بىر ئايال 19300 مېتىر يىپ بىلەن بىر دانە Ferrari ماركىلىق ئاپتوموبېلنى توقۇپ چىقىپتۇ!!!

ئادەتتە ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدە ئىچى پۇشسا يولدىشىغا، پەرزەنتلىرىگە پوپايكا، شارپا قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇپ ئولتۇرىدىغان ئادىتى بولىدىغان. ئەمما Lauren Porter ماۋۇ ئايال ئولتۇرۇپ ئولتۇرۇپلا بىر دانە Ferrari ماركىلىق ئاپتوموبېل توقۇپ ساپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئاپتوموبېلنىڭ چوڭلىقى ھەقىقى Ferrari ئاپتوموبېلى بىلەن 1:1 نىسبەتتە تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 19300 مېتىر يىپ ئىشلىتىلگەن ئىكەن!!! ئېرى قانچە خوش بوپ كەتكەندۇ بۇ مەزلۇمنىڭ ھە؟!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. دولقۇن731 2011.04.13 , 01:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياۋ بۇ خوتۇننىڭ قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ؟

  2. Bakhtiyar 2011.04.13 , 09:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستلا سەۋىرچان خوتۇنكەن جۇمۇ:mrgreen: ھازىرقى خوتۇنلا ئىرىگە پوپايكىمۇ توقۇپ بەرمەيدۇ دەيمەن:cry:

  3. ۋەيرانى 2011.04.13 , 09:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىكەن.بۇمۇ جېنىس رىكوتى بولارمۇ؟….

  4. تەنخا 2011.04.13 , 10:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ خوتۇنۇم تۇگمە قاداشنىمۇ بىلمەيدۇ دىسە:???:

  5. ئەزىز 2011.04.13 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەنخاجان مۇشۇ رەسىمنى خوتۇنغا بىر كۆرسىتىپ قويمامسىلە:mrgreen:

  6. ئۇيغۇربەگ 2011.04.13 , 14:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانچە يىل كەتكەندۇ؟ زىرىكىپمۇ كەتمەيدىكەن دېسە!

  7. نۆل & بىر 2011.04.13 , 15:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىلىدىغان ئىشى يوق بولسا كەشتىچىلىك قىلسا بولغۇدەك جۇما…

  8. Forever 2011.04.13 , 16:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ تىرىشچان ئايال ئىكەن ، خۇددى مېنىڭ قىزدوستۇمدەك:grin:
    ئىلگىرىمۇ ماڭا بىر سائەت كەشتىلەپ بەرگەن ئىدى .

    ئاۋۇ ئىككى توردىشىمغا قاراپ شۈكۈر قىلسام بولغۇدەك جۇمۇ مەن:lol:

  9. ئاقتۇرۇك 2011.04.13 , 17:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي … بۇنداق ماشىنا توقۇپ بېردىغان خوتۇن ئاز تېپىلدۇ جۇما:lol:

  10. پاسىبان 2011.04.13 , 18:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    90-يىلدىكى فېرارىكەن بۇ. گۈزەل…

  11. ياۋايى 2011.04.13 , 19:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يووو ما خوتوننى … بىر نەسە ئالماي توقۇپلا ئىشلەتسە بولغۇدەك … ماشىنا ۋىلسىپىت ياكى باشقا نەسىلەرنى …

  12. ئەلشات بلوگى 2011.04.13 , 22:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ماشىشىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا باشقا يەنە بىرە مەتىريال بارمىدۇ ياكى ئوتتۇرىمۇ يىپمىدۇ ھەقەنچى بولسىمۇ يىپ بىلەن ئۆر تۇرمىغاندۇ بۇ ماشىنا

    • تورخۇمار 2011.04.13 , 23:51

      19 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى يىپنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ.

  13. سەھرالىق 2011.04.14 , 01:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما خوتۇن راستىلا يامانكەن جۇمۇ…بىر سائەت رەسىم سىزسام كۆزلىرىم تېلىپ، بولالماي قالىمەن، يىڭنە ئىشى دىگەن ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش… قانداق زىرىكمىگەن كاللا بۇ…

  14. ئاغىنىلەر 2011.04.22 , 16:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چوقوم ئوتتوردا بىر نەرسە بار بۇ ماشىننىڭ

    • قاراقچى 010 2011.06.21 , 10:27

      ئوتۇردا ماتۇرى كوروپكا يابولىرى بادۇ

  15. نەفىسە 2011.06.01 , 15:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇي نېمىشقا ئىسىمگە كەلمىگەندۇ ھە!! بۇمۇ بولغۇدەك فارارىدىن بىرنى توقۇۋالايچۇ…….. كوچىدا كېتىۋاتقانلىرىغا شالۋىقىمنى ئېقىتىپ قاراپ تۇرماستىن…..:mrgreen:

  16. فارارى 2011.06.14 , 16:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەفىسە فارارى تۇقۇسا مەن نەفىسەنى قۇغلاشقىنىم قۇغلاشقان…….

  17. شاھىت 2011.10.24 , 23:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ بۇ ماشىنىنى ئېرى ئۇچۇن توقىغانمىدۇ؟

  18. ئۇيغۇرۇم131 2013.07.15 , 14:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار 19 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى يىپنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ.

    پەرەز قىساقمۇ ئىچىدە تىرەك جازىسى بولمىسا 19 كىلومىتىر يىپ يەتمەيدۇ…….

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量