قارار چىقىرىشتا كەسكىن بولۇڭ! بەزىدە، كېلىشمەسلىك ۋە خېيىم-خەتەر پەقەت بەش سكونتقا باغلىق بولۇشى مۇمكىن!
بىر توپ كىشىلەر دالا سەيلىسىگە چىقىپ، ئەسلىدە ھېچقانچە سۇ يوق بىر قۇرۇق دەريادىن ئۆتمەكچى بولۇپ قالغان، ئارىسىدىكى بىر قىز دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە پۇتىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆتكىلى ئۇنىمىغان، كېيىن باشقىلار زورلاۋەرگەندىن كېيىن، ئىككىلىنىپ قالغان. ئەمما قىسقىغىنە بۇ بەش سكونتلۇق ئىككىلىنىش جەريانىدا، دەريا سۈيى تۇيۇقسىز داۋالغۇپ ئۆرلەشكە باشلىغان، ئاقىۋەت قىز بىلەن دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانلار قوشۇلۇپ بەش ئادەمنىڭ ھەممىسى سۇغا غەرق بولغان. بەزىدە كېلىشمەسلىك مۇشۇنداق تاساددىپىي ھالدا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا بىر ئىش قىلغاندا ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمەسلىك، كەسكىن بولۇش لازىم…
بۇ بىر ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىش. ھىندىستاندىكى Patalpani شاقىراتمىسى، شۇ جايدىكى داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىر ئائىلىدىكى بەشەيلەن، شاقىراتمىنىڭ ئۈستىدە ئويناۋاتقان چاغدا، تۇيۇقسىز كەلگەن شاقىراتما سۈيى ئۇلارنى ئېقىتىپ كەتكەن، ئاقىۋەت ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، ئىككىسىنىڭ جەسىدى ھازىرغىچە تېپىلمىغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تاساددىپىيلىق، خەۋەر، سىرلىق، قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,663 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 08-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hesitate-to-5-seconds.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NVIDIA GPU ئارقىلىق 80 دەقىقە ئىچىدە مونالىزانى سىزىپ چىقىش | CPU vs GPU
- كېيىنكى يازما > رىۋايەتلەردىكى «ئالمىچى بوۋاي» سىتىۋ جوبز بۈگۈن CEO لىقتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى!!
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
تۆۋە دىۋان
كەچ سائەت 10دا ئاران دىۋان تىگىپتۇ.لىكىن ئۇلارمۇ قىززىقكەن يولنى قىسقارتىمەن دەپ ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىپتۇ،يول يىراق بولسىمۇ كۆۋرۈك تىپىپ ماڭسىچۇ.
ئادەم بارمۇ؟
نىمانداق خەتەرلىك ؟!
بۇنى كۆرۈپ بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى. قىزبالىنىڭ نازۇكلىكى بىشىغا چىقىپتۇ، teddy كا غۇلجىغا كەتكەن xjcfan دىكى ئويۇنچىلارغىمۇ ئەسكەرتىپ قويالا دىققەت قىلغاي!
لامزەللىلىك قىلساڭ youtubeنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىسەن__XX.
قوللايمەن
نېمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق !
ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئىتتىك ئۆتۈۋالسىغۇ بولغان…
دەل كەسكىن بولالماي ئىنجىقلاپ يۈرگەننىڭ ئىشى، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپلا ئۆتمەمدۇ دەيمەن. ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلالمىسا شۇنداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەيلا سۇغا«يەم» بولىدىغان گەپ.
بالاقازاكۇرۈنۈپ كەلمەس پۇت.قولىنى ساڭگىلىتىپ!
ھەي ئورنىمىزدا جىم ئولتۇرۇپ كىشىگە تەربىيە قىلىپ سۆزلىگەن بىلەن ئۆز بېشىغا كەلگەندە قولمىزدىن نىمىش كىلىدۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆزلىرىگە ئايان.
دىۋاننى ئىگەللىۋالغان قايسى بۆرىدۇ
سەھرالىق بۆرىدەك قىلىدۇ
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت دەپ يېزىپتىكەن دانالار
ماۋۇ تەقدىرنى… ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بولغىيتى…
ئاللاھ ئۇلۇغ .
تۆۋە دېمىسە بىكار خەق ئېقىپ كەتسە ماۋۇ شېشاڭچىلار ھېچبىر جىددىلەشكەندەك ئەمسقۇ ؟!
ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغان ياخشى ، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بار . ئەزىرائىل كېلىۋاتىمەن دېمەيدۇ .