10 چوڭ بلوگ ھەققىدە ئىشلەنگەن يېڭى ھەزىل فىلىم: بىلكان پەد ئىشقىدا
يىللاردىكىدەك، بۇ يىلمۇ 10 چوڭ بلوگ ھەققىدە مەخسۇس ھەزىل فىلىم ئىشلەشكە ئۈلگۈردۇق. گەرچە فەقىر تەدبىركارنىڭ مەزكۇر فىلىمدىكى كۆرۈنۈشى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ فىلىمنىڭ دەسلەپكى تەشۋىق فىلىمىدە رول ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. ئاخىرىدا فىلىم ئىشلىگۈچى ئۇيغۇر بەگكە، ئاندىن پارتىيەگە، CCTV غا، MTV غا رەھمەت!!!
ئەلۋەتتە، ئۆتكەن يىلقى 10 چوڭ بلوگ فىلىمىدىمۇ ئالتۇن كالاچ مۇكاپاتى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدۇق:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: بلوگ,بلوگگېر,فىلىم,قىزىقارلىق,پائالىيەت,ھەزىل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bilkanpad-ishqida.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىككى مىنۇتلۇق سىن ئارقىلىق 2011-يىلىدىكى نادىر ئويۇنلارنى بىرلىكتە ئەسلەپ چىقايلى
- كېيىنكى يازما > 2012-يىلىدىكى كۆرۈپ قويۇشقا تېگىشلىك تۇنجى نادىر فىلىم: ئىمكانسىز ۋەزىپە4 + Windows7 ئۇسلۇبى
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
دىۋان ئىشقىدا !
ئاستىنىقىسىنى ئىلگىرى كۆرۆپتىكەنمەن ، ئۈستىدىكىسى يېڭىكەن !
ئاۋاز بەرگەن بولسا تىخمۇ پەچچەت بوپ كىتەتتىكەنتۇق
گەپ-سۆزلەر بەك جايىغا چۈشۈپتۇ لېكىن. ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە كۈلۈپ يىقىلىپ قاپتىمەن
پەيزىڭلار بار.
مىنىڭ تورخۇماردا كۆرۈشۈم،كۆرۈپ يىقىلىپ قالغىلى تاس قالدىم!
كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن ، بەك كەلتۈرىۋىتىپسىلەر ، نەتىجىسى چىقىپتۇ ، ھەممىڭلارغا موبارەك بولسۇن .
ۋوي بۇ تور بەت باشلىقلىرى ئۇرۇشقا چىققانداق چىقىپ بىلوگ باشقۇرامسىلەن نىمەئئئ دىققەت قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ …
باللادا تەسەۋۋۇر دېگەن باركەن جۇمۇ، ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
10 نادىر بىلوگنىڭ بىرى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن!
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مۇنداق بىر نوقتىغا بەك سەل قارالغان:
مۇنبەرلەرنىڭ رولى زىيادە چوڭايتىۋىتىلگەن. مەن بىلىدىغان بلوگقا قىزىقىدىغانلار مۇنبەرلەرگە كۆپ كىرمەيدۇ. دىمەك، بلوگنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىغان كىشلەرگە بلوگنى باھالىتىپ چىقتۇق. دىسەم گەپ ئاۋۇت كىتىدۇ.
يۈكسەلكا، بۇ قېتىم ئىشلارنى يەڭگىللىك بىلەن قارار قىلغاندەك تۇرىسىز.
يۈكسەلكا، «بىلكان پەد ئىشقىدا» دىگەن بۇ فىلىمنى كۆرسىڭىز خاتا گەپ قىلمىغانلىقىمنى بىلىسىز، ئۇ فىلىم بىر قىسىم بلوگ يازغۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ دەو قارىدىم.
ئاۋازلىق ئىشلىگەن بولساڭلار بەك پەيزى چىققۇدەككەن…..كىلەر يىللىق فىلىمنى ئاۋازلىق ئىشلىسەك بولغۇدەك….مەن بىر ئاۋاز بىرىپ باقاي دەيمەن ئەمما سۆزلەرنى مانىڭدەك كەلتۈرەلمەي ۋاتىمەن دىسە
بىلەت تاشلاشقا مەخسۇس توربەت ياسالسا بۇلاتتى ئەسلى….
كەپ كېتىپتۇ!
ھەراس، مارەك بوسۇن جۇما! ئۈچ كۈن بولدى تور يوق يۈرۈپ كەتتىم. بىر پۇرسەت بولمىدى