نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

جۇڭگودىكى تۇنجى نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسى مويەننىڭ نوبېل مۇكاپاتى نۇتۇقى

يازغۇچى مويەن، 1955- يىلى 17- فېۋرال شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى گۇەن مويې بولۇپ، جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى. شياڭگاڭ گۇڭكەي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پەخرىي ئەدەبىيات دوكتۇرى، چىڭداۋ پەن- تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتچى پروفېسسورى. ئۇ 1980- يىلىدىن كېيىن بىر يۈرۈش سەھرا تېمىسىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلۇپ «يۇرتىنى ئەسلەش»،« يۇرتىدىن ئاغرىنىش»تەك مۇرەككەپ ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، « يىلتىزىنى ئىزدەش» تىپىدىكى يازغۇچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لاتىن ئامېرىكا ئەدەبىياتى سېھرىي رىيالىزىمىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، شەندۇڭ گاۋمى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمال يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار رىۋايەتسىمان ۋەقەلەرنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن يازغان. مويەن ئۆز ھېكايە– رومانلىرىدا ئۆزگىچە بولغان سوبېكتىپ دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۇلدۇل سامادا ئۈزگەندەك ئەركىن بايان قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان نۇقتىدىن چىقىپ، سىرلىق، تەجرىبىدىن ھالقىغان ئوبيېكتىپ دۇنيانى يارىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رۆشەن دەرىجىدە ئاۋانگارتلىق ئۇسلۇبقا ئىگە. ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ «20- ئەسىردىكى خەنزۇچە 100كۈچلۈك رومان»، «ئاۋام ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»، «دىڭجۈن قوش يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى»،« سۇڭفۇگاڭ ئاسىيا مەدەنىيەت مۇكاپاتى» ۋە  2011- يىلى 8- ئايدا، «پاقا» ناملىق رومانى بىلەن 8- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك رومانلىرىدىن «قىزىل قوناقلىقتا»(بۇ رومانغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈلۈپ، مەشھۇر كىنو رېژېسورى جاڭ يىمو رېجىسورلىقىنى قىلغان شۇ ناملىق ھېكايە فىلىم 38- نۆۋەتلىك بېرلىن كىنو فېستىۋالى مۈشۈك ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) ، «ئاق سەندەل جازاسى»، « تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا»، «مەي دۆلىتى»،« ھايات- ماماتلىق چارچاش»، «پاقا» قاتارلىقلار بار.

moyan

8-دېكابېر، بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر دە،2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۇچى جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەن شۋېتسىيە ئاكادىمىيېسىدە نۇتۇق سۆزلىدى. تۆۋەندە شۇ نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقايلى:

ھۆرمەتلىك شېۋىتسيە ئاكادىمىيسىدىكى بارلىق ئاكادىېمىكلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:
مېنىڭچە ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن تېلېۋىزۇر ياكى تور ئارقىلىق يىراق شەرقتىكى ئادەملەر كۆپ شەرقى شمال يېزىلىرىنى (گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسى سۆزى-مويەننىڭ ئەسىرى ئارقىلىق يورۇتۇلغان يەرنامى )ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن.سلەر بەلكىم مىنىڭ 90ياشلىق ياشانغان دادامنى ،مىنىڭ ئاكام،ئاچام،ئايالىم،قېزىم ۋە بىر ياش تۆت ئايلىق بولغان نەۋرە قېزىمنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن.بىراق مۇشۇ دەقىقىدە مەن ئەڭ سىغىنىدىغان كىشى مىنىڭ نى سلەر مەڭگۇ كۆرەلمەيسلەر.مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىين ،نۇرغۇن كىشلەر مەن بىلەن شەرەپنى ئورتاقلاشتى.بىراق مىنىڭ ئانام ئورتاقلىشالمىدى.
مىنىڭ ئانام 1922-يىلى تۇغۇلۇپ،1994-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.ئۇنىڭ جەسەت كۈلى كەنتىمىزنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى شاپتۇللۇق باغقا دەپنە قىلىندى.ئۆتكەن يىلى ئۇ يەرگە بىر تۆمۈر يول ياسىماقچى بولغاندا،بىز ئۇنىڭ قەبرسىنى كەنىتتىن تېخىمۇ يىراق بولغان بىر يەرگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇق.قەبرىنى كولىغاندىن كىين جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاللىقچان چىرىپ كەتكەنلىكىنى،ئانامنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ لاي-تۇپراق بىلەن ئارىلىشپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.بىز پەقەت سموۋۇللۇق قىلىپ ئازراق تۇپراق كولاپ ئىلىپ،يېڭى قەبرە ئىچىگە يۆتكەپ قويدۇق.شۇنىڭدىن باشلاپ،مەن ئانامنىڭ كەڭ زېىمىننىڭ بىر قسمىغا ئايلانغانلىقىنى ھس قىلدىم،مەن مىنىڭ زىمىن ئۈستىدە تۇرۇپ ئيتقان دەرتلىرىم ئانامغا دەرت تۆكىشىمدۇر.

مەن ئانامنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى.مەن ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ بۇرۇنقى بىر ئش،ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر چايداننى كۆتۇرۇپ جامائەت ئاشخانىسغا بىرىپ سۇ ئالغانلىقىم.شۇ چاغدا ئاچلىقتىن بەدىنىمدە ماغدۇر يوق،قولۇمدىكى چايدان يەرگە چۇشۇپ چىقىلىپ كەتتى،مەن بەك قورقۇپ كېتىپ ،چۆپلۇككە كېرىۋىلىپ بىر كۇنگىچە چىقالمىغانتىم.كەچ بولغاندا،ئانامنىڭ مىنىڭ كىچىك ئسمىمنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدىم.مەن چۆپلۇكتىن چىقتىم،ئىچىمدە تىل ئشتىپ تاياق يەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغانتىم،ئەمما مىنى ئۇرمىدى،تىللىمىدى،پەقەت بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئۇھسنىپ كەتتى.ئەسلىمەمدىكى ئەڭ ئازاپلىق بىر ئش ،ئانامغا ئەگىشپ كوللىكتىپنىڭ يېرىغا بۇغداي باشىقى ئۈزگىلى بارغانلىقىم،بۇغدايلىققا قارايدىغان ئادەم كەلگەندە ،باشاق ئۇزۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى.ئانام ياخشى يۇگرەلمىگەچكە تۇتۇلۇپ قالدى.ھىلىقى ئىگىز يوغان ئادەم ئانامنى بىر تەستەك ئۇردى.ئانام پىرقىراپ يەرگە دۇم چۇشتى.كۆزەتچى بىزنىڭ باشاقلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىپ،ئسقارتقان پېتى كېتىپ قالدى.ئانامنىڭ ئاغزى قان ھالدا يەردە ئولتۇرغان چاغدىكى ئاشۇ ئۇمۇتسز روھى ھالىتىنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايمەن.خىلى يىللاردىن كىين چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر بوۋايغا ئايلانغان ھىلىقى بۇغدايلىق كۆزەتچىسنى بازاردا ئۇچرىتىپ قالدىم.مەن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ قساس ئالماقچى بولغاندا ئانام مىنى تۇتۇۋالدى،ئۇ ماڭا سوغۇققانلىق بىلەن :‹‹ئوغلۇم،مىنى ئۇرغان ئادەم بىلەن بۇ قېرى ئادەم بىر ئادەم ئەمەس››-دىدى.

ماڭا تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر ئش ،بىر تاۋۇز چاغىنىدا چۇشتە بولغان ئش،ئائىلىمىز مىڭ تەسلىكتە بەنشر تۇگۇشكە مۇيەسسەر بولدۇق،ھەر بىرەيلەنگە بىر قاچىدىن تىگەتتى.بىز بەنشرنى يەيلى دەپ تۇرساق،بىر دىۋانە بوۋاي ئشكىمىز ئالدىغا كەلدى.مەن يېرىم قاچا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىپ يولغا سىلىۋەتمەكچى بولدۇم،ئەمما ئۇ قاتتىق زەردە بىلەن:‹‹مەن بىر قېرى تۇرسام،سلەر بەنشر يەپ،ماڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بىرىشكە يۇرىكىڭلار قانداق چىدايدۇ؟››-دىدى.مەن ئاچچىقىمنى باسالماي :بىز يىلدا ئاران بىر نەچچە قېتىم بەنشر يەيمىز،بىرىمىزگە بىر قاچا تېگىدۇ.قورسقىمىز يېرىممۇ بولمايدۇ،ساڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بەرگەنلىكىممۇ خىلىلا ياخشى بولغىنى،ئالساڭ ئال،ئالمىساڭ يوقال››ئانام مىنى ئەيىپلەپ كەتتى،كىين ئۇ يىرىم قاچا بەنشرنى بوۋاينىڭ قاچىسغا سىلىپ بەردى.
مەن ئەڭ پۇشايمان قىلدىغان بىر ئش ،ئانام بىلەن يېسۋىلەك ساتقىلى چىققاندا ،دىققەت قىلماي بىر بوۋايدىن بىر مو پۇلنى كۆپ ئاپتىمەن.پۇلنى ھساپلاپ بولۇپلا مەكتەپكە مېڭىپتىمەن.مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىلىپ ناھايتى ئاز يىغلايدىغان ئانامنىڭ تارام-تارام يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۇم،ئانام مىنى تىللىمىدى،پەقەت بوشقىنا قىلىپ،ئوغلۇم،سەن ئاپاڭنىڭ يۇزىنى يەرگە قاراتتىڭ-دىدى.
مەن ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە،ئانام ئىغىر ئۆپكە كېسلىگە گىېرىپتار بولدى،ئاچلىق،كېسەل ئازاۋى،ئەمگەك ھارغىنلىقى ئائىلىمىزنى ئىغىر كۇنگە قويدى،يورۇقلۇق ۋە ئۇمۇتنى كۆرەلمەيتتۇق.مەندە ئانام ھامان بىر كۇنى ئۇمۇتسزلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇ دەيدىغان ناھايتى كۇچلۇك بىر خىل شۇملۇق تۇيغۇسى پەيدا بولدى،ھەر قېتىم ئەمگەكتىن قايتىپ كەلسەم،ئشىكتىن كىرىپلا،ئانا دەپ ئۇنلۇك ۋاقىرايتتىم،ئۇنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ ئاندىن يۇرىكىم جايىغا چۇشەتتى.ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماڭلا قالسام،قورقۇپ تىترەپ قازناق ئۆي،تۇگمەن ھەممسنى ئىزدەپ چىقاتتىم.بىر قېتىم ھەممە ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپمۇ ئانامنىڭ سايىسنىمۇ كۆرەلمىدىم.ھويلىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق ئۇن سىلىپ يىغلاپ كەتتىم.بۇ چاغدا ئانام بىر باغلام تەرمەش قورايلارنى يۇدۇپ كىرىپ كەلدى.ئۇ يىغىلىىشىمدىن بەك خاپا بولدى،ئەمما ئۇنىڭغا ئەنسرىشىمنىڭ سەۋەبىنى دىمىدىم.ئانام مىنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىۋىلىپ:‹بالام،خاتىرجەم بول،گەرچە ھاياتىمدا تۇزۇكرەك خۇشاللىق بولمىسمۇ ،بىراق خۇدايىم مىنى چاقىرىپ ئەكەتمىگىچە ئۆزۇم كەتمەيمەن››.
مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا بەك كۆرۇمسز ئىدىم،كەنىتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر مىنى يۇز-تۇرانە مەسخىرە قىلاتتى.ھەتتا مەكتەپتىكى بىر نەچچە مىجەزى ئوسال بالىلار مىنى مۇشۇنىڭ ئۇچۇنلا ئۇرغانىدى.ئۆيگە قايتىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكىنىمدە ئانام ماڭا:‹‹ئوغلۇم،سەن سەت ئەمەس،سىنىڭ بۇرنۇڭ بار،كۆزۇڭ بار،يەتتە ئەزايىڭ ساغلام،نەرىڭ سەتكەن؟ئەكسچە،سىنىڭ كۆڭلۇڭ ياخشى بولسلا،ياخشى ئشنى كۆپرەك قىلساڭ،سەت بولساڭمۇ،چىرايلىق بولالايسەن››دەپ بەزلىدى.كىين مەن شەھەرگە كىردىم،تېخى بەزى بىلىملىك ئادەملەر كەينىمدە ھەتتا ئالدىمدا مىنىڭ تۇرقۇمنى مەسخىرە قىلىشتى.مەن ئانامنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ،كۆڭلۇم خاتىرجەم ھالدا ئۇلاردىن كەچۇرۇم سورىدىم.
ئانام ساۋاتسز ئىدى،ئەمما ساۋاتى بارلارغا بەكلا ھۆرمىتى بار ئىدى.ئائىلىمىز بەكلا نامرات ئىدى،ئەتتىگىنى يېسەك،كەچلىككە يوق ئىدى.لېكىن ئەگەر مەن ئۇنىڭغا كىتاب،دەپتەر –قەلەم ئالىمەن دىسەملا ،ئۇ تەلىۋىمنى قاندۇراتتى.ئۇ بەك ئشچان ئىدى.ھورۇن بالىلارغا ئۆچ ئىدى،ئەمما مەن كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ،ئشنى كىچىكتۇرسەم،ئۇ ئەزەلدىن مىنى تەنقىد قىلىپ باقمىغانىدى.بىر چاغلاردا بازارغا بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم كەپتۇ.مەن ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇپ بەرگىنىنى ئاڭلاش ئۇچۇن بىرىپ،ئانامنىڭ ماڭا بۆلۇم بەرگەن ئشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.بۇ ئش ئۇچۇن ئانام مىنى تەنقىد قىلدى.كەچلىكى،ئۇ جىنچىراق يورۇقىدا پاختىلىق كىيم تىكىۋاتقاندا،مەن چىداپ تۇرالماي ،كۇندۇزى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمدىن ئاڭلىغان ھىكايىنى ئانامغا سۆزلەپ بەردىم،دەسلەپتە ئۇ تاقەت قىلىپ ئاڭلىمىدى،چۇنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاغزىدا قۇرۇپ گەپ تولا،ئەمەلى ئش قىلالمايدىغان ئادەملەر ،ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغان ئادەملەر ئىدى.
كىين مەن سۆزلەپ بەرگەن ھىكايە ئۇنىڭ دىققتىنى تارتتى.شۇنىڭدىن كىين ھەر قېتىم كۆپچىلىك يېغىلىپ ئش قىلغاندا،ئۇ ماڭا ئش بۆلمەي،كوللىكتىپ بازارغا بىرىشىمغا يول قوياتتى.ئانامنىڭ شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۇچۇن،ھەم ئۇنىڭغا ئۆزۇمنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىتىمنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇچۇن كۇندۇزى ئاڭلىغان ھىكايىلەرنى مەزمۇننى بىيتىپ ئانامغا سۆزلەپ بىرەتتىم.



1 -بەت 2 -بەت 3 -بەت 4 -بەت
ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. قايماق 2012.12.11 , 11:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ماراپ ياتقىلى 3كۇن بولغان بۈگۈن سىھىر تۇرغاننىڭ پايدىسىنى كۆدۈم:grin:

    • ئۇيغۇرمەن 2012.12.11 , 12:11

      ئۇخلىمايلا مارىپسىز دە؟ :lol:

    • كۇسەن 2012.12.11 , 17:23

      بىز بۇ ئۆمۇرىمىزدە دىۋان بۇلالمايدىغان ئوخشايمىز :sad:

  2. پەرئان 2012.12.11 , 13:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايماق ئەمدى ئۇيۇيدىغان بولۇپتۇدە ، دىۋان ماراپ يېتىپ قايماق قۇرۇتقا ئايلىنىپ قالمىسۇن يەنە.:mrgreen::mrgreen:

  3. قايماق 2012.12.11 , 17:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى ئۇخلاي

  4. كۆك تاش 2012.12.11 , 17:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى كىم تولۇق ئوقۇپ چىقالايدۇ.

  5. موللاخۇن 2012.12.11 , 19:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇقۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، يەنە شۇ قۇرۇق گەپ سۆزلەردۇ چاغلىق ، گەپنى شۇنچە دەبدەبلىك قىلدۇ بۇ خەخ ، ئۇنىڭدىن دوسلارنىڭ باھاسىنى كۆرگەن ياخشى :grin::grin:

  6. خىيال 2012.12.11 , 20:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېچكىم ئوقۇمىدىما….:mrgreen:

  7. بۆرە 2012.12.11 , 20:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بىچەرە بايقۇش شىۋىتسىيەدە مۇخپىرلارنىڭ كۇچلۇك سۇئال – سوراقلىرىغا دۇچ كىلپ جاۋاپ بىرەلمەي ئىنتايىن ئوسال ئەكۋالغا چۇشۇپ قالدى ھەم خەلىقاراغا ئۇنىڭ سېسىق پۇرۇقى چىقىپ كەتتى .. :mrgreen:

  8. تاماشىبىن 2012.12.11 , 20:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىلەرگىمۇ دىۋان نوبىل مۇكاپاتى بېرىش كېرەك زادى…..

  9. ۋاپاسىز 2012.12.11 , 20:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇ ئوقومايلا ئىنكاس كۆرۋاتمەن:mrgreen:

  10. موللاخۇن 2012.12.11 , 22:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوججون بىر ئۇقۇپ قۇياي دەپ ئۇقسام بۇ يولداش ئۈزىنى تۇنۇشتۇر ۋاتامدۇ ياكى مېنىڭ ئائىلەم دىگەن تىمىدا ئەسەر يېزىپتىمۇ ياكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش دىگەندەك تىمىدا ئەسەر يازغاندەك قىلىدۇ. يەنە بىرگەپ قاراڭلار بۇ ئەسەردە زىت گەپلەر باركەن :(ئانام ساۋاتسز ئىدى،ئەمما ساۋاتى بارلارغا بەكلا ھۆرمىتى بار ئىدى………ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاغزىدا قۇرۇپ گەپ تولا،ئەمەلى ئش قىلالمايدىغان ئادەملەر ،ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغان ئادەملەر ئىدى. ) توۋا ھۆرمەتلىگەن ئادەمگە ئۆچ بولسا قانداق بۇلدۇ:arrow:

  11. سودىگەر 2012.12.12 , 00:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي قايماق بۇرادەر داۋاندا ئولتۇرىرىۋىرىپ مايماق بوپ قالما ڭ :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  12. قايماق 2012.12.12 , 00:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاتىرجەم بولۇڭلا مايماق بۇپقالسام ئوڭ يىنىمدا ‹‹ئۇيغۇرمەن›› بىلەن سول يىنىمدا ‹‹كۆسەي›› بۇرادەر با يۆلىۋالىدۇ:grin:

  13. نەفىسە 2012.12.12 , 10:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، ئىملا خاتالىقى سەل ئېغىر تۇرىدۇ، تورخۇمارنىڭ قەلىمىگە ئوخشىماي تۇرىدىيا:???:
    بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغان، شۇڭا ئالدىراپ باھا بېرەلمەيمەن:oops:

  14. شاھزاد 2012.12.12 , 11:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس ئەسەرلىرى باركەنغۇ بۇ ئادەمنىڭ ! :se::se::se:

  15. Forever 2012.12.12 , 11:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئاۋال ئىنكاس ، ئاندىن تېما كۆرگىلى كەلگەن :mrgreen:

  16. بودەك 2012.12.12 , 13:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    [تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا] بۇ كىتابىنى ئاپىسى ئۇچۇن يازغانكەن، :???:

    • پەنجىر 2012.12.12 , 21:36

      بۇ ئەسەر نامى سىز گە ئالاھىدە تەسىر قىلغان ئوخشىمامدۇ !

    • بودەك 2012.12.14 , 00:54

      سېرىق تۇس بېرىدىكەن ئادەمگە، بۇ ئادەم توغۇرلۇق خەنزۇچە تورلاردا نۇرغۇن بەس مۇنازىرە بولدىغۇ،

  17. ھەۋەسكار 2012.12.12 , 14:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوقۇپ بولۇپ تەسىراتىمنى بىر يازاي دېگەن. ما ئاستىدىكى لاۋزا ئىنكاسلارنى كۆرۈپلا ئەرۋايىم ئۇچتى. ھەي ئۇيغۇر ياش باللا، ئىۋۇ نۇتۇقنى جىقكەن دەپ ئوقۇش خوشياقماپتۇ، ئاۋۇ خەقمۇ ئاتايىن تەرجىمە قىلىپتۇ شۇنى، ئەمگىكىگە رەھمەت دەپ قويساڭمۇ ھېشنىمە بولايدۇ. يەنە بىرسىگە بارغۇ، بەزىلىرىڭلارنى يارغا ئاپىرىپ ئىتتىرىۋېتىدىغان باللا باركەنسىلە، قولاڭلىدىن پوق كەلمەيدۇ، ئۆزەڭلىچە ئادەم ياراتمايسىلە، خەق نوبېل مۇكاپاتى ئاپتۇ، قوسىقىدا ئۇماچ بولمىسا، ئەجىر سىڭدۈرمىسە بىكاردىن بىكار تۇتقۇزۇپ قويۇپ ساراڭمۇ بۇ مۇكاپاتنى؟! ئىلىم-ئەھلىنى ھۆرمەتلەش دېگەن گەپ يوقما؟ يات مىللەت بولغاچقا مۇشۇنداق كەمسىتىپ ئولتۇرىدىغان گەپما؟! ئاۋۇ يازغۇچىلار تورىغا كىرىپ بېقىشتىڭمۇ؟ بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز نىمىش قىلىۋېتىپتۇ؟ بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىدىن ھەتتا ھەسەت پۇراپ ئۈلگۈرۈپتۇ. مۇشۇنداق تار مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدە ياشايدىغان بولساڭ تېخىمۇ ئېزىلىسەن باللا!!

    • نەفىسە 2012.12.12 , 14:17

      راسىت دەيسىز ….ئىزدىنىشتىمۇ بۇ توغرىسىدا قورساق تويغۇدەك بىر ئىنكاس يوق، نېمە بوپ كەتتى:arrow:

    • پەنجىر 2012.12.12 , 21:35

      مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا !

    • ئابومجان 2013.01.06 , 13:54

      توغرا گەپ قىلىپسىز ، كۆڭلۈمدە مۇشۇنداق ئۇزۇن نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپ چىقىپتۇ دەپ خۇشال بولسام ما بەزى باللارنىڭ پوختىن سېسىق ئىنكاسىنى كۈرۈپ ئىچىمدە لەنەت دەۋەتتىم .ئىملا تخاتالىق بار ئىكەن دەپ ۋايساشلىرى تېخى ، بىر ئىنكاسنى جايلاپ يېزىپ بېقىشە ئالدى بىلەن ، يازغۇچىغا ھۆرمەت دىگەن قېنى ۋۇ پىتنەخورلار

  18. سەرقۇت 2012.12.12 , 15:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېمىنى ئوقۇماي ئىنكاس كۆرگەن مەنلا ئوخشايمەن دېسەم:mrgreen:

  19. qutluq284 2012.12.12 , 17:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يازغۇچىنىڭ كىتاپلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندىمۇ ؟ نوبىل مۇكاپاتى ئالغىنىغا قارىغاندا ئەسەرلىرىدە ياۋروپالىقلارنى قايىل قىلالىغۇدەك بىر نەرسە بولسا كىرەك.

  20. پەنجىر 2012.12.12 , 21:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ مەن تورخۇماردا كۆرگەن ئەڭ ئۇزۇن يازما ئىكەن ، گەرچە يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپ ئۇچىراشمىغان بولساقمۇ بىراق نۇتىقى ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ ، قارشى تەرەپ قايسى مىللەت ، قايسى دىن ، قايسى مەزھەپ بۇكىشىدىن قەتىينەزەر بىلىمى بولسا ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ، تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت !

  21. جاھانكەزدى 2012.12.13 , 10:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوبېل مۇكاپاتى ئېلىش نۇتىقىدا مۇشۇنداق بېشىدىن ئۆتكەن بۇرۇنقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرسىمۇ بۇلامدىكەن?

  22. بۆرە 2012.12.14 , 02:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ خەنزۇۋان نىمىش قىلىدۇ باللا بىلەمسىلەر .. ؟ بۇ يالاقچىنىڭ كونا زامانلردا پادىشانى ماختاپ نەزمە يىزىپ جان باقىدىغان غالچىلاردىن ھېچبىر پەرقى يوق … ئەمدى گەپ نوبىل كومۇتىتى قانداق بۇلۇپ بۇ غالچىغا مۇكاپات بررىپ قالدى …؟ سەۋەبى… جاھاندا ئىپادە ئەركىنلىگى قاتتىق تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە ئۇزىنى ئختىزادىم تەرەقى قىلدى دۇنيادا 2 نىڭ بىرى مەن دەپ تېرىسىگە پاتمايۋاتقان ئەمىلىيەتتە ئۇستى ئۇچۇق تۇرمە بەرپا قىلىۋالغانلارنى بۇ نەزمىچى يالاقچىنى سۆرەپ ئەپچىقىش ئارقىلىق خەلىقارا سەنىدە بۇ نەزمىچىنىڭ خوجايىنلىرىنى مات قىلىپ خەلىقارانىڭ دىققىتىنى بۇ شەرىقلىق قۇرۇتلارغا بۇراپ زادى قانداق تەلەتلىك مەخلۇق ئىكەنلىۆىنى يىنا بىر قىتىم بەس مۇنازىرە قىلىشتىن ئىبارەت …..

  23. شۇنداق 2012.12.14 , 19:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمانچە سۈپەتسىز تەرجىمە بۇ؟ئىملانىڭ خاتالىقىچۇ تېخى.

  24. ئۈمىد 2012.12.14 , 22:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزىل قوناقلىقتا دىگەن كىنونى قايسىڭلار كۆرگەن «پىت يەتدىغان» كۆرۇنۇشلىرى چىقىدۇ.
    شۇڭا بەرگەندۇ نوبىل نى

  25. ئۈمىد 2012.12.14 , 22:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇستىدىكى ئىنكاسى تېلېفوندا يازغاچقا «پىت يەتدىغان» دەپ يىزىلىپ قاپتۇ تۈزىتىپ «پىت يەيدىغان» دەپ ئوقۇڭلار

  26. مەن 2012.12.19 , 20:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نۇتۇقنى چىداپ ئولتۇرۇپمۇ ئوقۇپ بۇلالمىدىم زادى.:mad:

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量