غوجىئاكاڭ ناۋادا مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالسا، تۈزۈم دېگەننى قايتىدىن بېكىتىپ چىقمىسام ھېساب ئەمەس!
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھەم ئۆزى ئارزۇلايدىغان بىر خىل مەكتەپ ياكى مەكتەپ تۈزىمى بولغان بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى مەلۇم ئوقۇغۇچىنىڭ ناۋادا مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالسا، بىرىنچى بولۇپ ئەمىللەشتۈرىدىغان تۈزۈملىرىكەن…
ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدىلەر:
1. يات جىنىستىكىلەر بىلەن بىرگە ماڭمىغانلاردىن 5 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر ئەمەس.
2. ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئېلىپ يۈرگەنلەردىن 1 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان.
3. مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغانلاردىن 2 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ئازراقمۇ ياڭزىسى يوق ئوقۇغۇچى كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولالمايدۇ.
4. تور ئويۇنى ئويناشنى بىلمەيدىغان، تورخانىغا بېرىپ تورغا چىقىشنى بىلمەيدىغانلاردىن 15 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: ھەممە تەرەپتىن تەڭ تەرەققىي قىلىش نىشانىغا يېتەلمىگەن.
5. ئەتىگەندە 7 دىن بۇرۇن تۇرىۋالغانلاردىن 5 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلغان.
6. ئوقۇش مەزگىلىدە يانفون ئىشلەتمىگەنلەردىن 10 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: جۇڭگونىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشمىغان.
7. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە 3 ئاي قالغىچە مابەت تۇتمىغانلارنى مەكتەپتىن ھەيدەش كېرەك. سەۋەپ: ئازراقمۇ جەلپكار ئەمەس، مەكتەپ ھۆسنىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.
8. ئاخشىمى تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ چىقىپ تورخانىغا تۈنىگىلى بارمىغانلاردىن 50 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: جان ساقلاش ئىقتىدارى ناچار.
مۇئەللىملەرگە نىسبەتەن تۈزۈلگەن قائىدىلەر:
1. ئوقۇتقۇچىلار ئەتىگەن سائەت 6:50 تىن 7:00 گە مەيداننى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ يۈگۈرۈشى كېرەك.
2. مۇئەللىملەر ئەتىگەنلىك تەكرار ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن مەكتەپكە كېلىۋالماسلىقى، بالدۇر كېلىۋالغانلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىدا ئوغۇچىلارنىڭ ئەتىگەنلىك تەكرارنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى كۈتۈش كېرەك.
3. يۇقارقى تۈزۈم كەچلىك تەكراردىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
4. ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇشى، ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خاس ئىنسانى پەزىلەتلەرنى نامايەن قىلىشى كېرەك.
5. ئوقۇغۇچىلار رۇخسەت سورىغاندا ئاكتىپلىق بىلەن رۇخسەت بېرىشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
…………
يەنە نۇرغۇن تۈزۈملەرنى ئاستىدا داۋاملىق كۆرۈپ ئۆتەيلى، قېنى مەرھەمەت!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، تاپشۇرۇق، قىزىقارلىق، مائارىپ، مەكتەپ، مۇئەللىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,720 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: i-when-the-principal.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- كېيىنكى يازما > بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
ئامما مەكتەپتە ئۇقۇشمۇ ئاسان ئەمەس جۇما.
ئېلان دىگەننى قاتىل قىلۋىتىپسز
يېڭى تۈزۈم تەستىقتىن ئۆتتى ! ئەتە تەشۋىقات تاختىسىغا چاپلاپ قويۇلىدۇ !
. ئەتىگەندە 7 دىن بۇرۇن تۇرىۋالغانلاردىن 5 نومۇر تارتىش كېرەك، سەۋەپ: باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلغان.
مانىڭغا مەن چۈشسەم بولمىغۇدەك، مەن 6دىن بۇرۇن تۇرمىسام ئىشىم تۈگىمەيدۇ…
ئوقۇتقۇچىلارغا يازىدىغان تۈزۈمنى مەن يەنە بىر ئويلىشىپ باقاي! بۇ بەك ئاددىي بوپ قاپتۇ!
ھەربىر ئوقۇتقۇچى 8-9 خىل پەننىڭ دەرىسلىكنى ئۆتەلەيدىغان بولىشى كېرەك . بولمىسا ‹‹مېنىڭ دەرىسىمدە ناچار ›› دەپ ئاغرىنماسلىقى كېرەك
8-9 خىل پەننىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى 8-9خىل پەننى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىغا قۇيماقچى بولغاندىن كېيىن.
جېنى بارتۇزۇمكەن ماۋۇ
ھا ھا ھا ، يەتتە سەككىز ئادەم ئۆزىنىڭ ئىددىيىسىنى بىر ئادەمنىڭ ئىددىيىسىگە سىڭدۈرمەكچى بولغاندىكىن ھە
ما تۈزۈملەرگە راسا كۈلۈپتىمەن جۇما
ۋايجان… كۈلۈپ ئىچىيىپ ئۈزۈلۈپ قالدى!!
بۇ تۇزۇملە بولغۇدەك جۇمۇ ، سىزلا مەكتەپ مۇدىرى بوسىڭىز بوپتىكە ….
ئىمتاھاندا كۆچۈرمىگەنلەرنىڭ ئىمتاھان بىرىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك .
مەنمۇ قوشۇپ قويدۇم !ھى ھى ھى ھى
بارلىق تازلىقنى قىزلار قىلىدۇ، ئوغۇللارنىڭ ئۇنداق كىچىك ئىشلارنى قىلىشىغا رۇقسەت يوق، خىلاپلىق قىلسا 10 نومۇر تارتىلىدۇ.
ما پىكىرنىڭ جېنى با
ئوقۇغۇچىلار تۈزۈمىنىڭ 6-سىگە سەت كۈلۈپتىمەن
ئىشلەشكە يېرىم سائەتتىن ئوشۇق ۋاقت كېتىدىغان تاپشۇرۇق بەرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 13-ئايىلق مۇئاشىنى ئوقۇغۇچىلارغا بۆلۈپ بېرىش كېرەك.
ئوقوتقۇچىلار بلوگ يازالمايدىغانلاردىن 5نومور تارتىلسا بولغۇدەك
ئەگەر ئوغوللار قىزلارغا مۇھەببەت تەلىپى قويسا شۇ ھامان ماقول بولىشى كىرەك بولمىسا 30 نۇمۇر تارتىلىدۇ ھى ھى
جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچقان ئوقۇتقۇچىلارنى ، سىياسى جىنايەتچى سۈپىتىدە قاماپلاۋەتسە ۋاي ۋاي !!!
قوللايمەن
سىز مەكتەپ مۇدىرى بولغاندا خەۋەر قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ ،مەن چۇقۇم بېرىپ ئوقۇيمەن ،ئۇقۇش پۇلى يوقىرى بولسىمۇ مەيلى .
مەكتەپ پۈتۈن چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىپ ھەربىر ياتاق، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم تور سىمى تارتىپ بېرىشى(كۈەندەي بولسا بولمايدۇ، گۇاڭچىيەن بولسۇن)كېرەك.
سەۋەبى: زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تامدىن ئارتىلىپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھەر كۈنى كەچلىك چىراق ئۆچۈرۈش ۋاقتىنى سەھەر سائەت 4گىچە قىلىشى كېرەك
سەۋەبى: ئۈستىدىكى تۈزۈمنىڭ راھىتىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوبدان سۈرگۈزۈش.
كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن مەكتەپنىڭ بۇلۇق پۇچقاقلىرىدىكى چىراقلارنى ئۆچۈرىۋېتىش كېرەك
سەۋەبى: توكنى تىجەپ مابەتلەرگە رومانتىك سورۇن ھازىرلاش
مەن مۇدىر بولدىغانغا ئازلا قالدى، شۇ چاغدا شەنبە ،يەكشەنبە ئوقۇپ، دۈشەنبە،سىشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، ھەپتىنىڭ بىرى، ھەپتىنىڭ ئىككىس، ھەپتىنىڭ ئۈچى، ھەپتىنىڭ تۆتى ،ھەپتىنىڭ بەشى، يازلىق تەتىل، قىشلىق تەتىل ۋە بارلىق ھېيت -بايراملاردا ئارام ئالىدىغان قىلىۋىمەن.
ھەر كۈنى بالىلارنىڭ ئۆيىگە تىكئۇچارلىق ئالغىلى بېرىش كېرەك.ناۋادا بالىلار تۇرمىغان بولسا تۇرغىچە ساقلاش كېرەك.
يەنە تېخى مەكتەپ ئىچىگە 5يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا سالدۇرۇش كېرەك.(ھەقسىز)
ھە راس . ما مەكتەپكە مەسچىت سېلپ بەرمىسە شوجاڭ نەنىڭ ئىشىنى ئوڭشاش كېرەك !! يەنە قۇرئان ساۋادى يوقلارنىڭ قۇرئاس ساۋادىنى ھەپتە ئىچىدە چىقىرىپ بولالمىسا ئوقۇتقۇچى شوجاڭ لارنىڭ ئىشى چاتاق !! ! ئوقۇغۇچىلار كىچىسى تورغا چىقىپ ئئەتتىگىنى مەسچىتكە چىقىپ كۈندۈزى ئۇلاش كېرەك .
ئۇخلاش دىمەكچى ئىدىم (ئۇلاش ئەمەس)
ئەگەر بۇنداق بولۇپ قالسا بىزنىڭ سىنىپلىق ھىلىقى ئاكتىپ نۇمۇر قەرىز بولۇپ كالىدىغان ئوخشايدۇ
خەت بىسىشنى تۈزۈكچە مەشىق قىلسام بولغۇدەك
ئوقۇغۇچىلارغا تامىقنى ياتىقىغا ئەكىرىپ بىرىشى كىرەك،بولمىسا ئاشخانا مەسئۇلى جازاغا تارتىلشى كىرەك.
يەنە تاپشۇرۇق بىرغىان ئۇقۇتقۇچىلارنى خىزمەتتىن توختۇتۇش،يېزىقچە سىناق ۋە ئىمتانلارنى مەملىكەت بۇيىچە ئەمەلدىن اقلدۇرۇش كېرەك
تورخۇمارغا كىرىپ ئىنكاس يازمىغان ئوقوتقۇچى ئوغوچىلار ئوخشاشلار مەكتەپتىن قوغلىنشى كىرەك
تورخۇمارغا كىرىپ دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقمىغانلارغا قاندا جازا بەسە بۇلاركىن~؟
دەرسكە سەل كچىكىپرەك كىرمىگەنلەردىن5 نۇمۇر تاتىلىشى كرەك، چۅنكى ئاۋۋال ئوقۇتقۇچىلار سىنىپقا كىرىپ بولعاندىن كىيىن ئاندىن ئوقۇعۇچىلار كىرىشى كىرەك، چوڭلارنى ھۉرمەتلىمىسەك بولماس……
مۇدىرلىققا سايلام بولغان بولسا سىزگەبىلەت تاشلىغان بولاتتىم
جۈمە كۈنى كەلگەنلەردىن 45 نۇمۇر تارتىش
سەۋەب:جۈمەكۈنى كائنات مۇسۇلمانلار بايرىمى.