نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ئەگەر كەلگۈسى دۇنيا مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا قالتىس بولغۇدەك جۇمۇ؟!

productivity-future-vision-2011

كەلگۈسىدە، ئەقلىفون ۋە ئىسىم كارتوچكىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە بەلكىم جىق پەرق بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى سىز بىۋاستە تېگىشكەن ھەرقانداق جىسىمدا سېزىمچان ئېكران بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن! قەغەزنىڭ ئورنىنى كىتابچىگە ئوخشايدىغان تاختا كومپيۇتېرلار ئىگەللىشى مۇمكىن. بۇلۇت سۇپىسى ئاللىقاچان مەزمۇن ئۇزىتىشتىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، ئاۋاز ۋە ئىشارەت تونۇش تېخنىكىسى، كۈچەيتىلگەن 3D پرويېكسىيە تېخنىكىسىمۇ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى…

مەزكۇر فىلىم Microsoft نىڭ «سېزىمچان ئېكرانلىق دۇنيا» ناملىق فىلىمى بولۇپ، تۆۋەندە بىرلىكتە كەلگۈسىدىكى تېخنىكا دۇنياسىنىڭ كىشىلەرگە ۋاقىتتىن قانداق قىلغاندا ياخشى پايدىلىنىش، دىققەتنى يىغىش، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەمدە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە قولايلىقلىشىپ كېتىشىگە بولغان ياردىمىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەمەلىيەتتە، مايكروسوفتتىن باشقا، ئالاھىدە ئەينەك ۋە فارفور بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر Corninh شىركىتىمۇ نۆۋەتتە كەلگۈسى دۇنيا تەسۋىرلەنگەن بىر دانە سىننى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، سىز بۇ سىندىن كەلگۈسىدىكى دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايسىز!



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئادىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: مەنمۇ تۆرىدە ئولتۇرۇپ باقاي.

  2. ئەرك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان بامۇ؟

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەپ… ما دىۋان ماڭا ئاشماس بوپ كەتتى مۇشۇ كۈنلەردە :twisted:

  4. سەزگۈچ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر يەر چېنىپ قاپتۇ، ئىككى مىنۇت 45 سىكۇنت (02:45) تىن باشلاپ نەچچە سىكۇنتنى قايتا كۆرۈپ بېقىڭ.
    كىتاپچە ياندىن كۆرۈنۈشتە تەخمىنەن 10 گىرادۇس يېپىلغان، ئۈستىدىن كۆرۈنۈشتە تۈپتۈز.

  5. كۇلكە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداك بولسا بەك ياخشې بۇلاتتې

  6. 7777777 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا 17 سۇڭلۇق خاتىرە كومپىيوتىرنى شىنجاڭدىن سېتۋالدىغان جاي بامىدۇ،تور ئاختۇرۇپ 17 سۇڭلۇق خاتىرە كومپىيوتىر ساتىدىغان تور بىكەتنى تاپتىم ئەمما شىنجاڭغا مال يەتكۈزدىغانلىرى يوقكەن ،كومپىيوتىر سېتىش تىجارىتى قىلدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلا: ماڭا ئېكىرانى 17 سۇڭلۇق بولغان، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ 3 ھېرتىس تىن يۇقىرى بولغان قوش يادىرولۇق ، ئىچكى ساقلىغۇچ 4 گىگابايىت بولغان، قاتتىق دېسكا سىغمى 500 گىگابايىت بولغان ،(كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن ئاۋاز كارتىسى2 گىگابايىت بولسا بولىدۇ) .مۇشۇنداق سەپلىملىك كومپىيوتىردىن بىر نى سېتۋالماقچىتىم .چچ:1834315751

  7. قاپلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ باش سۈرىتىم نىمىشقا سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىلا چىقىدۇ؟

  8. قاپلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۈكسەل، ئەرك، ئۇيغۇربەگلەرنىڭ بىلوگىغا ئىنكاس يازسام، باش سۈرىتىم چىقمايدىكەن، باشقىلارنىڭ نورمال چىقىدىكەن.
    يۈكسەل بىلوگىدىكى قاپلان ئىسىملىك ئىنكاسقا قارپ بېقىڭ:
    http://www.yuksel.me/1858.html
    سىزگە كۆپ رەھمەت

  9. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ بىزلەرمۇ يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن مۇشۇنداق بولوپ كىتەرمىز ھە :roll:

    • باتۇرخان :

      چەۋرىڭىزنىڭ چەۋرىسىگە تىلەپ ئولتۇرۇڭ. :grin:

  10. تاتلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىمۇ سىز تورخۇمار ئەپەندىم… ئۆز ئارا بىكەت ئۇلىنىشى ئالماشتۇرساق…
    http://www.tatlik.net/logo.gif

  11. شىر خان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باتارىيە يوك خېلى پۇل ئىقتىساد قىلغۇدەكمىز خە

  12. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇنداق نەرسىلەرنى كۆرسە ئادەم بۆلەكچە يايراپ كېتىدىكەن. بىز شۇ كۈنلەرگىمۇ ئۇلىشارمىز، ئىنشا ئاللاھ!

  13. بارى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇخىل تۇرمۇشمۇ پات ئارىدا كۆز ئالدىمىزدا نايايەن بۇلدىغاننىقىغا كۇزۇم يىتىدۇ ، لىكىن بۇنىڭدەك ئالاھىدە نىپپىز ئېكرانلىق بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن ، …






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)