بىر كۇنۇپكا بىلەن Ubuntu نى Windows 7 گە ئايلاندۇرىۋېتىش…
ھەقسىز نەشىردىكى سېستىمىلارنى ئىشلىتىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بۇيان، ئارىمىزدا خېلى كۆپ تورداشلار Ubuntu غا ئوخشاش ھەقسىز مەشغۇلات سېستىمىلىرىغا كۆچۈۋاتىدۇ ۋە سىناپ ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى كۆپ. كۆپ قىسىم ساندىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسى شۇ بولدىكى، تونۇش بولغان Windows كۆرۈنمە يۈزىگە ئادەتلىنىپ قالغان تورداشلار، Ubuntu نىڭ يېڭىچە كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئادىتىگە ئانچە ماسلىشالمايۋاتقاندەك قىلىدۇ، ناۋادا Ubuntu نى Windows 7 گە ئوخشاش كۆرۈنمە يۈزدە ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولسا، تېخىمۇ پەيزى بولاتتىدە؟
W7 Theme بولسا دەل مۇشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرىغان Ubuntu سېستىما تېرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، پەقەت بىر قوليازما ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساقلا، Ubuntu شۇ ھامان Windows 7 ھالىتىگە ئۆزگىرەيدۇ…
تۈر بېتىنىڭ ئادرېسى: http://ubuntu.sun.ac.za/index.php?title=W7_Theme
قاچىلاش ئۇسۇلى:
wget http://web.lib.sun.ac.za/ubuntu/files/help/theme/gnome/win7-setup.sh
chmod +x win7-setup.sh
./win7-setup.sh
يۇقارقى تۈر بېتى ئىچىدە يەنە FireFox نى IE8 ھالىتىگە كىرگۈزىدىغان باشقا ئۇسۇللارمۇ باردەك قىلىدۇ، قىزىقىدىغان تورداشلار سىناپ كۆرۈپ، مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا تەجرىبەڭلەرنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىشقا چاقىرىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: linux، ubuntu، windows7، كۆرۈنمە يۈز
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ubuntu-win7-theme.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان تەگرەسىملەر (25P)
- كېيىنكى يازما > ھەقسىز رەسىم/سۈرەت چىقارغىلى بولىدىغان ۋە تاشقى ئۇلانما قوللايدىغان ئالبوم – MyPoco
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
- Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى(رەسىملىك)
- ئالما ھەقىقەتەن شۇنچە ئېسىلمۇ؟ بىر توردىشىمىزنىڭ Apple كومپيۇتېرى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى…
- بۇ يىللىق تەۋسىيەلىك ئەڭ نادىر نادىر كارتون فىلىم : RIO نىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى
- مېۋىچى نىنجا(Fruit Ninja) ئويۇنىنىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى
- كۆرۈۋاتقىنىڭىز Mac OS، بىراق ئۇ Mac OS ئەمەس! Win7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى Mac OSX Lion غا ئايلاندۇرۇش
- Ubuntu Natty 11.04 مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى تەگرەسىملەرنى بولاقلاپ چۈشىرىۋېلىڭ
windows تىن قېچىپ يانا windows قا تۇتىلىدىغان ئىش كەندە بۇ…
Ubuntu سېستىمىسى ھەققىدە ياخشىراق چۈشەنچە بىرىپ باقسىڭىز بوپتىكەن . بىزنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى كەمچىل .
ubuntu توغرىسىدا بىلىك ۋە UKIJ دا نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار، شۇ يەردىن كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ
wn7نىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم تېخى!!!
بۇنى مەن سىناپ باققان ھەقىقەتەن سۈزۈك ھەم چىرايلىق ، بىراق كۆنەلمەي كونا مەھەللەمگە كىلىۋالغان ئىدىم
ubuntu نى ئىشلىتىۋاتقانلار بارمۇ ؟ مىنىڭمۇ سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ
مەنمۇ كۆچۋالغىلى بىرھەپتە بوپقالدى.
بۇ سىستىما بەك ياخشى ئىكەن. win7 قاچىلاپ ئىشلىتەي دىسەم كومپىيوتىرىم بىلەن تازا ماسلىشالمىغانتى.ubuntu بىلەن ياخشى ماسلىشۋاتىدۇ. كۆرۈنۈش بىخەرتەرلىك تىزلىك ھەممىسى بولدىكەن .
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن. كۆپىچىلىك بىر سىناپ باقمامسىلە.
win7 بولامدۇ xp بولامدۇ تەڭ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولدىكەن
ھەقىقەتەنمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن،بىرمەزگىل سىنكارتامدىن مەسىلە كۆرۈنگەندە Ubuntuنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتتىم،ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگىنىمدە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەي ھەمدە تەرجىمىسى ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈنگەچ،يەنىلا ئىنگىلىزچىسىنى ئىشلىتىۋەردىم.ماڭا ھەممىدىن ياققان يىرى،كۆرۈنمە يۈزى بولدى،ئەلۋەتتە ۋېندوۋسغا كۆنۈپ قالغاچقا،بىرمەزگىل تەمتىرەپ يۈرۈپ،ئاخىرى يەنىلا XP دەۋرىگە يېنىپ كەپتىمەن
كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇبۇنتۇرۇم «ۋىندوۋس» بۇلۇپ كەتتا راستىنلا
ئېنىقراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن،ھىچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم…
ئۇبۇنتۇ ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز….
ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگى http://ugubuntu.com/
ۋە قۇتبەگ بىلوگىغا http://www.qutbeg.com/ قەدەم تەشرىپ قىلىڭ…