نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىن بىزگە يەنە بىر دەرىس | جۇمھۇرىيەتچى رومنينىڭ تەن بېرىش نۇتۇقى

تېخى تۈنۈگۈنلا تورخۇمارلارغا، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نامىزاتى ئوبامانىڭ،تاھىر ئىمىن تەرجىمىسىدىكى نۇتىقىنى سۇنغان ئىدۇق. بۈگۈن ئوخشاشلا يولداش تاھېر ئىمىن تەرجىمىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامىزاتى رومېنىنىڭ مەغلۇبىيەت نۇتىقىنى سۇندۇق. گەرچە مەغلۇب بولغۇچى بولسىمۇ ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك بىر ئەلدىكى، ئەڭ نوپوزلۇق پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامىزاتى بولمىش رومىنىنىمۇ ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. قېنى تۆۋەندە ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالايلى !

romney

ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن

تەرجىماندىن سۆز:ئوقۇمىسڭىزمۇ بولىدۇ.

(تۆت يىرىم يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ كۇچلۇك دۆلەت،دۇنيادىكى ئەڭ دىموكراتىك دۆلەت ئامېرىكىغا – ئافرىقىدىن كەلگەن بىر قارا تەنلىكنىڭ ئوغلى پىرىزدىنت بولۇشقا بەل باغلىغان ۋە غەلبە قازانغاندا ،ئامېرىكا قانۇنى ۋە ئامېرىكا قىممەت قارىشى مەۋجۇت رىئاللىقتىن چارچىغان ياشلىرىمىزغا دۇنيانىڭ بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بوشلۇقلىرىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ،ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجە ۋە ئەمەلى ئېقتىدارى دۇنيادىكى بارلىق تىللار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلنغان (تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئسپاتلانغان)نۇتۇقلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن ئۇچرىشىپ ھىچبولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۇملۇك دۆلەت تۇزۇلمىسنىڭ ئوچۇق تۇزۇلمە

بولىدىغانلىقىنى ،ئەڭ سۆيۇملۇك كىشلەرنىڭمۇ ھىچبولمىسا بىرەر ئېتىقادى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ئىدى.مانا بۇگۇن يەنە شۇ دىموكراتىيەنى قۇۋۋەتلىگۇچى ئاساسى قانۇننىڭ كۇچى بىلەن تۇنجى قارا تەنلىك ئامېرىكا پېرزدىنتى كۇچلۇك رەقىبى ھسابلانغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى رومنىينى يېڭىپ داۋاملىق سايلاندى. نامزاتلارنىڭ بارلىق ئشلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇلۇپ،باھا بىرىشكە ۋە تاللاشقا قويۇلدى ۋە سايلامدا يەڭگۇچى ۋە يېڭىلگۇچى ھەر ئىككىلسىى دۆلەت ۋە خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئوچۇق-ئاشكارا بازارغا سىلىپ،ئاخىرىدا ئوباما تاللاندى.ئايان بولدىكى، بىز ئاشكارىلىقنى ،ئادىللىقنى ،سەمىمىلىكنى،باراۋەرلىكنى سۆيىمىز.بۇلارغا ئۆزىمىز ئىرىشەلمىسەكمۇ ئىرىشەلىگەن خەلقلەر ئۇچۇن خۇرسەن بولىمىز.ۋە مۇشۇنداق يەرلىرىمىز ئۇچۇن دىيەلەيمىزكى،بىز ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ يۇكسەك ئنسانپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە خەلقمىز.نۇتۇقلار ئوقۇرمەنلەرگە داۋاملىق زوق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىغا تىلەكداشمەن.)

[ رەسمى نۇتۇق ]

رومنى :رەھمەت،رەھمەت سلەرگە.كۆپ رەھمەت.(ئالقىش)

مەن بايىلا پېرىزدىنت ئوباماغا تېلفۇن قىلىپ ،ئۇنىڭ غەلبىسنى تەبرىكلىدىم.ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە سايلام گۇرۇپپىسىمۇ تەبرىكلىنىشكە ھەقلىق.

ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە سايلام گۇرۇپپىسمۇ تەبرىكلىنىشكە ھەقلىق.مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسگە ياخشى كۈنلەرنى تىلەيمەن،بولۇپمۇ پېرزدىنت ئوباما ،بىرىنچى خانىم ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا بەخت تىلەيمەن.(ئالقىش )

دۆلىتىمىز ئامېرىكا ئىغىر كىرزىسلارغا دۇچ كەلمەكتە،شۇڭا مەن پىرىزدىنتنىڭ دۆلىتىمىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلىشنى تىلەيمەن. (ئالقىش )

مەن پائۇل رىيان (رومنىېنىڭ مۇئاۋىن زوڭتۇڭ نامزاتى-ت)نىڭ سايلام پائالىيتىمىز ئۈچۈن،شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئىيتىمەن. (ئالقىش )

پائۇل رىيان ئايالىمدىن قالسا، مەن تاللىغان ئەڭ ياخشى ھەمراھدۇر.(ئالقىش )

مەن يەنە شۇنىڭغا ئىشنىمەنكى،ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ،شۇنداقلا ئۇنىڭ دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پىرىنسپىغا بولغان ئەقىدىسى داۋاملىق دۆلىتىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. (ئالقىش )

مەن يەنە ھاياتىم بولغان سۆيگۇنۇم –ئايالىم ئانناغا رەھمەت ئىيتىمەن.(ئالقىش )

ئۇ ئەسلىدە بىر قالتىس بىرىنچى خانىم بولۇپ قالاتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ باغرى يۇمشاقلىقى ۋە ئەستايىدىللىقى بىلەن ماڭا ،ئائىلىمىزگە ۋە ئۆزى ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھەر بىر ئادەمگە شۇنداق قالتىس بىرىنچى خانىمدەك مۇئامىلە قىلىپ كەلدى.

مەن ئوغۇللىرىمنىڭ سايلام پائالىيتىمىز ئۈچۈن قىلغان ھارماس خىزمەتلىرى ئۈچۈن ،ھەم ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ -ئەرلىرى ۋە دادىلىرى ئۆيدە يوق چاغلىرىدا ئۇلارنى چۇشىنىپ قوللىغىنى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن.(ئالقىش)

مەن مات ريودائىس ۋە ئۇ يتەكلىگەن پىداكار سايلام گۇرۇپپىسى ئۈچۈن مننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. (ئالقىش)

ئۇلار پەقەت مەن ئۈچۈنلا ئەمەس،يەنە بىز سۆيىدىغان مۇشۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

بۈگۈن كىچە بۇ يەرگە يېغىلغان سلەرگە،دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىنىڭ سايلام ئۆمىكىمگە ،پىدائىيلارغا،مەبلەغ يىغىشقا قاتناشقۇچىلارغا،ئىئانە بەرگۈچىلەرگە،قوللىغان شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.مەن ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى پارتىيمىزدە سلەرنىڭ مىنىڭ سايلىنىشىم ئۇچۇن قىلغان خىزمىتىڭلارغا سىلىشتۇرغىدەك تىرىشچانلىق بولغانلىقىغا ئشەنمەيمەن.سلەرگە ناھايتى كۆپ رەھمەت.

سلەرنىڭ سائەتلەپ ئشلىگەن خىزمىتىڭلارغا،ئۇيۇشتۇرغان يېغىلىشلار،تەييارلىغان نۇتۇقلار ۋە ئۇچرىششلار ،سلەر سەرپ قىلغان بايلىق مەنبەلىرى ۋە سلەرنىڭ تەڭرىگە قىلغان دۇئايىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.سلەر بۇ خىزمەتلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن رازى بولۇپ قىلدىڭلار ۋە ئاجايىپ ياخشى قىلدىڭلار.شۇنداقلا سلەر بىزگىمۇ ئىلھام بولدۇڭلار ۋە بىزنى خىجىل قىلدىڭلار.سلەر بىز تەسەۋۇر قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى كىشلەرسلەر!

سلەرگە مەلۇمكى،دۆلىتىمىز بىر كىرزىس نۇقتىسدا تۇرۇپتۇ.بۇنداق چاغدا ،بىز تەرەپبازلىق بىلەن تالاش –تارتىششساق،سياسى رەڭۋازلىق قىلىش بىلەن دۆلىتىمىزنى خەتەرگە ئىتتەرسەك بولمايدۇ.بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز پۈتۈن دىققىتىنى خەلق خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشى كىرەك.

بىز پۇقرالارمۇ ئوخشاشلا ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كىرەك،بىز ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە پىروففىسورلىرىمىزگە ئۇمىد بىلەن قارايمىز،بىز سلەرنىڭ بىزگە تەلىم بىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا ئۆگىنىش ۋە كەشپىيات يارىتىش ئۈچۈن ئوتلۇق ھەۋەس پەيدا قىلىشىڭلارنى كۇتىمىز.

بىز بىزنىڭ پوپلىرىمىز،دىنى يتەكچىلىرىمىز ،تەربىيچىلىرىمىز ۋە ھەر تۈرلۈك مەسىھلەتچىلىرىمىزدىن بىز جەمئىيتىمىز ئاساسلىنىپ قۇرۇلغان مەڭگۈلۈك پىرىنسپلارنى رىئاللىققا چىقىرشنى كۇتىمىز:ئۇ پىرىنسپ بولسا:سەمىمىيەت (honesty)،مىھرى-شەپقەت(charity)،مۇكەممەللىك(integrity) ۋە ئائىلە (family)دۇر.

بىز ئاتا-ئانىلاردىن ئۇمىد كۇتىمىز،چۇنكى ئەڭ ئاخىرقى ئانالىز بويىچە، ھەممە نەرسە يەنىلا ئائىلىلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتىگە تايىنىدۇ.

بىز ھەر خىل خىزمەتلەرنى ياراتقۇچىلارغا قارايمىزكى،بىز سلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن مەبلەغ سىلىش،خىزمەتچى ئشلىتىشڭلارغا ئۇمىد باغلايمىز.

بىز يەنە ھۆكۈمەتتىكى ھەر دەرىجىدىكى دىموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن خەلقىمىزنى سياسىينىڭ ئالدىغا قويۇشنى ئۇمىد قىلىمىز.

مەن ئامېرىكىغا ئشىنىمەن.مەن ئامېرىكا خەلقىگە ئىشىنىمەن.(ئالقىش)

مەن ئامېرىكىغا زوڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلەشتىم،چۈنكى مەن ئامېرىكىغا كۆڭۈل بۆلىمەن.سايلام تۈگىدى،بىراق بىزنىڭ پىرىنسپلىرىمىز مەڭگۇ داۋاملىشىدۇ.مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى،دۆلىتىمىز ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان پىرىنسپلارلا گۈللەنگەن ئېقتساد ۋە يېڭىچە بۈيۈكلۇككە ئىلىپ بارالايدىغان بىردىنبىر يولدۇر.

ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن كىشلەرگە ئوخشاش،پائۇل بىلەن مەن ھەممە نەرسىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىدۇق.بىز بارلىقىمىزنى مۇشۇ سايلامغا بىغىشلىدۇق.(ئالقىش )

مەن،مەن سلەرنىڭ مىنىڭ دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ ،باشقىچە نشانغا يتەكلىشمگە بولغان ئۇمىدىڭلارنى ئاقلاشقا شۇنچىلىك قاتتىق ئىنتىزار ئىدىم،بىراق دۆلىتىمىز باشقا بىر رەھبەرنى تاللىدى.شۇڭا ئايالىم ئاننا ۋە مەن سلەرگە قوشۇلۇپ ئۇ رەھبەر ۋە بۈيۈك دۆلىتىمىزگە سەمىمىيلىك بىلەن دۇئا قىلىمەن.

سلەرگە رەھمەت،تەڭرى ئامېرىكىغا بەخت ئاتا قىلسۇن.سلەر دۇنيادىكى ئەڭ ياراملىق كىشلەرسىلەر.سلەرگە كۆپ رەھمەت.سلەرگە رەھمەت.رەھمەت.(ئالقىش )

تاھىر ئىمىن:

(شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى )



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۇرنىجات 2012.11.09 , 20:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭمۇ رۇمىنىي بىلەن ئانچە خوشۇم يوق!

    • ۋىروس 2012.11.09 , 20:24

      تونىشىدىكەنسىلەردە ? …

    • ئۇچقۇن 2012.11.09 , 20:29

      رۇمىنىي بۇرۇن مېنىڭ خوشنام ئىدى.

    • ئۇچقۇن 2012.11.09 , 20:29

      رۇمىنىي بۇرۇن مېنىڭ خوشنام ئىدى.

    • ئادىلجان ئابلىز 2012.11.10 , 19:37

      رومىنىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭ، مىنىڭچە ئۇنىڭ ئىدىيسى بىزگە پايدىلىق ئىدى.

  2. ئۇچقۇن 2012.11.09 , 20:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink: چاقچاق

  3. ش.ئە.ئۇيغۇرى 2012.11.09 , 23:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەرجىمىسىنى سۇنغان تاھىرجانغا رەھمەت، مەن ئەتىگىچە بۇنى فىلىمگە كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىپ قوياي

  4. باھادىر 2012.11.10 , 02:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجرىڭىزگە رەھمەت، شۇ كۈنىلا توردىن ئىزدەپ كۆرگەن ئىدىم، ئېگىلىزچەم تايىنلىق بولغاچقا چالا-پۇلا چۈشەنگەن ئىدىم، بۇ يەردە تەرجىمىسىنى كۆرەلىگىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم

  5. داداش 2012.11.10 , 12:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس ئادەملەر ياشايدىغان قالتىس دۆلەت !

  6. ۋاپاسىز 2012.11.10 , 21:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچان تەرجىمە قىلىپ بولغانسىز

  7. تورباجىن 2012.11.11 , 23:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نوتۇقنى شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىكىلەر ئۇيغۇر خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ بوپتۇ.

  8. پەخرى 2012.11.13 , 03:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا ياخشىمۇ؟تورخۇمار يىڭلانمايدىغۇ؟‹كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ؟›:oops:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量