نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

سۈرەتلىك ئەسلەتمە – IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

ئۈلۈشكۈن كەچتە Microsoft شىركىتى Internet Explorer 9 نىڭ Beta نەشىرى، يەنى IE9 نى ئېلان قىلدى، يەنى IE ھازىر ئاللىقاچان 9-ئەۋلادقا قەدەم قويدى دېگەن سۆز. ئۇنداقتا كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ قارايدىغان بولساق، IE نىڭ نۇرغۇن ئاز بولمىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ مۇشۇ كۈنگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. تۆۋەندە قىستۇرما سۈرەت ئارقىلىق IE دىن ئىبارەت بۇ جانۋارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.

1995-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى مىكروسوفت Internet Explorer 1.0 نەشىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ مىكروسوفت تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان Spyglass شىركىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى Mosaic تور كۆرگۈسى(1987-يىلىلا ئېچىش تاماملانغان مەھسۇلات) ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات ئىدى.

1995-يىلىدىكى IE1

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

ئەينى چاغدا IE نىڭ سىغىمى ئاران 1MB بولۇپ، ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن ئاددى ئىدى. ئۇ Windows 95 دەۋرىدە ئېلان قىلىنغان ئەمەس، بىراق كېيىن Windows 95 Plus Pack نىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرىۋېتىلگەن.

1995-يىلىدىكى IE2

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

2.0 نەشىرىدە SSL، cookies قاتارلىق تېخنىكىلارغا بولغان قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، بىراق بەت يۈزى يەنىلا ئىنتايىن ئاددى ھالەتتە ئىدى.

1996-يىلىدىكى IE3

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

1996-يىلى Windows 95 نىڭ OEM ئەسلى زاپچاس ياسىغۇچى تەرەپ نەشىرىگە نىسبەتەن نەشىر يۇقىرىلىتىش ئېلىپ بېرىلغان، IE3 دەل بۇ نەشىرگە مەجبۇرى باغلىۋېتىلگەن بولۇپ، يېڭىدىن News ۋە Mail ئىقتىدارى قوشۇلغان.

1997-يىلىدىكى IE4

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

IE4 كە Active Desktop ھەرىكەتچان ئۈستەل يۈزى ئىقتىدارى، DHTML قاتارلىقلار قوشۇلغان، يەنە Outlook Express 4.0 مۇ بار.

1999-يىلىدىكى IE5

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

IE5 نىڭ CSS1 ۋە CSS2 گە نىسبەتەن قوللاش خۇسۇسىيىتى، تور بېكەتتىكى تېكىستلەرنىڭ پاسون جەھەتتە رەڭلىنىشىنى كۈچەيتكەن.

2001-يىلىدىكى IE6

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

IE6 ۋە Windows XP دىن ئىبارەت بۇ جانجىگەر دوستلار ئىنتېر تورىنى خېلى يىللارغىچە سوراپ كەلدى، ھېلىھەم تا ھازىرغىچە بۇ ئىككىيلەننىڭ زوراۋانلىقىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان تورداشلار نۇرغۇن بولۇپ، مىكروسوفتمۇ خېلى بۇرۇنلا ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرگە IE6 نىڭ دەرىجىسىنى ئەڭ يېڭى نەشىردىكى IE گە كۆتۈرۈشكە ئىلھام بېرىشنى باشلىغان ئىدى.

2006-يىلىدىكى IE7

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

بۇ چاغلاردا مىكروسوفت Mozilla Firefox نىڭ رىقابەت تەھدىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان چاغلار بولۇپ، IE7 ئېلان قىلىنغان چاغدا، Firefox 2.0 مۇ دۇنياغا كەلدى. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، IE7 تۇنجى قېتىم مەشغۇلات سېستىمىسىدا بىر تۈرلۈك ئايرىم قوللىنىشچان پروگرامما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، IE7 دىن ئىبارەت بۇ جانۋار Vista نىڭ مەغلۇبىيىتى تۈپەيلى بارا-بارا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە باشلىغان ئۆتكۈنچى مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

2009-يىلىدىكى IE8

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

مىكروسوفتنى تىلى بويىچە ئېيتقاندا، IE8 يەرشارى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تور كۆرگۈنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

2010-يىلىدىكى IE9

سۈرەتلىك ئەسلەتمە - IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

تېخى ئۈلۈشكۈن ئېلان قىلىنغان IE9 نىڭ Beta نەشىرىدە CSS3 Color Module غا بولغان قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، مىكروسوفتنىڭ 5-ئايدىكى ۋەدىسىگە ئاساسلانغان، HTML5 ماتورى IE9 نىڭ ئاساسلىق يادروسى قىلىپ بېكىتىلىدىكەن.

ستاتسىكىغا ئاساسلانغان دۆلىتىمىزدە ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تور كۆرگۈ يەنىلا IE6. گەرچە بۇ توركۆرگۈ تېخى يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا گۆرىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئىشلىتىۋاتقان تورداشلار خېلى نۇرغۇن. كۆپچىلىككە يەنىلا ئەڭ يېڭى نەشىردىكى IE8 ياكى FireFox تەك نادىر تور كۆرگۈلەرنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمايمەن.

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 405 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 17-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: ie1-to-ie9.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. قادىخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېدېـــــــــــــــــــــــــــش، ئا بىر قانچە رېسىم بىژژەدە قىسىلىپ قالدىمۇ قايلاپ بېقىڭلا چىقامماي قاپتۇ، كۆرەنمىدى.

  2. قادىخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوڭشىلىپتۇ، ئەمدى………….

  3. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    IE9 نى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ ئاراڭلاردا بۇرادەرلەر…
    Firefox ھەقىقەتەن نوچىدە …

    • torhumar :

      مەن شۇ ئېلان قىلىنغان كۈنى بىرىنچى ۋاقىتتا چۈشۈپ قاچىلاپ قويغان. IE8 نىڭ ئۈستىگە بىۋاستە قاپلىنىپ قاچىلايدىكەن. ئازراق ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم، بىراق كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈم FireFox بولغاچقا، IE9 قا تېخى قارىغۇدەك بولمىدىم. تېزلىك جەھەتتە ھەقىقەتەن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش باردەك، بىراق ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى سەتلا بىر نېمە قىلىپ كۆرسىتىپ قويدى. تۇنجى Beta نۇسخىسى بولغاچقا بەلكىم خېلى كۆپ Bug لار ساقلانغان بولۇشى تەبىئىي. داۋاملىق ساقلاپ باقايلى

  4. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىدىن بەك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغىنى IE7 بولسا كېرەك.،

    • پرېستان :

      لېكىن IE7 ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يامان چىرايلىق كۆرسىتىدۇ ئەمەسمۇ… IE7 گىمۇ ئامراقتىم مەن…

  5. يولچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    FireFox تا خەت نۇسقىسىنى تەڭشىيەلمەي يۈرىۋاتىمەن ……
    ..
    ….ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال ئەمەس ..
    تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ..؟؟

  6. شاھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يەنىلا Chromeنى ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇ جاھاننامەنىڭ ئىقتىدارلىرى مېنى خېلى رازى قىلىپ كەلدى، FireFoxمۇ يامان ئەمەسكەن
    ئەمما بلوگومنىڭ سىتاتىسكىغا قارىسام IE6 نى ئىشلىتىۋاتقانلار يەنىلا كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدىكەن، بۇ ئەخلەتنى قاچانغىچە سۆرەي يۈرۈيمىزكىن تاڭ

    • torhumar :

      بلوگىڭىزغا ئىنكاس قالدۇراي دېسەم بلوگباس ھېساباتى بولمىسا بولمايدىكەن، بولسا مۇشۇنداق چەكلىمىلەر ئېلىۋېتىلسە، بىخارامان خالىغانچە باھا يازساق ياخشى بولاتتى

 汗