نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

تۇرمۇشتىكى ئاشۇ بىر قىسىم ھەقىقەتلەر: مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ۋە مەغلۇبىيەتچىلەر

تۇرمۇشتىكى ئاشۇ بىر قىسىم ھەقىقەتلەر: مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ۋە مەغلۇبىيەتچىلەر

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كاللىسىنى ئىشلىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە – ئۇسۇلىنى ئىزدەيدۇ.مەغلۇبىيەتچىلەرمۇ كاللىسىنى ئىشلىتىدۇ، لېكىن جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە باھانە تېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

*  مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بولىدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەر ھەمىشە قۇرۇق گەپ سېتىشقا ئامراق كېلىدۇ.

*  مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەسىللەرگە يولۇققاندا، ھەمىشە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەر قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالماي، نەتىجىدە مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەنزىلىگە يېتەلمەيدۇ.

*  مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار كىشىلەر ۋە ئىشلارغا خۇشخۇي پوزىتسىيە تۇتىدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەردە ئۆزىگە ئىشىنىشن كەمچىل بولغانلىقتىن، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن ھەمىشە ئۆزىنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.

*   مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارنىڭ پىكرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلايدۇ ۋە ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەر  يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ سەمىمىي نەسىھىتىنى   «ۋايىزلىق قىلدى»، ئۆزىنى ماختاشقا ئامراق دەپ قارايدۇ.

*  مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار تىرىشىپ ئىشلەيدىغانلارنى، نەتىجە قازانغانلارنى ھۆرمەتلەيدۇ ھەمدە ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە يېتەرسىزلىكىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ.

*   مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمىنى قانداق تەڭشەشنى بىلىدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەر پەقەت ئىككى خىل رېتىمنىلا تونۇيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەسەبىيلىشىش ۋە مەيۈسلىنىش.

*   مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ۋاقىتنى ئۆز – ئۆزىنى تولۇقلاش ۋە ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەر ۋاقىتنى باشقىلارنى تەنقىدلەشكە سەرپ قىلىدۇ.

*  مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار پۈتۈن زېھنىنى پۇرسەت كۈتۈشكە سەرپ قىلىدۇ.

مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا پەقەت قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرلا بولىدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. قاينام69 2011.01.19 , 02:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەغلۇبىيەتچىلەر بىلەن غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ پەرقى مۇشۇنداق ئىشلار تەرىپىدىن پەرىقلىنىپ قالىدۇ .

  2. يۈكسەل 2011.01.19 , 02:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەغلۇبىيەت غالىبىيەتنىڭ ئانىسى، دەپ يازغانمەن يۈكسەلدىكى يېڭى يازمىغا …:oops:

    • سەھرالىق 2011.01.21 , 00:23

      مۇۋاپىقىيەت مەغلۇبىيەتنىڭ بالىسى؟
      بۇ ئىككەيلەن ئەسلى ئۇرۇق-تۇغقانكەندە…

  3. قەيسەر 2011.01.19 , 11:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :cry:قارىغاندا مەن مەغلۇبىيەتچى ئوخشايمەن، ھې ھې ھې، بىراق غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ پىرىنسىپىمۇ خېلى باركەن…… شۈكرى ئېيتايل.

  4. ئىنتىزار 2011.01.19 , 14:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئەتتىگىنى بالدۇر تۇرۇپ ، خەيرىلىك بىر كۈننى باغىرىغا بېسىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچىلاردۇر .
    مەغلۇبىيەتچىلەر كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ئاران يوتقانلىرىدىن سوغۇرلۇپ چىقىپ ، چۈشكە يېقىن ئاران ناشتا قىلىپ ، زامان – ماكاندىن كەچكىچە ئاغىرىنىپ ئۇخلاپ قالىدىغانلاردۇر .

  5. مېستر01 2011.03.12 , 18:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كالۋا قۇش ئالدىدا ئۇچىدۇدىگەننى ئەمدى چۇشەندىم..

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量