مىكروسوفت شېركىتىنىڭ يوقلىمىسى، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاجايىپ تەدبىرلىرنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق
سېئاتىلغا جايلاشقان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە، 40نەپەردىن ئارتۇق پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئەڭ قابىل it «قاتىل »لىرى خىزمەت قىلىدۇ. بۇلار ھەريىلى مىكروسوفت ئۈچۈن زور مىقداردىكى بايلىق يارىتىپ بېرىشىدۇ، شېركەتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنى ئىنتايىن ئەلا مۇلازىمەت بىلەن كۈتىدۇ ۋە پاراۋانلىق سىياسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
خادىملارنىڭ ئىجادىيلىق كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، مىكروسوفت بۇ ئالاھىدە خادىملار ئۈچۈن تولۇق دېگۈدەك ئەركىنلىك بەرگەن. بۇيەردە خىزمەت قىلسىڭىز ، ھەۋىسىڭىز تۇتۇپ قالغاندا خالىسىڭىز ۋاسكىتبول ئوينسىڭىزمۇ، چېنىقىش ئۆيىدە چېنىقسىڭىزمۇ، سۇ ئۈزۈش زالىدا سۇ ئۈزسىڭىزمۇ، قەھۋە ئېچسىڭىزمۇ ھەتتا مەخسۇس ئۇۋىلاش مەركىزىدە بەدەن ئۇۋىلاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت سىزلا خالىسىڭىزلا سىز پۈتۈنلەي خۇددى ئۆز ئائىلىڭىزدە تۇرغاندەك ئازادىلىك ھېس قىلىسىز. ئەگەر قانچىكى ئالاھىدە خادىم بولسىىز،شۇنچە كۆپ ۋە قالتىس ئەلا شارائىتتىن بەھرىمان بولىسىز. شېركەتنىڭ مۇنداق بىر قائىدىسى بار: شىركەت خادىملىرى دەل ۋاقتىدا ئىشقا چىقىشى ۋە چۈشۈشى كېرەك، ئەگەر ئىشقا چىقىش ۋاقتىغا ئازقالغاندا قەھۋە ئېچىۋاتقان بولسىڭىز، ئاخىرىنى شىركەتتە ئولتۇرۇپ ئېچىشىڭىز كېرەك.
بىراق بۇخىل ئازادىلىك خادىملارنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ، ئامېرىكىلىقلار كېچىلىك تۇرمۇشنى ياخشى كۆرگەچكە، خادىملار دائىملا خىزمەتكە كېچىكىپ قالىدۇ، بۇ ئىشنىڭ دەستىدىن مەسئۇل دىرېكتورنىڭ بېشى بەكلا قاتىدۇ.
كېيىنچە مەسئۇل دېرىكتۇر خىلىلا قاتتىق بولغان مۇكاپاتلاش -جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت يوقلىمىسىنى كۈچەيتمەكچى بولىدۇ. بىراق بىرەر كىشىمۇ بۇ تۈزۈمگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. كېچىكىپ قالغاندا تەكەللۇپنى بىلىدىغانلىرى دىجۈرنى خادىمغا قاراپ دولىسىنى چىقىرىپ، كۈلۈمسىرەپ قويۇشسا، تەكەللۇپنى بىلمەيدىغانلىرى ھېچنىمە بولمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بىر قېتىم، بۆلۈم دېرىكتورى لەيت ئىسىملىك بىر يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرىنىڭ مائاشىدىن كېچىكىش قېتىم سانىغا ئاساسەن 200دوللار تۇتۇپ قالىدۇ، لەيت بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاچچىقىدا بىراقلا ئىستىپانامە تاپشۇرىدۇ. بۇ ئىش چوڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەتتا بېل.گېيتىسمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۆلۈم دېرىكتورى خاتا قىلمىغان، لېكىن لەيت ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش بۆلۈمى تەكلىپ قىلغان ئالاھىدە تالانت ئىگىسى ئىدى. ئامالسىز قالغان بېل.گېيتىس ئۆزى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا لەيتنىڭ 200دوللار پۇلىنى تولۇقلاپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى بېسىقتۇرغان بولىدۇ.
لەيت شىركەتتە قىلىپ قالىدۇ، ئەمما ئىشقا كېچىكىش ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟
بىركۈنى، بېل.گېيتىس چىملىقتا ئايلىنىپ يۈرگەندە، شېركەتنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا نەزەر تاشلاپ قالىدۇ. 50 ئورۇن بار ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا 40 نەچچە ماشىنا توختىتىلغان ئىدى، ئەمما يېقىن ئەتىراپتىكى مەلۇم كېچىك شېركەتنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنى يېتىشمىگەچكە، بەزىلەر ئامالسىز ماشىنىسىنى يىراق ئورۇندىكى يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. بۇكۈزىتىشتىن كېيىن بېل.گېيتىسنىڭ كاللىسىدا بىرياخشى چارە يالت قىلىپ ئۆتىدۇ.
ئىككىنچى كۈنى،بېل.گېيتىس بۆلۈم دېرىكتورىغا ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن 10نى سېتىۋىتىپ، پەقەت 40 ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
شۇكۈنى چۈشتىن ئاۋال سائەت 10دا، بىرقىسىم خادىملار بۆلۈم دېرىكتورىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، ماشنا توختىتىش ئورنىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ماشىنىسىنى قەيەرگە توختىتىشنى بىلەلمىگەنلىكى ھەققىدە ۋايسايدۇ. بۆلۈم دېرىكتورى ئۇستاتلىق بىلەن خىجىل بولغان ھالدا: ماشىنا توختىتىش ئورنىنى ئىجارىگە ئالغان، ھازىر ۋاقتى توشتى، ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ ئىجارە ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلمىدى، بۇ ئىشقا شېركەتنىڭمۇ ئامالى يوق – دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئاجايىپ نەتىجە مەيدانغا كېلىدۇ. تەتقىقات مەركىزىدىكى 40 نەچچە خادىم شۇ ئىشتىن كېيىن كېچىكىپ قالمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى كىم ئازراقلا كېچىكسە ماشىنىسىنى يول ياقىسىغا توختىتىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالىدۇ-دە! ئەگەر بەكرەك كېچىكىپ قالغۇدەك بولسا تېخى يول ياقىسىمۇ قالمايتتى. بىرقېتىم بىرەيلەن ئىزىلەڭگۈلۈك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ماشىنىسىنى شىركەتتىن بىر ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى يول ياقىسىغا توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن مىكروسوفت تەتقىقات مەركىزىدە خادىملارنىڭ ئىشقا كېچىكىش ھادىسىسى يۈزبەرمەيدىغان بولۇپ كەتكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: it، Microsoft، تۇرمۇش، جەمئىيەت، خىزمەت، قىزىقارلىق، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,005 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: microsoft-named.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىن بىزگە يەنە بىر دەرىس | جۇمھۇرىيەتچى رومنينىڭ تەن بېرىش نۇتۇقى
- كېيىنكى يازما > «گامنام ئۇسلۇبى(Gangnam Style)» ۋە كورىيەدىكى باي-نامراتلىق پەرقى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
تورخۇمارشېركىتىگە خادىم بولۇپ كەتتۇق…
قالتىسكەن ھە؟ بىل گەيتىسكە ئوخشاش پۇلدارلارنىڭ كۈزىتىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ باشقىلاردىن پەرقى دەل ئاشۇنداق ئاددى ئىشلاردا بولىدۇ….
ئىم! تورخۇماردا دىۋاندا ئولتۇرۇپ قالدىممۇ نىمە؟
ئەستاغپىرۇللا! سەت بولدى ھە
«ۋەتەن» مەندىن بۇرۇن كەپ بوپتىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇقۇشماستىن دىۋان تالىشىپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟
رەنجىمىگەيلا «ۋەتەن» ئاغا
ھېچقىسى يوق كىچىكلەر چوڭلارغا ئورۇن بېرىش جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى . سىز ھامان دىۋاندا ئولتۇرىسىز ، مەيۈسلەنمەي ،داۋاملىق تىرىشىڭ . دىۋان ساقلاپ تۇرغانلارغا ئەمەس، ماراپ تۇرغانلارغا مەنسۈپ!
ۋېلسىپىت مېنىش سالامەتلىككە پايدىلىق !
مەكتەپتىكى چاغلاردا كېچىكىش شاھىتىم
بۇ بەك ياخشى تەدبىركەن لىكىن مەن تىمىنى بىر قانچە كۈن بۇرۇن باشقا تور بەتتە كۆرگەنتىم. يا ئىككى بىلوگ بىرمۇ يە
ۋەتەن بلوگى بولۇشى مۇمكىن
ئۆيى بىلەن خىزمەت ئورنىنىڭ ئارلىقى 60 كىلومىتىردىن ئاشىدىكەن، بۇنچە ئۇزۇن ئارلىقنى كىممۇ ۋېلىسپىت بىلەن كەپ كىتىپ ئىشلىيەلەيدۇ.
مەن ئوقۇغان ۋاقىتتا ئەزەلدىن كېچىكىپ باقمىغان
چۈنكى كېچىكىپ قالىدىغانلىقىمنى بىلگەن ھامان مەكتەپكە بارمايتىم!!~~~~
ئۇسۇلىمىز ئوخشاشتىكەن -ھە، بۇ بەك پاكىزە ئامال
تولۇقتا بىر ئاي ئەتتىگەندە توختىماي 15 كۈن كېچىكىپتىكەنمەن، كىم كېچىكسە، شۇنىڭ دەپتەرگە ئىسمى يېزىلاتتى، مېنىڭ ئىسمىم يېزىلمىغان كۈنى ئوقۇتقۇچىم ئالاھىدە دەپ ئۆتەتتى…
تولۇقتا ئۇيقۇم قانمىغان كۈنلىرى مالىمغا دەپ قويۇپ بىراقلا ئۇيقۇم قانغاندا مەكتەپكە بارىتىم ، كېچىكى] قالساممۇ رۇخسەت سورىغان دەپ يېزىپ قوياتتى ئەمما زە بۇ ئۇسۇل داشۆدە ئەسقاتمىدى . سىنىپتا بىردىنبىر ئەتىۋارلىق ئازسانلىق مىللەت بولغاچ كەلمەي قاسام مۇئەللىملەر ئالاھىدە ئىزدەپ يانفونۇمغا تېلىفون قىلاتتى رىتاگۈل ، سىزنى تېخىچە ياتىدۇ دەيدۇ ،ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ ،دوختۇرغا ئاپىرايلىمۇ دەپ
شۇنىڭدىن كىيىن كېچىكسەممۇ بارىدىغان بولغان دەرسلەرگە ، مېنىڭ دادام لىگاڭ بوممىغاندىكىن
شۇ ئۇيقۇنىڭ مېھرىگە قانمايلا ئۆتۈپ كەتكەنتىم داشۆدە ئاشۇ .. خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ئەتتىگەندە بەش سائەت رۇس تىلى چوقۇم ۋە چوقۇم بارتى
يۇرتدىشىمدىن بىرنى تېپىۋالدىممۇ نېمە ھە؟
ماۋۇ ئامال بولىدىكەن.ئۆگىنىشكە ئەرزىگىدەك.
قالتىس ئادەملەردە بۇلار.
بۇ ئۇسۇل ماڭا ئەسقاتمىغۇدەك، چۈنكى مەن موتسىكلىت بىلەن بېرىپ كېلەتتىم. ھەر كۈنى دەل بىر سائەتلا كېچىكىپ كېلىمەن. مۇئاشىمنى تۇتۇپ قالىمەن دېسە مۇئاش باشتىن كېلىدۇ. باش شىركەتتىكىلەر فېيشىن ئوچۇق بولسىلا مەن ‹ئىشقا كەپ بولغان› بولىمەن.
بۇ ئامال تېپىپ چىقاندىكى تەپسىلارلار راسلا ئويلىنىشقا ئەزىدىكەن. لىكىن تاپقان ئامالى بىزدەك ۋېلىسپتمۇ يوقلارغا كار قىلمايدۇ دە !