نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى! تورخۇمار سىزنىڭ بىر تال بېلىتىڭىزگە موھتاج!

2011-top10-blog

2012-يىلى كېلەيلا دەپ قالدى.  بۇ يىل بولسا تورخۇمارلار كۇلۇبى ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولدى. ئاز-ئازدىن ئۆزگەرتىش، يازما يېڭىلاش، تورداشلار ئۈچۈن مۇقىم ۋە ئۆزگىچە پائالىيەت سورۇنى تەشكىللەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاقلارنى ئۆتكۈزۈپ مانا بۇ بىر يىلنىمۇ ئۇزىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. تورخۇمارلار كۇلۇبى گەرچە بۇ بىر يىلدا كۆزگە كۆرۈنگۈدەك چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ بىر يىلدىكى تەرەققىيات نەتىجىسى خېلىلا ياخشى دەپ قارايمەن. ھېچ بولمىسا بىر قىسىم تورداشلارنىڭ قەلبىدە نادىر تور بېكەت، ئۇتۇقلۇق بلوگ دېگەن ناملاردا ئاتىلىشقىمۇ مۇيەسسەر بولۇپ ئۈلگۈرۈپتىمىز، بۇ تەرەپلەردىن مەن تولىمۇ خۇشال!

گەپكە كەلسەك، دائىم بلوگ ئارىلايدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا تورخۇمارغا دائىم كىرىپ تۇرىدىغان تورداشلىرىمىز ئۈچۈن يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان 10 چوڭ بلوگ باھالاش پائالىيىتى ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك؟ خۇددى يىللاردىكىدەكلا، بۇ يىلمۇ بۇ پائالىيەت ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇدا پائالىيەتكە قاتناشماقچى بولغان بلوگلار يىللاردىكىدىن سەرخىل، رىقابەت قاتتىق شىددەتلىك بولارمىش. يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگلىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇۋېتىپتۇ، تورخۇمارنى قوللايدىغان تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ بىلگۈسى بارغۇ دەيمەن؟

شۇنداق! تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگلىرىنى بىلىشى ئۈچۈن، بۇ يىلمۇ مەن ئۆز قەرەلىدە يۈكسەل بلوگى باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 2011-يىلىق 10 چوڭ بلوگ پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولۇۋاتىمەن. ناۋادا سىز تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگلىرىنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنىڭ تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە، تېخىمۇ ئېگىزگە سەكرىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنداقتا ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگلىرى ئۈچۈن بىردىن بېلەت تاشلاپ قويغايسىز(ھايال ئۆتمەيلا بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرىشىمىز مۇمكىن). سىزنىڭ ھەر بىر بېلىتىڭىز ۋە تورخۇمار ۋە تەدبىركار ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بولۇپلا قالماستىن، يەنە سىزنىڭ تورخۇمار ۋە تەدبىركارغا بولغان ئېتىراپ قىلىشىڭىز شۇنداقلا ماڭا سۇنغان مەدەت بايرىقىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! بۇ يەردە تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگىنى ياقتۇرىدىغان تورداشلارنىڭ مېنى ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقىنىغا يەنە بىر قېتىم سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن…

بەلكىم كۆپ قىسىم تورداشلارغا مەزكۇر پائالىيەت تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ پائالىيەت ھەققىدە قەتئىي ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق. چۈنكى بۇ 10 چوڭ بلوگنى، يەنى كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى نادىر نامزات دەپ قارىغان بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغان ۋە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بلوگ ئىگىسىنىڭ بۇ پائالىيەتتە دەرىجىگە ئېرىشىشى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئەجرى مۇئەييەنلەشتۈرىلىدىغان، يېڭى يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ زور مەدەت ۋە ئىلھام، مۇھىمى يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بىر سورۇن ھازىرلايدىغان پائالىيەت!

يۈكسەل بلوگىدىكى 10 چوڭ بلوگ ھەققىدىكى باياناتلار

يېڭى بىر يىلدا كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان يېڭى يازمىلار، ئۆزگىچە ئۇچۇرلارنى داۋاملىق تەمىنلەش، تېخىمۇ كۆپ نادىر مەزمۇنلار ئارقىلىق تورداشلارنىڭ تور مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن مەن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا داۋاملىق تىرىشىمەن! خوش، بۇ يەردە يەنە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ ئولتۇرماي، تىرىشىشىم ئېنىق، پەقەت بۇ تىرىشىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ تورداشلىرىمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

تورخۇمارلار كۇلۇبى:
تەدبىركار تور بېكىتى: http://www.tedbirkar.net

بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى:

نۆۋەتتە نامزات بلوگلاردىن 20 بلوگ تىزىپ چىقىلغان بولۇپ، تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7 ۋە 13-ئورۇنغا تىزىلغان. بېلەت تاشلاش ئورنى بولسا ئىزدىنىش، مىسرانىم، بىلىك، نۇرقۇت ۋە كروران مۇنبىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ناۋادا كۆپچىلىكنىڭ يۇقارقى مۇنبەرلەرگە تىزىملاتقان بولسا بېلەت تاشلاش ئورنىدىن كىرىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7-ئورۇندىكى تەدبىركار بلوگى ۋە 13-ئورۇندىكى تورخۇمار بلوگىغا بېلەت تاشلىسا بولىدۇ.

تولۇقلىما:

پائالىيەت ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى. تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگلىرى تەرتىپ بويىچە 3- ۋە 7-بولۇپ، ئەلداۋا شىركىتى تەمىنلىگەن 600 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئاخىرىدا مېنى قوللىغان بارلىق تورداشلارغا بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 41 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: 2011-top10-blog.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
باھا بېتى: 1 2
  1. 7777777 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تورخۇمار تور بىكىتى ئۈچۈن بىلەت تاشلىمايمەن ،چۈنكى بۇنىڭغا بۇنىڭ قۇرغىچىسى ئەرزىمەيدۇ، مەقسەتلىك تور ئابونتلىرىغا d dos ھۇجۇمى قىلدىغان بۇنداق كىشلەر قۇرغان بىكەتكە بىلەت تاشلايمەنما تېگخى ،تېخى بىلەت تاشلاپقۇيۇڭلا دەپ قانداق يۈزىڭ چىدىدى . بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىڭنىڭ ip ئادىرسى بىلەن ۋاقتى قاتارلىق ئىسپاتلارنى psp رىمنىڭ بوشلۇقىغا ساقلاپ قويدۇم ، خې خې يامان بولساڭ يەنە ھۇجۇم قىلە قېنى ،ئىسپاتلار يىتەرلىك بولغاندا بۇ تور بىكەتنى ئاچالامسەنكىن قېنى،ئەسلى بۇ گەپلەنى دىمەي دىگەن ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق كىشلەرنىڭ تور بىكتى نادىر بۇلۇپ قالسا تازا ئادالەتسىز بۇلۇپ قالىدۇ ،ئاخىردا تور خۇمارنىڭ قۇرغۇچىسى نىشاننى خاتا تاللاپ قاپتۇ –شۇنىلا دەپ قوياي.

    • ئېلېكترون :

      مۇشۇنداق ئىشمۇ بارمۇ؟ بۇ ئىشقا تەدبىركار چۈشەنچە بېرىۋەتسە

    • تورخۇمار :

      ئەسلى ئارتۇق گەپ قىلماي دېگەنتىم، تورداشلار چۈشەنچە تەلەپ قىلىپ قاپتۇ. تورخۇمارغا كىرىۋاتقان ۋە مېنى بىلىدىغان تورداشلارغا مېنىڭ ئادىمىيىتىمنىڭ قانداقلىقى ئايان. ئۈستىدىكى تورداش بەلكىم خاتا تونۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

    • ئۇيغۇربەگ :

      ئىنكاسنى خاتا يوللاپ قالدىڭىزمۇ؟ :evil:

    • پەنجىر :

      شۇ سۆزلەر نى ئىسپاتلايدىغان دەلىلىڭىز بارمۇ ؟ ئۈزىڭىزنىڭ كىملىكىنى نىمىشقا ئاشكارلىيالمايسز!

    • روھچىن :

      ما ئاداش مەسمۇ نىمە ؟ قاۋاقخانا ئەمەس بۇ ، كۆتىگە قاراپ قاۋايدىغان . . .
      ئا ئىنكاسنى تازىلىۋەتسەك بولمامدۇ ؟ تورخۇمارغا چىۋىن قۇنىۋالغاندەك

    • موللاقچى :

      گەپ بوسا مەرىتلەرچە ئوتتۇرغا چىقىپ ، مەيدىگە مۇشلاپ تۇرۇپ سۆزلۈگۈلۈك ، مانابۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئىستىلى . ئەمما قىز بالا بولۇپ قالسىڭىز ئۇنى ئويلۇشۇپ باقساق بولىدۇ …..
      لېكىن ھەممە ھۆرمەت قىلىدىغان ، بىزگە ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان تەدبىركارىمىزغا مەقسەتسىز ، يۇشۇرۇن بەتنام چاپلاپ ئۇيات ھېس قىممامسىز . ئويلاپ باقسىڭىز بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس …

    • ئەرك :

      تورخۇمارنى كۆرەلمەيدىغان بىرەسى يازغان ئىنكاس ئوخشىمامدۇ بۇ، گىپى راست بولسا ئۆزىنى ئاشكارلاپ ئوتتۇرغا چىقسۇنچۇ؟ ئوغۇرنىڭ يۈرىكى پوك پوك دىگەن شۇ.

    • بىلگە :

      ساراڭمۇ يا بۇئاداش

  2. ئۇزچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىلەت تاشلاي دىگەنتىم كىيېن قاپتىمەن !

  3. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق نىمە ئاۋۇ ئۇستىدىكى نوچى بولسا ئۆزىنىڭ تور بىتى ئىلخەت ئادىرسى بىلەن كىرسە بولمامدۇ نامەلۇم ئۇسۇلدا كىرىۋىلىپ ھەجەپ بىشىنى ئاغىرتتى ئادەمنىڭ قانداقلا بولسۇن مەن توخۇرمار بىلەن تەدبىركار بىلوگىغا بىلەت تاشلايمەن نىمە ئۇ ھۇجۇم پۇجۇم دىگەن مەن ھەممە نەرسىنى تەدبىركار ۋە تورخۇماردىن ئۇگەندىم دىسەممۇ بولىدىۇ ئاددىيسى مەن بىلوگ يىزىشىنى مۇشۇ بىلوگلاردىن ئۇگەنگەن مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلارنى نىمە دىسەم بولار قولىدىن كەلسە ئۆز ئىسمى ئىلخەت ئادىرسى بىلەن كىرىپ نىەم دىسە دىمەمدۇ دەيمە يىقىندا مۇشۇنداق تىن بىرنەچچىسى پەيدا بولوپ قالدى بىلوگقا قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغان پىتنىچىلەر

  4. ئوبراز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹7777777›دىگەن (تەھرىرلەندى) سەن باشقىلارغا قالايىمقان تۆھمەت قىلما،بېلەت تاشلىغۇڭ بولمىسا تاشلىمىساڭلا بولىدوغۇ!!بۇ بىلوگ غا پەقەت نورمال ئادەملەر بېلەت تاشلىسىلا كۇپايە!!!

  5. سەرگەردان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي، ئەجەپ قىززىيدۇ-دە بۇجاي! تورخۇمارغا خۇمار بولغانلار خىلىلا كۆپ!

  6. پىنھان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن شەخسەن تەدبىركارنىڭ سەمىمىيتىگە ئىشىنىمەن .

باھا بېتى: 1 2
 汗