دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت سۈرەت ۋە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان باھاسى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان سۈرەتنى بىلەمسىز؟
1999-يىلى تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت نىيۇيوركتا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا تۆت مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن سېتىلغان. بۇ بىر پارچە سۈرەتنىڭ نامى Rhein II(رېيىن دەرياسى ئىككىنچى نومۇر) بولۇپ، 1981-يىلى ئۈچ مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغان بىر پارچە نامسىز سۈرەتنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت بىر پارچە سۈرەتكە ئايلانغان…
مەزكۇر سۈرەتنى تارتقۇچى فوتوگراف گېرمانىيەلىك سەنئەتكار Andreas Gursky رېيىن دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەرىپىدىن مەپتۇن بولۇپ قالغان، شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئىزچىل رېيىن دەرياسىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىش ئويىدا يۈرگەن. Rhein II بولسا بىر قاتار فوتو-سۈرەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر پارچە سۈرەت بولۇپ، باشقا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان بەش پارچە سۈرەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا نىيۇيورك، لوندون، ميۇنخىن قاتارلىق جايلاردىكى ھازىرقى زامان سەنئەت مۇزىيىدا ساقلانماقتا.
كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن بۇرۇن، Rhein II نىڭ باھاسى ئاللىقاچان ئىككى مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئۈچ مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولغان، بۇ بىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خېلىلا كۆپ سان. بۇ پەقەت بىر تال ئىنتايىن ئادەتتىكىچە، بىر دانە تەكشى ئېقىۋاتقان دەريانىڭ مەنزىرىسىلا خالاس، ئەجىبا بۇ سۈرەتكە بىرەر مەخپىيەتلىك ياكى بايلىق خەرىتىسى يوشۇرۇنغانمىدۇ؟
كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئۇلار كىشىلەرنىڭ بۇ سۈرەتنى كۆرگەن چاغدا رېيىن دەرياسىنىڭ قايسى بۆلىكى ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىپ تېپىۋېلىشىنى خالىمايدىكەن، پەقەت سۈرەتتىن ھوزۇرلانغۇچىلارنىڭ ئەپلاتونچە بۇ سۇ بۆلىكىدىن ھوزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئەمما بۇنچە يۇقىرى باھاغا نىسبەتەن، بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئانچە يۇقىرى بولمىغان.
Andreas Gursky نىڭ بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ئەسىرى كىشىگە دۇنياغا مەشھۇر يەنە بىر ئەسەرنى ئەسلىتىدۇ. دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلىرىنىڭ ئالدىنقى فوتوگرافى Chuck O’Rear ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىز دوستىنى كۆرگىلى ماڭغاندا بىر پارچە ئىنتايىن گۈزەل ئۈزۈمزارلىقنى كۆرۈپ قالىدۇ، كەسپىي ئادىتى ئۇنى ئىختىيارسىز ماشىنىدىن چۈشۈپ بۇ مەنزىرىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىشقا ئۈندەيدۇ. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، بۇ بىر پارچە سۈرەت پۈتكۈل يەرشارىنى بىر ئالىدۇ.
كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىلگىرى دۇنيا بويىچە باھاسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان فوتو-سۈرەت، يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق بىر پارچە سۈرەت ئىكەندۇق. Chuck نىڭ سۈرىتىنىڭ يەرشارىغا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا Windows XP نىڭ رولى چوڭ. ئەمما Andreas Gursky نىڭ ئاۋۇ رەسىمىنىڭ دۇنيا بويىچە 1-قىممەت رەسىم بولۇپ قېلىشىغا زادى نېمە سەۋەپ بولغاندۇ؟ سىز ئۇ رەسىمدىن بىرەر ئالاھىدىلىكنى بايقىيالىدىڭىزمىكىن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سەنئەت، سۈرەت، فوتو سۈرەت، فوتوگراف، مەنزىرە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,638 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: rhein2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفتنىڭ تاقىتى تاق بولدى! IE6 يىل بېشىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا ئاپتوماتىك يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈلمەكچى!
- كېيىنكى يازما > ئالما شىركىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ بىلەن يېڭىدىن سالماقچى بولغان «ئۇچار كېمە» شەكىللىك يېڭى باش شىتابى
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
بىز تەپەككۇرمىزنى چەت ئەللىكلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئادىتى بىلەن يۈرگۈزسەك ئاۋۇ رەسىمنىڭ نىمە ئۇچۈن بىرىنجى بولۇپ قالغىننى بىلەلىشىمىز مۇمكىن.
ۋاھ نىمانچە قىممەت ‹باشقلا نەگە كەتتى بۈگۈن›
مەن بۇرۇن win98 ئىشلەتكەن چاغدىمۇ ئاشۇ رەسىمنى ئاتايىتەن تەگلىك قىلىۋالاتىم . تەبىي تارتىلغان سۆرەت دەپ قەيىت قىلىنىپتىكەن ، مىنىڭچە ئازدۇر كۆپتۈر بولسىمۇ ئىش ئىشلىگەندۇ!
XP نىڭكىگە ئازراق ئىش قوشقاندەك قىلىدۇ .
ماۋۇمۇ بولىدىكەن http://image.baidu.com/i?ct=503316480&z=0&tn=baiduimagedetail&word=xp%D7%C0%C3%E6%B8%E3%D0%A6&in=18174&cl=2&lm=-1&pn=120&rn=1&di=34341947730&ln=2000&fr=&fm=index&fmq=1324295653623_R&ic=&s=0&se=&sme=0&tab=&width=&height=&face=&is=&istype=2#pn120&-1&di34341947730&objURLhttp%3A%2F%2Fpostimg1.mop.com%2F2010%2F09%2F25%2F12853766157045230.jpg&fromURLhttp%3A%2F%2Ftt.mop.com%2Fread_4945693_1_0.html&W460&H345
سۇ يۈزى بىلەن يەر يۈزى تەكشى كۆرۈنىدىكەن
راستىنلا ئادەمنىڭ كاللىسى يەتمەيدىغان ئىشلار جېق
مەنمۇ بەك ياخشى كۆرەتتىم بۇ رەسىمنى ، ئەسلىدە مۇنداق ئارقا كۆرۈنىشى بار ئىكەندە….
ئەمدى بىلىۋالدۇق ماۋۇ رەسىمنىڭ مەنىسىنى
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا XP دىكى تەگلىك سۈرەت تەبىئىي سۈرەتكەن.
تارتقۇچى كالىفورنىيە شىتاتىدىكى مەلۇم بىر تۆپىلىكنى تارتىپتىكەنمىش، ئاشۇ تۆپلىك – تەگلىك سۈرەت XP ئىشلەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ ھەربىرىدە بارغۇ دەيمەن
سۇ يۈزى بىلەن يەر يۈزى تەكشى كۆرۈنىدىكەن
tuzlam kan
ئاق ، يېشىل ، كۈلرەڭ ماي بوياق چوتكىسىنى توغرىسىغا تۈز تارتىپ سىزىپ قويغاندەكلا كۆرىندىكەن