ھوللىۋودنىڭ «زامان ئاخىرى» فىلىملىرى نېمىشقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ؟
يېقىندىن بۇيان «قىيامەت كۈنى»گە ئائىت ئاجايىپ سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىدى. مانا مۇشۇنداق سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىدا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق فىلىمى «2012»نىڭ «تۆھپىسى»نى بىر ياققا قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھوللىۋودتىكى رېژىسسورلار كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئېنىقسىز قىزىقىشلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ «قىيامەت كۈنى» بولىدىغانلىقىغا ئائىت فىلىملەرنى ئىشلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا مانا مۇشۇنداق «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىگە چوقۇنىدىغان، بۇنداق قىياسلارغا ئىشىنىدىغانلار بارغانچە كۆپىيىپ، «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىنى ئىشلىگۈچىلەرگە ياخشى سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىۋاتماقتا.
ھوللىۋود فىلىملىرىدىكى يەر شارى يۈز كېلىدىغان «ئاپەتلەر»
(1) تەبىئىي ئاپەت
«2012» ناملىق فىلىمدە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى، كەلكۈن ئاپىتى، قارا قۇيۇن قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىپ كىشىلەر يەر شارىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. بۇ فىلىمدە 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيىدە يەر تەۋرەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. دېگەندەك 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيىدە يەر تەۋرىشى بىلەن كىشىلەر «قىيامەت كۈنى» نىڭ كېلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنگەن.
(2) تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىدۇ
«مۇستەقىللىق كۈنى» ناملىق فىلىمدە، ئامېرىكا خەلقى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقاندا تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.
(3) ماشىنا ئادەملەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى
«ئاخىرلاشتۇرغۇچى » ناملىق فىلىمدە 2029-يىلى دۇنيادىكى پۈتۈن ماشىنا ئادەملەر ئۆزگىرىپ ئادەملەرنى كونترول قىلغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قىرغىن قىلىپ دۇنيا ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.
(4) ئالەم ئاپىتى
«ئاسمان-زېمىننىڭ چوڭ سوقۇلۇشى» ناملىق فىلىمدە ئامېرىكىدىكى ئاسترونومىيىگە قىزىقىدىغان رىئو ئىسىملىك ئوقۇغۇچى يېڭى بىر يۇلتۇزنى بايقايدۇ. كىشىنى ئەڭ چۆچۈتىدىغىنى بۇ يۇلتۇز دەل يەر شارىغا قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ يەر شارى بىلەن سوقۇلسا ئىنسانىيەتنى يوق قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
ھوللىۋود نېمىشقا ئارقا-ئارقىدىن «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىنى ئىشلەيدۇ؟
كىشىلەردە «قورقۇنۇش»پەيدا قىلالىسىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، مايالىقلار پەرەز قىلغان «زامان ئاخىرى» بولىدىغان كۈندۇر.
ئەمما بۇ پەرەز ئاللابۇرۇن ئىنكار قىلىنغان.
ھوللىۋودنىڭ «زامان ئاخىرى» فىلىملىرى نېمىشقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ؟
ئىلگىرى ھوللىۋود فانتازىيە فىلىملىرىنى تەتقىق قىلغان رېژىسسور شى لېي:«زامان ئاخىرى فىلىملىرىنىڭ ھەممىسى فانتازىيىنى ئاساس قىلغان، پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئېنىقسىز كەلگۈسىگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشى ھوللىۋودنىڭ بۇ ئارقىلىق پۇل تېپىش ئىستىكىنى قوزغىغان» دەپ قارىغان. ھوللىۋودتا مۇنداق بىر گەپ بار «پەقەت كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى قورقىتالايدىغان فىلىم بولسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. زامان ئاخىرىغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر ئۇنىڭ مىسالى».
جۇڭگولۇق داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى خې شېن: «كىنو-فىلىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھوللىۋود فىلىملىرى (يامان غەرەز) بىلەن ئىشلەنگەن، فىلىمنىڭ تەپسىلاتلىرى پەقەت پەرەز ۋە ئويدۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق بايان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا ئېرىشىش. دېگەندەك بۇ فىلىم دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىنوخانىلارغا بېرىپ بۇ فىلىمنى كۆرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېگەن.
ھوللىۋود رېژىسسورلىرى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى يەر شارىنى يوقىتىۋېتىش خاراكتېرىدىكى بىر فىلىمنى ئىشلەپ ھەمدە بۇ فىلىمدە يەنە يەر شارىنى قۇتقۇزۋالغۇچىدىن بىرنى پەيدا قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇ دەل ھوللىۋود سودا فىلىملىرىنىڭ لوگىكىلىق چۈشەندۈرۈلۈشى. ھوللىۋودنىڭ «2012»، «يەر شارى توختاپ قېلىش»، «ئاسمان-زېمىننىڭ چوڭ سوقۇلۇشى»، «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» ناملىق فىلىملەر دەل ئۇنىڭ مىسالىدۇر.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن,كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالەم، پاراڭ، كىنو
- يازمــا مەنبەســى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,567 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: zaman-axiri-filimliri.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورداشلار ياساپ چىققان 2012-يىلىدىكى كىنولارنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈش توپلانمىسى، بىر قىسىم جۇڭگودا قويۇلمىغان كىنولارمۇ بار
- كېيىنكى يازما > 2012-يىلى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 10 چوڭ نادىر Super Bowl ئېلانى، بۇنداق ئېلان قويۇپ بەرسە ھېچكىم زېرىكمەيدۇدە؟!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
زامان ئاخىرىغا دىنىي ۋە پەننى جەھەتتىن بىلىمى تۆۋەن كىشىلەر ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ.
بىلگۈچى بىر ئاللاھ..
ما قەيەر؟
بۈگۈن ھەممەيلەن قورقۇپ تورنى ئاچمىغان ئوخشىمامدۇ؟
پەگا!
ئاتالمىش جۇڭگولۇق داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى خې شېننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ پەقەتلا ھەسەت سۆزلىرىدىن باشقا نەرسە ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىمەن، چۈنكى بۇلارنىڭ شۇنچىلىك بىرەر فىلىمىمۇ يوق ئەمەسمۇ، ھوللىۋۇدنىڭ زامان ئاخىرى تەسۋىرلەنگەن فىلىملىرىدە ئورتاق بىر نەرسىنى كىشىلەرگە ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يەر شارىنى قوغداش، قىيامەتنىڭ ھامان كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكىلەرنى قەدىرلەش، بۇلار مونۇ خەقنىڭ ئىشلەۋاتقان تۇتۇرۇقسىز فىلىملىرىدىن كۆپ ئەلا
‹‹ كىشىلەردە «قورقۇنۇش»پەيدا قىلالىسىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ›› ماگەپ ماڭا جەميىتىمىز دە ئېقىپ يۈرگەن پالچىلار بىلەن ساختا شى لەي لى لارنى ئەسلەتتى .
بولىدىغان گەپكەن
دوسلارنىڭ سەۋيىسى ئېشىپتۇ جۇمۇ، بىر-بىرىدىن ئېسىل باھالارنى بېرىپتۇ ،ئۆز ئارا پىكىر قىلىشسا نىمدىگەن ياخشى ھە !
مۇشۇنداق ساخىتا پالچىلار تاپقان كوچا پاراڭلىرىنىڭ تۈپەيلىدىن جىق كىشلەر ئالدىنقى قىتىمقى تۇز كەم بۇلۇش ۋەقەسىگە ئوخشاش بۇ قىتىممۇ تاس قالدى دۇكاندىن شامنىڭ ھەممىنى سېتىۋىلىشقىلى…..