نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

YouTube نىڭ يىللىق چوڭ سوۋغىسى – Life In A Day(بىر كۈنلۈك ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش) 720P سىنى چۈشۈرۈش

life-in-a-day

ئىككى قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېژىسور رىدلېي.سكوت(Ridley Scott) ۋە كەۋىن.مەكدونالىد(Kevin Macdonald) بىرلىكتە يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ سىن ھەمبەھرلىنىش تور بېكىتى YouTube بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىق ئورناتقان ھوللىيۋود رېژىسورلىرى بولۇپ قالغان ۋە پۈتكۈل يەرشارىدىكى تور ئاھالىلىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىشقا بولغان ياردىمىگە ئېرىشكەن…

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، «مۇھەببەت» ۋە «قورقۇنچ» تېمىسىدا بىرلىكتە 80 مىڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن، جەمئىي 4500 سائەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن. فىلىمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە شۇ يەردىكى كىشىلەر، ئىش-ئىزلار ھەمدە ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بىر كۈن ئىچىدىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، ئاشۇ نۇرغۇن جەبر-ھالاۋەت، يوقىتىش ۋە ئېرىشىشكە مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەر: ئاۋات چوڭ شەھەرلەردىن تارتىپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە ئاز قالغان يېزا-قىشلاقلارغىچە، ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا ھەيدەيدىغان بايۋەتچىلەردىن تارتىپ كوچىدىكى مايلامچىلارغىچە، باشقىلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ جان باقىدىغان تۇرمۇشتىن رەڭگارەڭ دۇنياغىچە ھەممىسى مەزكۇر فىلىمدە ئەكس ئەتكەن، فىلىمنىڭ ھېسسىي ئامىلى مول، تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك چىققان. بۇ نەچچە مىليوندىن ئاشىدىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىجادىيەت، ئوسكارچە پۇراق بىلەن تويۇنغان رېژىسورلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئاخىرى كىنو ئېكرانىغا يېتىپ كەلدى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق قىزغىنلىق لاۋۇلداپ تۇرغان كۆرۈنۈشلىرى، بۇ بىر كۈندىكى ئىنسانىيەتنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىغا سىمۋول بولۇپ قالغان…

Life In A Day نىڭ 720P لىق سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ)     |     مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئادىل 2011.12.12 , 23:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا تورخۇمار قۇرۇلغاندىن تارتىپ كۈندە كۆرىمەن،لىكىن تۆردىن ئورۇن تىگىپ باقمىغان. بۈگۈن خۇدايىم بەدى.

    • تورخۇمار 2011.12.12 , 23:54

      بەك تېزكەنسىز، يوللاپ بولۇپ ئۆزۈم كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن تېخى:arrow:

    • سادىرجان(چىمەن) 2011.12.17 , 20:14

      نىمانچە مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بۇ؟ ئۆزى ككرمەيلا يوللاپتا بۇ فىلىمنى:mrgreen:

  2. بۆرەيار 2011.12.13 , 13:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولغانمۇ؟:evil:

    • Forever 2011.12.13 , 19:13

      ئۇنداق بولمىدىمىكىن تىخى ، ساقلايمىز ھە ئەمسە …:evil:

  3. زەبۇران 2011.12.13 , 17:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۇشمەيدىغۇ؟

  4. Forever 2011.12.13 , 19:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭكىدىمۇ چۈشمىدى .

  5. ئەردەم 2015.05.08 , 19:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم تور خۇمار ئەپەندىم سىز YouTube تورغا چىقالامسىز بىزگىمۇ شۇ ئۇسۇللارنى كۇرسىتىپ قويغان بولسڭىز :lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量