نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ھەرىكەتلىك فىلىمنىڭ باشلامچىسى، گۇمپا دېگەن سۆزنى لۇغەتكە كىرگۈزگەن داڭلىق كىنو چولپىنى – لى شىياۋلوڭ

دۇنياغا مەشھۇر گۇمپا شاھى، ھەرىكەتلىك فىلىمنىڭ باشلامچىسى، ھوللىۋودتىكى تۇنجى ئاسىيالىق چولپان – لى شىياۋلوڭ «ماھىر جانبازلار سارىيى» دېگەن فىلىمدىكى چېن جېن ئوبرازى بىلەن «ھالاكەتنىڭ ئويۇنى» ناملىق فىلىمدىكى ئۇچىسىغا سېرىق رەڭلىك بىر تۇتاش كىيىم كىيگەن ئوبرازى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان داڭلىق شەخىستۇر.

bruce-lee

لى شىياۋلوڭ 1940– يىلى 11– ئاينىڭ 27– كۈنى ئامېرىكا سان فرانسىسكو شەھىرىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇپ، ئۈچ ئايلىق بوۋاق چېغىدىلا «金门女» ناملىق فىلىمدە قوشۇمچە رول ئالىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق كىنوچىلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى. 1941– يىلى 3– ئاينىڭ ئىچىدە، لى شىياۋلوڭنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلىرىنى ئېلىپ، شىياڭگاڭغا قايتىپ كېلىدۇ. 1950– يىلى، 10 ياشلىق لى شىياۋلوڭ «细路祥» ناملىق فىلىمدە باش رول ئېلىپ، ناھايىتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. 1954– يىلى، 14 ياشلىق لى شىياۋلوڭ شىياڭگاڭدا چا – چا ئۇسۇلى (恰恰舞) مۇسابىقىسىدە سەككىز ياشلىق ئۇكىسى بىلەن بىللە چا – چا ئۇسۇلى ئويناپ، چېمپىيون بولىدۇ. 1954– يىلى ئۇ يې ۋىننى ئۇستاز قىلىپ، يوڭچۈن گۇمپىسىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. ئۇ گۇمپىغا ناھايىتى ھېرىسمەن بولغاچقا، گۇمپىنى بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆگىنىپ بولىدۇ. 1957– يىلى، لى شىياۋلوڭ شىياڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتەپ بوكىس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، شەھەر بويىچە چېمپىيون بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ چامباشچىلىق ساھەسىدىكى تۇنجى غەلىبىسى. 1958- يىلى، لى شىياۋلوڭ ئاخىرقى قېتىم «人海孤鸿» فىلىمىدە رول ئالىدۇ. ئۇ 18 ياشقا كىرگۈچە 20دەك كىنو – فىلىملىرىدە رول ئالىدۇ. 1958- يىلى 11- ئايدا لى شىياۋلوڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شياڭگاڭدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا سان فرانسىسكو شەھىرىگە كېتىدۇ. 1959- يىلى 1- ئايدا، ئۇ سان فرانسىسكودىن سېئاتلغا بارىدۇ. ياش لى شىياۋلوڭ ئۇ يەردىكى «ئېدىسون ئالىي خىزمەت مەكتىپى»دە ئىنگىلىز تىلىدىن بىلىم ئالىدۇ ۋە 1961- يىلى، لى شىياۋلوڭ سېئاتل «ۋاشىنگتون شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى»غا ئىمتىھان بېرىپ، بىلىم ئاشۇرىدۇ. ئۇ يەنە سېئاتلدا «جىنفەن دۆلەت ماھارىتى سارىيى»نى ئاچىدۇ. كىشىلەر بۇ ياش بالىنىڭ ئىرادىسىگە ناھايىتى ھەيران قالىدۇ. 1963- يىلى، ئۇ ۋاشىنگتون شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لىندا ئەمىلى بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار بىر مەزگىل مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكىدۇ. شۇ يىلى لى شىياۋلوڭنىڭ ئۆمرىدىكى بىردىنبىر مەخسۇس ئەسىرى «جۇڭگونىڭ ئاساسىي مۇشت ماھارەتلىرى» ناملىق كىتابى سېئاتلدا نەشىر قىلىنىدۇ. 1964- يىلى 2- ئايدا، لى شىياۋلوڭ لىندا بىلەن سېئاتل چېركاۋىدا توي قىلىدۇ.

bruce-lee-and-family

Img259665137

1969- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، لى شىياۋلوڭنىڭ قىزى لى شاڭنېڭ تۇغۇلىدۇ. 1970- يىلى، لى شىياۋلوڭنىڭ بەل قىسمى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايرىلىپ كېتىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدۇ. دوختۇرلار ئۇنىڭغا «ئەمدى ساقىيالمايسىز، مېيىپ بولۇپ قالىسىز» دەيدۇ. ئۇ كېسەل سەۋەبى بىلەن يېرىم يىل ئۆيىدە يېتىپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇ بۇ يېرىم يىل ئىچىدە كېسەل تۇرۇپمۇ «لى شىياۋلوڭ مۇشت توسۇش ماھارەتلىرى» ناملىق كىتابنى يازىدۇ ۋە ئۆزلۈكىدىن قاتتىق چېنىقىپ، بەل قىسمىنى ئاخىر ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن سەللىمازا ساقىيىدۇ. ئايالى، دوختۇرلار ۋە بۇ گەپنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر لى شىياۋلوڭنىڭ ئىرادىسىگە تولىمۇ ھەيران قالىدۇ.
ئۇ 1971- يىلى ۋارنېر ئاكا – ئۇكا فىلىم شىركىتى بىلەن «گۇمپا» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىشقا كېلىشىدۇ. شۇ يىلى، 7- ئايدا، لى شىياۋلوڭ رۇخسەت سوراپ، شىياڭگاڭغا كېلىپ، جياخې فىلىم شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، تايلاندتا «تاڭشەنلىك ئاغا» (唐山大兄) ناملىق فىلىمدە رول ئالىدۇ. 10- ئايدا، بۇ فىلىم شىياڭگاڭدا قويۇلۇپ، شياڭگاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى كىنو بېلەت كىرىمىدىن ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، لى شىياۋلوڭ بىر كېچىدىلا بىر گىگانت چولپانغا ئايلىنىدۇ. بۇ فىلىم شىياڭگاڭنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

big-boss2

12- ئاينىڭ 7- كۈنى، ۋارنىر ئاكا– ئۇكا فىلىم شىركىتى لى شىياۋلوڭنىڭ «گۇمپا» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىشىنى رەت قىلىدۇ. لېكىن لى شىياۋلوڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلىپ قويمايدۇ. ئۇ رول ئالغان ئىككىنچى فىلىمى «ماھىر جانبازلار سارىيى» (精武门) 1972- يىلى 3- ئايدا شياڭگاڭدا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېلەت كىرىمى ئىلگىرىكى «تاڭشەنلىك ئاغا» ناملىق فىلىمنىڭ كىنو بېلەت كىرىمىدىن ناھايىتى يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىم پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇپ جامائەت ئىچىدە ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. لى شىياۋلوڭ بۇ فىلىمدە تۇنجى قېتىم چېن جېننىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ چىقىدۇ. شۇنداقلا بۇ فىلىمدە تۇنجى قېتىم قوش چېتىقلىق كالتەك ئىشلىتىدۇ. كۆرۈرمەنلەر كىنونى كۆرگەندىن كېيىن «لى شىياۋلوڭنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز ئىكەن، ئۇ چامباشچىلىق ۋە كىنوچىلىق ساھەسىدە زور تۆھپىلەرنى قوشتى» دەپ باھا بېرىدۇ. ھەتتا، كىچىك بالىلارمۇ لى شىياۋلوڭغا ناھايىتى مەپتۇن بولىدۇ.

fist_of_fury_b

1972- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، لى شىياۋلوڭ  ئىتالىيىگە بېرىپ، سىنارىيەنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى باش رول ئېلىپ – «كۈچلۈك ئەجدەرھانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» (猛龙过江) ناملىق فىلىمنى ئىشلەيدۇ. كېيىن بۇ فىلىم قويۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ بېلەت كىرىمى پۈتۈن دۇنيادىكى قويۇلۇۋاتقان كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ فىلىم لى شىياۋلوڭنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى، لى شىياۋلوڭنىڭ «ماھىر جانبازلار سارىيى» فىلىمىدىكى ئوبرازى بىلەن ئۇ «ئالتۇن ئات: ئەڭ يۇقىرى ماھارەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشىدۇ.

Img258255918

1972- يىلى 9- ئايدا، لى شىياۋلوڭ «ھالاكەتنىڭ ئويۇنى» (死亡的游戏) ناملىق فىلىمنى ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇ فىلىمدە لى شىياۋلوڭنىڭ شاگىرتى دان يىنوسانتو، يەنە شاگىرتى، NBA ۋاسكىتبول چولپىنى كېرەم ئابدۇل جاپپار رول ئالىدۇ.

223411

1973- يىلى 3- ئايدا، ۋارنېر ئاكا– ئۇكا فىلىم شىركىتى لى شىياۋلوڭنى «قاتتىق ئېلىشماق» (龙争虎斗) ناملىق فىلىمدە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. لى شىياۋلوڭ قولىدىكى «ھالاكەتنىڭ ئويۇنى» ناملىق فىلىمنى توختىتىپ قويۇپ، «قاتتىق ئېلىشماق» ناملىق فىلىمدە رول ئالىدۇ. لى شىياۋلوڭ بۇ فىلىمدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رول ئالىدۇ ۋە مۇئاۋىن رېژىسسورلۇقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. فىلىم بىر ئاي ئىچىدە سۈرەتكە ئېلىنىپ بولىدۇ. 5- ئاينىڭ 10- كۈنى، لى شىياۋلوڭ ئامېرىكىدا «قاتتىق ئېلىشماق» ناملىق فىلىمگە ئاۋاز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىدۇ ۋە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىدۇ. ئۇنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى يۈرەك سوقۇشى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، دوختۇر بىلەن سېستىرالار ئالاقزادىلىك بىلەن كېسىلىنى تەكشۈرەيدۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، لى شىياۋلوڭ ئاخىر ھوشىغا كېلىدۇ…
لېكىن لى شىياۋلوڭ ساقايغاندىن كېيىن، پەقەت ئارام ئالمايدۇ. ئۇ «ھالاكەتنىڭ ئويۇنى» ناملىق فىلىمنىڭ داۋامىنى ئىشلەش ئۈچۈن فىلىمگە قاتتىق تەييارلىق قىلىدۇ. 1973- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، لى شىياۋلوڭ شياڭگاڭ جيا خې كىنو شىركىتىدىكى شېرىكى زوۋ ۋېنخۇەي بىلەن بىللە ئاتاقلىق ئايال ئارتىس دېڭ پېينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، «ھالاكەتنىڭ ئويۇنى» ناملىق فىلىم ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ. كەچ سائەت يەتتىدىن ئىلگىرى، لى شىياۋلوڭ ئۆزىنى ئانچە راھەت ھېس قىلالمىغانلىقىنى، بېشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. دېڭ پېي لى شىياۋلوڭغا بىر تال باش ئاغرىقىنى توختىتىش دورىسى بېرىدۇ ۋە لى شىياۋلوڭنى ھۇجرىسىغا ئارام ئېلىشقا ئەكىرىپ قويىدۇ. لى شىياۋلوڭ دېڭ پېينىڭ كارىۋىتىدا ئۇخلاپ كېتىدۇ.  زوۋ ۋېنخۈەي مۇھىم ئىش بىلەن بىر يەرگە كېتىدۇ. دېڭ پېي سىرتىدىكى ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ. سائەت توققۇزدا، دېڭ پېي لى شىياۋلوڭنى كۆرگىلى كىرىدۇ. ئۇ لى شىياۋلوڭنىڭ تېخى ئويغانمىغانلىقىنى كۆرۈپ، زوۋ ۋېنخۈەيگە تېلېفون ئۇرىدۇ. كەچ سائەت توققۇزدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، زوۋ ۋېنخۈەي دېڭ پېينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، لى شىياۋلوڭنىڭ تېخىغىچە ئويغانمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئويغاتماقچى بولىدۇ. ئۇ لى شىياۋلوڭنىڭ ئىنكاسىنىڭ يوقلۇقىنى سېزىپ، چۆچۈپ، ئۇنى دەرھال شىياڭگاڭدىكى ئېلىزابېت دوختۇرخانىسىغا ئاپېرىدۇ. بەختكە قارشى، لى شىياۋلوڭ 1973- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ نېمە كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى تا ھازىرغىچە نامەلۇم بىر سىر بولۇپ قالىدۇ. لى شىياۋلوڭ ۋاپات بولغاندا ئاران 32 ياش ئىدى.

11456319593c6a0716l

لى شىياۋلوڭ ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئەتىسى گېزىتكە لى شىياۋلوڭنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خەۋەر بېسىلىدۇ. شىياڭگاڭ خەلقى بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ئىشەنمەيدۇ. 1973- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىياڭگاڭدا لى شىياۋلوڭنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇراسىمغا ئون نەچچە مىڭ ئادەم ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتقىلى كېلىدۇ. شۇ كۈنى، شىياڭگاڭدا ئادەتتىن تاشقىرى قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا بولۇپ كېتىدۇ. كىشىلەر مېيىت ساندۇقىدىن لى شىياۋلوڭنىڭ جەسىتىنى كۆرگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن يىغلاپ تاشلايدۇ. لى شىياۋلوڭنىڭ ئايالى لىندا لى شىياۋلوڭنىڭ جەسىتىنى سېئاتلغا ئاپىرىشنى قارار قىلىدۇ. لېكىن، كۆپلىگەن شىياڭگاڭ خەلقى بۇنىڭغا چىدىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە لى شىياۋلوڭ شىياڭگاڭ خەلقىنىڭ قەھرىمانى ئىدى. شۇنداقتىمۇ كۆپ تالاش- تارتىش بىلەن ئۇنىڭ ئايالى لىندانىڭ تەلىپى بويىچە لى شىياۋلوڭنىڭ جەسىتى شىياڭگاڭدىن سېئاتلغا يۆتكەپ كېتىلىدۇ.
7- ئاينىڭ 28- كۈنى، لى شىياۋلوڭنىڭ قەبرىسى سېئاتلغا دەپنە قىلىنىدۇ. لى شىياۋلوڭنىڭ ئىلگىرىكى قەدىناس دوستلىرى ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ. لى شىياۋلوڭ ۋاپات بولۇپ، تۆت ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، «قاتتىق ئېلىشماق» ناملىق فىلىم ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىم قويۇلىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن دۇنياغا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. بېلەت كىرىمى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى كىرىم بولغان بارلىق فىلىملارنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.

1978- يىلى شىياڭگاڭ جيا خې كىنو شىركىتى بىلەن ئامېرىكا ھوللىۋودنىڭ ۋارنېر ئاكا – ئۇكا فىلىم شىركىتى لى شىياۋلوڭنىڭ ئىشلىنىپ بولالمىغان فىلىمى «ھالاكەت ئويۇنى»نى قايتىدىن تولۇقلاپ ئىشلەيدۇ. بۇ فىلىم 1979- يىلى، ئامېرىكا لوس ئانژېلېستا قويۇلۇپ، 7- ئاينىڭ 8- كۈنى «لى شىياۋلوڭ كۈنى» قىلىپ بېكىتىلىدۇ. بۇ فىلىمدە لى شىياۋلوڭ سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيگەن ھالدا دۈشمەنلىرى بىلەن قاتتىق ئېلىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ، لى شىياۋلوڭنىڭ روھى پۈتۈن دۇنياغا قايتىدىن نامايان بولىدۇ.

11456327037fd30c25l

1993- يىلى ئامېرىكا ھوللىۋود يۇلتۇز كوچىسىنىڭ يول يۈزىگە لى شىياۋلوڭنىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى ياتقۇزىدۇ. ھوللىۋودنىڭ يەرشارى فىلىم شىركىتىنىڭ ئاتاقلىق رېژىسسورى روب كوئىن «لى شىياۋلوڭنىڭ رىۋايىتى» ناملىق فىلىمنى ئىشلەپ، لى شىياۋلوڭنى ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 1993– يىلى، شىياڭگاڭ جىنشىياڭ كىنو مۇكاپاتى لى شىياۋلوڭنى ئەسلەش ئۈچۈن «ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇكاپاتى» تەسسىس قىلىدۇ. 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، سائەت 0 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاتاقلىق ئارتىسقا ئايلانغان لى شىياۋلوڭنىڭ ئوغلى لى گوخاۋ ئامېرىكىدا «قاغا» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىۋاتاتقاندا، فىلىمنىڭ تاپانچا بىلەن ئېتىشىدىغان كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، قارشى تەرەپ لى گوخاۋغا تاپانچىدا ئوق ئاتىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئوق راست بولۇپ چىقىپ، لى گوخاۋغا ئوق تېگىپ، يەرگە يىقىلىپ، جان ئۈزىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، رېژىسسورلار يالغان ئويۇننىڭ راستقا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇلار لى گوخاۋنى دوختۇرخانىغا ئاپارسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ مېيىتى ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

851743279526795617

لى شىياۋلوڭ رول ئالغان «ماھىر جانبازلار سارىيى» ناملىق فىلىم 1995- يىلى شياڭگاڭدا 30 قىسىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق چامباشچى ئارتىسى جېن زىدەن بۇ فىلىمدە چېن جېننىڭ رولىنى ئالىدۇ. بۇ كۆپ قىسىملىق فىلىم جۇڭگودا ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغايدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ فىلىمنى تا ھازىرغىچە ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەي ماختاپ كەلمەكتە. ئاتاقلىق ئارتىس لى لىيەنجيېمۇ «جىڭۋۇ قەھرىمانى» فىلىمىدە چېن جېننىڭ رولىنى ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

976

2007– يىلى، ئەنگىلىيە Total Film ژورنىلى لى شىياۋلوڭنى «50 چوڭ كىنو قەھرىمانى» قىلىپ بېكىتىدۇ. 2008- يىلى، جۇڭگو مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى لى شىياۋلوڭنى ئەسلەش ئۈچۈن «لى شىياۋلوڭ رىۋايىتى» ناملىق 50 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەيدۇ. بۇ فىلىم تېلېۋىزوردا قويۇلىشى بىلەن تەڭ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن لى شىياۋلوڭ قايتىپ كەلگەندەك بولىدۇ.

20081007020548143

2009- يىلى، جېن زىدەن رول ئالغان «يې ۋىن» ناملىق فىلىم كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىم قويۇلۇشى بىلەن تەڭ، لى شىياۋلوڭ ھەۋەسكارلىرى تېخىمۇ كېڭىيىشكە باشلايدۇ. 2010- يىلى، لى شىياۋلوڭنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىلى. شۇڭا، بۇ يىلدا لى شىياۋلوڭغا ئاتاپ ئىشلەنگەن فىلىملەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ. 4- ئاينىڭ 31- كۈنى، جېن زىدەن رول ئالغان «يې ۋىن» ناملىق فىلىمنىڭ  2- بۆلۈمى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ. كىنوخانىدا قويۇلۇۋاتقان بۇ فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى كۆرۈنۈشىدە بىر توققۇز ياشلىق بالىنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم لى شىياۋلوڭ» دېگەن گېپى چىقىشىغىلا، كىنوخانىدا گۈلدۈراس ئالقىش-چاۋاك سادالىرى ياڭراشقا باشلايدۇ. 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، جېن زىدەن رول ئالغان «ماھىر جانباز چېن جېننىڭ ھاياتى» ناملىق فىلىم كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىم بىر ھېسابتا ئىلگىرى لى شىياۋلوڭ رول ئالغان «ماھىر جانبازلار سارىيى» ناملىق فىلىم بىلەن جېن زىدەن رول ئالغان 30 قىسىملىق «ماھىر جانبازلار سارىيى»نىڭ 2– بۆلۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 11- ئاينىڭ 15- كۈنى «مۇشت توسۇش ماھارەتلىرى» ناملىق فىلىم كىنوخانىدا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى گەرچە سەل ئاددى بولسىمۇ، لېكىن لى شىياۋلوڭ مەستانىلىرىنىڭ لى شىياۋلوڭغا ۋە ئۇنىڭ گۇمپىسىغا بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. 11- ئاينىڭ 27- كۈنى لى شىياۋلوڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بۇ كۈنى لى شىياۋلوڭغا ئاتاپ ئىشلىگەن ۋە لى شىياۋلوڭنىڭ ئۇكىسى ئاكىسىنى ئەسلىگەن ئەسلىمە «لى شىياۋلوڭ – مېنىڭ ئاكام» ناملىق فىلىم كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىمدە لى شىياۋلوڭنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋەقەلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، لى شىياۋلوڭ ھەۋەسكارلىرى بۇ فىلىمنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرىدى.

2011- يىلى، 1- ئايدا ھوللىۋود لى شىياۋلوڭنى ئەسلەش ئۈچۈن ئىشلىگەن «يېشىل ھەرە پالۋان» ناملىق فىلىم كىنوخانىدا ئۈچ ئۆلچەم تېخنىكىسى (3D) بىلەن قويۇلىدۇ. بۇ فىلىمدىكى لى شىياۋلوڭنىڭ رولىنى تەيۋەنلىك داڭلىق ناخشا چولپىنى جوۋ جيېلۈن (周杰伦) ئالىدۇ. ئۇ لى شىياۋلوڭ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «لى شىياۋلوڭ بولسا بىر رىۋايەت. ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئۇ بىر قالتىس ئادەم. لېكىن مەن ئادەتتىكى ئادەم».

231825onn22p6l2iczikck

لى شىياۋلوڭ ھەققىدە ھوللىۋود چولپىنى چېڭلوڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھېچكىم لى شىياۋلوڭغا يېتەلمەيدۇ، ئۇ دۇنيادا بىر. ئۇ ناھايىتى قالتىس. ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇ خۇددى تۆمۈر ئادەمگە ئوخشايدۇ. ھەر قانداق ئادەم مېنى يىقىتالايدۇ. لېكىن ھېچكىم لى شىياۋلوڭنى يىقىتالمايدۇ. لى شىياۋلوڭ مۇشت چىقارغان ۋاقتىدا غەزەپ بىلەن چىقىرىدۇ. مەن مۇشت چىقارسام، ‹ۋايجان› دەپ ۋارقىراپ كېتىمەن.»
لى شىياۋلوڭ ھەققىدە شىياڭگاڭ گىگانت چولپانلىرىدىن بىرى بولغان جېن زىدەن مۇنداق دەيدۇ: «لى شىياۋلوڭ بىر ھەقىقىي چامباشچى. ھەقىقىي چامباشچى بولالىغان ئادەم ھەقىقىي بىر مۇشتلاشتچى ئارتىس بولۇپ چىقالايدۇ. ئۇ تۇنجى قېتىم ‹مۇشت چىقارغاندا، پەشۋا ئاتقاندا چوقۇم ھەقىقىي بولۇشى كېرەك› دېگەن ئىپادىلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا، مېنىڭ ئىككىنچى لى شىياۋلوڭ بولۇپ چىققۇم بار.»
لى شىياۋلوڭ ھەقىقىدە يەنە ھوللىۋودنىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرىدىن بىرى بولغان سىۋاشىنگىر مۇنداق دەيدۇ: «لى شياۋلوڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياردەمچىسى. ئۇ پۈتۈن دۆلەتتىكى سان – ساناقسىز ياش – ئۆسمۈرلەرگە ياردەم قىلغۇچى. ئۇ پۈتۈن دۆلەتكە كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ.»
لى شىياۋلوڭ ھەقىقىدە يەنە ئاتاقلىق ھەجىۋى رەسىم كىتاب شاھى، دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋانلار «ئۆمۈچۈك پالۋان»، «يېشىل گىگانت ئادەم»، «سىرلىق تۆت پالۋان» ۋە «تۆمۈر پالۋان» لارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى سىتەن لى مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق چامباشچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى لى شىياۋلوڭ. چۈنكى، ئۇ ئۆرنەكنى ياراتقۇچى. ‹ئۆمۈچۈك پالۋان› بىر فانتازىيىلىك فىلىم. بىز ئامال تېپىپ، لى شىياۋلوڭنىڭ ئوبرازىنى كىنو ئىچىگە ئەكىردۇق.»
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، لى شىياۋلوڭنى تېخى ھېچكىم ئۇنتۇپ كەتمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىۋاتىدۇ. لى شىياۋلوڭ چامباشچىلىق ساھەسىدە مۆجىزە ياراتقان. ئۇ گۇمپا دېگەن سۆزنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ، ئىنگىلىزتىلى لۇغىتىگە كىرگۈزىۋەتكەن. ئۇ ھوللىۋود ۋە شىياڭگاڭنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنى باشلىغۇچى، جۇڭگو گۇمپىسىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقۇچى. ئۇنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئىتتىك، دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكىلىقلار ئۇنى گۇمپا پادىشاھى، دەپ تەرىپلەيدۇ. ياپونىيەلىكلەر ئۇنى گۇمپا ئىلاھى، دەپ ئەسلەيدۇ. ئۇ ھوللىۋودقا ئىزدەپ كىرمىدى، بەلكى ھوللىۋود ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.
لى شىياۋلوڭ گۇمپا ۋە مۇشتلاش فىلىم شاھى. ئۇ كىنو، پەلسەپە، چېنىقىش، مۇزىكا، سەنئەت … قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئۇ پەقەت چامباشچى، كىنو چولپىنى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر يازغۇچى. ئۇنىڭ سۆزلىرى كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. مەسىلەن: «يوقلۇقتىن ئاپىرىدە قىلىپ، چەكلىكتىن چەكسىزلىككە يۇقىرى كەلتۈرۈش»، «خىيالىڭىز بوش تۇرسۇن، ھالەت ۋە شەكىلنى ئۇنتۇڭ، خۇددى شەكىلسىز سۇغا ئوخشاش، ھازىر سىز سۇنى ئىستاكانغا سالسىڭىز، سۇ شۇ ھامان ئىستاكاننىڭ شەكلىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنى چايغا سالسىڭىز، ئۇ چاينىڭ شەكىلگە ئايلىنىدۇ. سۇ ھەرىكەتلىنەلەيدۇ ھەم قاتتىق زەربە بېرەلەيدۇ. سۇدىن ئۆگىنىش كېرەك، دوستۇم».
لى شىياۋلوڭ كىنوچىلىق تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى باستى. ئۇ گەرچە 32 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى ھازىرغىچە چوڭايماقتا. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھازىرغىچە بىزگە يېتىپ كەلدى ھەم كەلگۈسىدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى.

——
ئاپتورى: مۇھەممەد ئېلى تۇردى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پەنجىر 2012.12.03 , 20:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لى شىياۋلۇڭنىڭ فىلىمى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ ھەمىسىلا ياخشى فىلىملەر !

    • پرېستان 2012.12.03 , 22:55

      دادا-بالا ئىككىلىسى سىرلىق ئۆلۈپ، بۇ يەردە بىر سىر باردەك. كىم بىلىدۇ قانداق سىر بار؟:roll:

  2. ئەل ئۇمۇت 2012.12.03 , 23:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لى شاۋلۇڭىنىڭ تەرجىمالىدا ئازراق خاتالىق بارمۇ نىمە
    لى شاۋلۇڭ خىلى كۆپ رىيازەتلەرنى چىكىپتىكەنمىش
    ئاشخانىدا كۇتكۇچى بولغان يەنە نۇرغۇن رىيازەتلەرنى تارتىپ تىكەنمىش

  3. قايماق 2012.12.04 , 00:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا توردا ئۇنىڭ سول قولىنى دۇمبىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئوڭ قولىنىڭ بىر بارمىقىدا يەر بىغىرلاۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆگەنتىم ئۈچ يىلدىن بىرى دوراپ يۈرۈپ ئاران بىرقولۇمنىڭ ئۈچ بارمىقىدا يەربىغىرلاشنى ئۈگەندىم مەن ئۇنىڭ شۇ ھەركىتىگە بەك قىززىقىمەن مىنىڭ ھازىرچە ياراتقان رىكورتۇم ئاران ئون ئككى:arrow:

  4. ئاجايىپ 2012.12.04 , 15:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا ياتاق ئۆيۈمنىڭ تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدە لى شياۋلۇڭ بىلەن جېكسوننىڭ رەسىملىرى بار ئىدى. بۇ ئىككىسنىڭ رەسىملىرى بىلەن سىن دېسكىلىرىنى ئىزدەپ سوراپ يىغىپ ساقلايتتىم. ئاجايىپ شەخىسلەردە:evil:

  5. Forever 2012.12.04 , 17:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان ، قاچان قارىسا مۇشۇنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى بىلەن ھەركىتىنى دوراپ يۈردىغان …

    • كۇسەن 2012.12.06 , 12:10

      ھى ھى ھى مىنىڭمۇ بىر ئادىشىم با ئاشتاق ۋاقىراپ يۇرۇيدىغان

  6. تارىم بۇيىدا 2012.12.04 , 21:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوسلا قايسىڭلادا ئۇيغۇرچە لى شاۋلۇڭىنىڭ تەرجىمالى دىگەن فىلىم بار بوسا ئادرىسنى يوللىۋەتسەڭلا

  7. روھچخن 2012.12.04 , 23:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىشاۋلۇڭنىڭ كىنولىرىدىن بىر نەچچىنى كۆرۈپتىكەنمەن. چىنلۇڭنىڭ دەۋرى كىلىشتىن 5-6 يىل ئىلگىرى ئۆلۈپتىكەن بۇ ئاداش

  8. بەرداش 2012.12.05 , 00:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىمىدىن تورداشلارنىڭ ئىنكاسى قىززىق

  9. ۋىروس 2012.12.05 , 13:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گەرچە بۇ ئەپەندىم خەلىقارالىق داڭلىق چولپان بولسىمۇ، كىنولىرى ۋە ئۆزى ماڭا ياقمايدۇ. بۇ بەلكىم ئەزەلدىن بىر قىسىم رايۇن ۋە خەلىقلەر فىلىملىرىنى كۆرۈش چەكلىنىدىغان ئائىلە موھىتىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك…

  10. نۇرنىجات 2012.12.05 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن!ماڭا لى شىياۋلوڭنىڭ چېڭلوڭچىلىكمۇ ماھارىتى يوقتەك بىلىنىدۇ!

    • ئويۇنچى 2012.12.06 , 12:44

      مەنغۇ قەتئىي كۆرمەيمەن بۇنىڭ كىنولىرىنى،چېڭلوڭنىڭكىگە يەتمەيدۇ :idea:

  11. تايىر 2012.12.06 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چىڭلوڭنى ئانچە ياختۇرمايمەن ، بۇ دىگەنلىك كىنۇسىنى كۆرمەيمەن دىگەنلىك ئەمەس .كۆرمەن ، سەۋەپ : چىڭلوڭ كوپۇنچە كىنۇسىدا ئادەم پۇخادىن چىققۇدەك ئۇرۇشقان ئەمەس كەشكىچە ئۇيان_بۇيان قىچىپلا يۇردۇ ..ئەمما قىزىقچى ، مەن چىنجىنى ياختۇرمەن ، «چىنجىن» كىنۇسىدىكى ئېسمىنىلا دىدىم،،، بۇ گۇي مەن پۇخادىن چىققۇدە ئۇرشىدۇ چىڭلۇڭدەك قاشمايدۇ، ،«خۇيۇنجا» ،،، دىگەن قىسىملىق كىنۇدا چىقىدۇ بۇ ئاداش ، «بىز شەرىقنىڭ كىسەل كورپىلىرى ئەمەس»…..:mad:

  12. ئايشەم تورى 2012.12.07 , 17:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىقىرايدىغان يىرى قىززىق كىنولىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋەھشى چىقىراپ قويىدۇ ئەمما لېكىن زە:grin:

  13. سارس 2012.12.09 , 16:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لى شىياۋلوڭ ئاڭلىسام پۈتۈن بەدەن موسكۇللىرى پەي گە ئايلىنىپ كەتكەنمىش.

  14. ئۇچقۇن 2013.03.02 , 19:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ لى شىياۋلۇڭ كىنو مەستانىسى :razz:

  15. ئۇچقۇن 2013.03.02 , 19:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى مەنمۇ خېلى ۋاقىت دوراپ يۈرگەن ،:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量