئەڭ يېڭى پەن -تېخنىكا نەتىجىسى: ئېلمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىگە يەنە ئىككى ئېلمېنت قوشۇلدى .

ئېلمېنت نامى:ئايال

ئېلمېنت بەلگىسى:wo
ئاتۇم ئېغىرلىقى:ئۆلچەش قىيىن
فىزىكىق خۇسۇسىيىتى :ئادەتتە سىرتقى شەكلى سەل يۇمۇلاق ،بىلگىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا قايناش نوقتىسىغا يېتىپ ،خالىغان ۋاقىتتا قېتىشىدۇ .مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغاندا بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئېرىتمە ھالىتىنى ساقلايدۇ .بولمىسا تولىمۇ ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ .
خېمىيىلىك خۇسۇسىيىتى:تولىمۇ ھەرىكەتچان ،ئوڭاي ئۆزگىرىدۇ، يۈكسەك دەرىجىدە تۇراقسىز،قىممەتلىك مېتاللاردىن پلاتېنا ،ئالتۇن ،كۈمۈش ھەمدە ھەرخىل قىممەتلىك ياقۇت ۋە بويۇملار بىلەن ئاسان بىرىكىدۇ .يالغۇز تۇرغاندا ئۇڭاي پارتلايدۇ .ئەلا سۈپەتلىك گىرىم بويۇملىرىنى ئاسان سۈمىرىدۇ .ئۈزىدىنمۇ يالتىراق جىسىم بىلەن تۇرغاندا يېشىل نۇر چىقىرىدۇ .
ئىشلىتىلىشى : كۈچلۈك ھوزۇرلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە تۇسالغۇ ئېلمېنت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇيقۇ دۇرىسى ،پۇل ئىزىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ .
دىققەت: مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا ئۇڭاي ئوت ئالىدۇ ،شۇڭا غەيرى كەسىپتىكىلەر چېقىلماڭ.

ئىلمېنت نامى: ئەر

ئېلمېنت بەلگىسى:ma
ئاتوم ئېغىرلىقى :ئۆلچەش قىيىن
فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى :ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا تاشقى قەۋىتى بىر قەدەر قاتتىق ،كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىغاندا شەكلىنى ئۇڭاي ئۆزگەرتىدۇ .wo بىلەن بىرگە قويغاندا ،باشقىچە تاشقى قىياپەتكە كىرىدۇ توك ئۆتكۇزۈش ئىقتىدارى ۋاقىتنىڭ ئوزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ بارىدۇ .
خېمىيىلىك خۇسۇسىيىتى :ھەرقانداق توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ wo بىلەن بىرىكەلەيدۇ ،زور مىقداردىكى ma بىلەن بىرگە تۇرغاندا بىرقەدەر كۈچلۇك بىرىكىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالايدۇ، يوقۇرى قويۇقلىقتىكى ئىسپىرتقا چىلىغاندا ،خېمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن تۇراقلىق بولىدۇ .
ئىشلىتىلىشى: نامەلۇم، بەلكىم بۇزۇپ چېچىلىدىغان پاتقاق گازىنىڭ خام ئەشياسى بولىشى مۇمكىن .
دىققەت : wo بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئايرىم تۇرغاندا سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2012.01.23 , 23:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانىلەر ئالغا!!!!:mrgreen:

    • ئۆركەش 2012.01.24 , 00:05

      بۈگۈن تورخۇمار نىڭ دىۋانى سىزگە ئوڭچە قاپتىغۇ:evil:

  2. ئۇچقۇر 2012.01.23 , 23:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي قارىم بىرە تېرىم دىۋاننى دەپ دىۋانى بولاپ كەتتۇقما ئەمدە ؟؟:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  3. جاھانكەزدى 2012.01.25 , 13:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك قىززىقكەن، ئىشقىلىپ بۇ ئىككى خىل يىڭى ئېلمېنت تۇرمۇشتىكى بەزىلەرنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ!:mrgreen:

  4. ئۇيغۇرباي 2012.01.25 , 19:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان تالىشىمەن دەپ بوسىغىدا يىقىلىپ چۇشۇپ ، ئوتتۇر چىشىڭىلارنى سوندۇرۋالماڭلار يەنە .
    تورخۇمار جاپا تارتىپ يازغان تېما نەدە ؟!
    سىلەر بۇ يەردە پاچە پۇل تالىشىپ …
    مەنچە ئىلنىېنتلار دەۋرى جەدىۋىلىدە مۇشۇ ئىككى نەرسىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلاتتى . بۇنى مەن قۇشاي دەپ بولغىچە باشقىلار قوشۇپ بوپتۇ ئەمەسما~:???:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量