نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشقىلارغا كۆچۈرۈشكە بېرىپ تۇرۇشتىكى باھانىسى…

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشقىلارغا كۆچۈرۈشكە بېرىپ تۇرۇشتىكى باھانىسى...

ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا «مۇئەللىم تاپشۇرۇق بېرىش – ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپ تاپشۇرۇش»تىن ئىبارەت بىر ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانى چوقۇملا بولغان بولىدۇ. بەزى ئوقۇچىلار تاپشۇرۇقنى شۇنداق ئەستايىدىل ۋە رەتلىك ئىشلەيدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار بولسا باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۆچۈرۈپلا بۇ ۋەزىپىدىن ئاسانلا قۇتۇلىدۇ. مۇئەللىملەرمۇ تاپشۇرۇق كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرت دېمىگەچ، بۇنداق تاپشۇرۇق كۆچۈرىدىغان ئىشلار ئوقۇغۇچىلاردا ناھايىتى كەڭرى تارقالغان بىر ئادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بەزى ھاللاردا، تاپشۇرۇق كۆچۈرگۈچىگە قارىغاندا، تاپشۇرۇقىنى بېرىپ تۇرغۇچى بەكرەك زىيان تارتىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلۈپ قالىدۇ. تۆۋەندە بىر ئوقۇغۇچى دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، قېنى ئاۋال ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ دەردىنى تىڭشاپ باقايلى…

بۈگۈن مەن تاپشۇرۇقۇمنى بىرسىگە كۆچۈرگىلى بېرىپ تۇردۇم، بىراق ئويلىمىغان يەردىن بىر كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەردى، تاپشۇرۇقۇمنى كۆچۈرگەن ئاۋۇ كالۋا، مېنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ! شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم ماڭا ئۆزۈمنى ئاقلىغۇدەك بىر پۇرسەت بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، ناۋادا ئۇنداق قىلالمىسام، مېنى ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇئەللىمگە ئۆزۈمنىڭ تۆۋەندىكى ئۆلچەملىك جاۋابىمنى بەردىم:
مەن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇقۇمنى بېرىپ تۇرمىسام، ئۇ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمايدۇ؛ ئۇ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىسا، ئېنىقلا مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلايدۇ؛ مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلىسا، ئۇ ئېنىقلا قاتتىق بىئارام بولىدۇ؛ ئۇ بىئارام بولسا، ئېنىقلا ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىدۇ؛ ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ ئېنىقلا ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيدۇ؛ ئوقۇش پۈتتۈرەلمىسە، ئېنىقلا خىزمەت تاپالمايدۇ؛ خىزمەت تاپالمىسا، ئېنىقلا پۇل تاپالمايدۇ؛ پۇل تاپالمىسا، ئېنىقلا دۆلەتكە باج تاپشۇرالمايدۇ؛ باج تاپشۇرالمىسا، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تارقىتىشى تەسكە چۈشىدۇ؛ مۇئەللىملەر مائاشىنى ئالالمىسا، ئېنىقلا كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئۆتكۈسى كەلمەيدۇ؛ مۇئەللىمنىڭ دەرس ئۆتكۈسى كەلمىسە، ئېنىقلا ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىگە تەسىرى زور بولىدۇ؛ ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى تەسىرگە ئۇچرىسا، ئېنىقلا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلالماي قالىدۇ؛ ۋەتىنىمىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلالمىسا، دۆلىتىمىزدىكىلەرنىڭ يۈز-ئابرويى چۈشۈپ كېتىدۇ؛ دۆلىتىمىزنىڭ يۈز-ئابرويى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، مۇئەللىملەرنىڭ يۈز-ئابرويى چۈشمەي قالاتتىمۇ؟! مۇئەللىملەرنىڭ يۈز-ئابرويى چۈشۈپ كەتسە، چوقۇملا دەرس ئۆتكۈسى كەلمەيدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدۇ؛ مۇئەللىملەر خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىۋەتسە، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپى تېخىمۇ كەينىدە قالىدۇ؛ جۇڭگو مائارىپى قالاقلىشىپ كەتسە، جۇڭخۇا مىللىتى تېخىمۇ ياۋايىلىشىپ كېتىدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتى ياۋايىلىشىپ كەتسە، ئامېرىكا ئېنىقلا دۆلىتىمىزدە قىرغۇچى قوراللار بار دەپ گۇمانلىنىدۇ؛ دۆلىتىمىزدە قىرغۇچى قوراللار بارلىقى ئېنىقلانسا، ئامېرىكا ئېنىقلا دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ ئامېرىكا دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلسا، ئېنىقلا ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلايدۇ؛ ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىسا، ئېنىقلا بىر تەرەپنىڭ ھەربى كۈچى يېتىشمەي قالىدۇ؛ بىر تەرەپنىڭ كۈچى يېتىشمەي قالسا، ئېنىقلا يادرو قورالى ئىشلىتىدۇ؛ يادرو قورالى ئىشلىتىلسە، ئېنىقلا تەبىئەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ تەبىئەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇ ھالدا ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن يوغانلا بىر تۆشۈك ئېچىلىپ قالىدۇ؛ ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا يەرشارىنىڭ تېمپراتۇرىسى ئىسسىشقا باشلاپ، ئىككى مۇزتاغ ئېرىشكە باشلايدۇ؛ ئىككى مۇزتاغ ئېرىسە، ئېنىقلا يەر يۈزىدىكى سۇ ئۆرلەشكە باشلايدۇ؛ يەر-يۈزدىكى سۇ ئۆرلىسە، ئېنىقلا پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئىنسانلار سۇغا غەرق بولىدۇ… چۈنكى….شۇڭا…ھەممىمىز ئۆلۈمدىن قورقىمىز، مەنمۇ شۇ…شۇڭا…تاپشۇرۇقۇمنى باشقىلارغا كۆچۈرگىلى بېرىپ تۇردۇم…مۇئەللىم، مەنچە سىز بۇ جاۋاپتىن رازى بولدىڭىزغۇ دەيمەن؟

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. torhumar : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن كەيپىياتىم چاغ تۇرىدۇ، كرېسلودا ئۆزۈم ئولتۇرىۋېتەي :idea:
    يازمىغا كەلسەك، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ باھانىلىرى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن. تۇيۇقسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم، ناۋادا بۇ ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئاۋۇ ساقدىشىغا بېرىپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىندۇ؟ قېنى مۇشۇ مەن بار قەۋەتنىڭ ئاستىغا ئۇلاپ باقماقدۇق؟
    مېنىڭچە بۇ ئوقۇغۇچى ئاۋۇ كالۋاغا تاپشۇرۇقىنى بېرىپ تۇرمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئاۋۇ كالۋانىڭ چوقۇم قاتتىق ئاچچىغى كېلەتتى
    (مېنىڭ مۇشۇ باھايىمغا مائۇسنى ئەكىلىپ پىكرىم بار دېگەن ئۇلانمىنى بېسىپ داۋاملىق ئۇلاۋەرسەڭلار بولىدۇ، ناۋادا باشقىلار ئۇلاپ يېزىپ بولغان بولسا، شۇ كىشىنىڭ باھاسىغا ئۇلاپ يازماقچى بولسىڭىز، يەنىلا مېنىڭ باھايىم بار مۇشۇ قەۋەتتىكى پىكرىم بار ناملىق ئۇلانمىنى بېسىپ ئۇلاۋەرسەك بولدى)

    • بەگزادە :

      ئاۋۇ كالۋانىڭ قاتتىق ئاچچىغى كەلسە، ئۇ ھالدا چوقۇم بۇ ئوقۇغۇچىغا كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىغان بولاتتى

    • مىسكىن :

      ناۋادا كالۋا ئاداۋەت ساقلىغان بولسا، چوقۇم بۇ ئوقۇغۇچىنى دەرستىن چۈشكەندە مەكتەپ سىرتىدا ئاغىنىلىرى بلەن بىللە ساخلاپ تۇغان بولاتتى.

    • سەھرالىق :

      سەل ئىچى كۈچلۈك بولسا بەلكىم ماڭا ئوخشاش،ئىككىنچى خەقتىن تاپشۇرۇق سورىماي،ئۆزى مۇستەققىل ئىشلىگەن بولاتتى…

    • سەھرالىق :

      ئۈچ ئەخمەق دىگەن فىلىمدىكى كىتاب دىگەن نىمە ؟ نىڭ جاۋابىدەكلا جاۋاپ بوپتۇ… توۋا، دۇنيادا ئاددىي ئىش بىلەن خوشى يوق ئادەملەر كۆپ ،-ھە…
      قىزغىنلىقىڭلارغا سوغۇق سۇ سەپكۈم يوق، قىنى قىزىق-قىزىق داۋاملاشتۇرايلۇق!!!!

    • ئۇيغۇربەگ :

      ناۋادا كالۋا ئاداۋەت ساقلىغان بولسا،سۆرەپ ئەپچىقىپلا ئېتىۋېتەتتى!

  2. رادىئو ھەۋەسكارى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاداش ، تور بىتىڭلارنى گوگۇل خىروم ئارقىلىق كۆرسە ، ئۇيغۇرچە خەتلەر پەقەتلا ياخشى چىقمايۋاتىدۇ .

    • سەھرالىق :

      مەن دەل شۇنىڭدا كۆرۈۋاتىمەن، سۈرئەت دىگەن ۋاشاڭ :idea: ئۇيغۇرچە خەتتە قىلچە سو يوققۇ…

  3. مۇئەللىم پۈتۈكلىرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇئەللىم بولغاچقا ئارىلاشماي تۇراي :sad:

  4. رەيھانئاي : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ، نىمە دىگەن كاتتا تەسەۋۋۇر. ئەگەر تاپشۇرۇقنى بىرىپ تۇرمىسا ئېنىقلا ئۇ بالىدىن تاياق يەيدۇ.

 汗