يېزىق ۋە جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم ياردەمچى – Office 2010 كۈچەيتىلگەن نەشىرى
Microsoft Office توغرىسىدا يەنە ئىچكىرىلەپ سۆزلەش بىھاجەتقۇ دەيمەن، سۆزلەشكە توغرا كەلسە، بۇ نۇسخىدا قانداق يېڭىلىقلار بارلىقى توغرىسىدا ئازراق توختالساق بولار، 2010-يىلى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن Office 2010 نى كۆپچىلىككە بىر تونۇشتۇرىۋېتەي دەپ قالدىم…
نۆۋەتتە كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىمغا Microsoft ئۆزىنىڭ MSDN تور بېكىتى تەرىپىدىن تارقاتقان Office 2010 خەنچە كۈچەيتىلگەن نەشىرىنىڭ ISO ھۆججىتى بولۇپ، بىۋاستە توردىن چۈشۈرۈپ ئوپتېك دېسكىغا ئويۇۋېلىشقىمۇ ياكى كومپيۇتېردا ساقلىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ. خۇددى تەدبىركار ئىلگىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن Windows 7 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى نەشىرىگە ئوخشاشلا ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان ئالاھىدە نۇسخىلىرىنىڭ بىرى. Office 2010 ئەسلىدىنلا بىر كەسپىي سودا خاراكتېرلىك ھەقلىق يۇمشاق دېتال، شۇڭا كۆپچىلىك ناۋادا قۇربى يەتسە ھەقلىق نەشىرىدىكى Microsoft Office نى سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ناۋادا سىزنىڭ تەلىۋىڭىز ئانچە يۇقىرى بولمىسا، OpenOffice غا ئوخشاش پۈتۈنلەي ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارمۇ تامامەن ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ.
ئاكتىپلاش ئۇسۇلى توردا ئىنتايىن كۆپ، بۇ يەردە قالدۇرۇپ ئولتۇرمىدىم، ناۋادا ھەقىقەتەن ئىشلەتمىسىڭىز بولمايدىغان بولسا، توردىكى ئاكتىپلاش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ، بەك تەسمۇ ئەمەس.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷دا چۈشۈرۈڭ):
Microsoft Office2010 كۈچەيتىلگەن نەشىرى 32 بىتلىق نۇسخىسى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: office,مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 360 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: office-2010.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > MacType ئارقىلىق Windows تىكى خەتلەرنى Mac تىكىدەك ئاجايىپ چىرايلىق كۆرسىتىش…
- كېيىنكى يازما > كلاسسىك ئويۇن: ئىتتىپاقداش پىدائىيلار(Commandos 2) خەنچە نەشىرى | 盟军敢死队:勇往直前
تېخىچە office-2003 نى ئىشلىتىۋاتىمەن… كۆنۈپ قاپتىمەن.
بالاڭزا بۇ نەرسىڭىز ھالالمۇ ؟ ھاراممۇ ؟
پۇل تۆلەپ ئاكتىپلىسىڭىز ھالال، قېلىنلارچە ئىشلىتىۋەرسىڭىز ھارام
مەن office-2007 نى ئېشلىتىۋاتىمەن
خاپا بولمىسىڭىز ئۇيغۇرچە خەت باسىدىغان 记事本 دەك نەرسىلەر بولسا نۇشۇشتۇر غان بولسىڭىز ، بۇرۇن بىرسى باتى لىكىن ۋىروسخور يۇيىۋىتىپ قاپتۇ قايتا چۇشۇرۇش ئورنىنى تاپالمىدىم ، شۇڭا سىزدە بولسا بىر يوللاپ نەرسىڭىز ،قارىسام كىيىنكى ماقالە رەسىمىدە ئۇيغۇرچە باسقىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ رەسىمى تۇرۇپتۇ،شۇڭا ياردەم قىلسىڭىز
رەسىمدىكىسى Windows نىڭ ئۆزىدىكى NotePad نىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ TUZ TOM غا تەڭشەپ قويغاندىكى ھالەت ئىدى. بىۋاستە ئۇيغۇرچە باسىدىغان تەھرىرلىگۈچلەردىن UyghurEdit ياكى يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ بار. مەن ئادەتتە كۆپىنچە NotePad++ دا تور بېكەت ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەيمەن.