Visual Studio 2010 نىڭ MSDN ئەسلى نەشىرى(پروگرامما تۈزەشتىكى ياخشى مۇھىت)

Visual Studio 2010 نىڭ MSDN ئەسلى نەشىرى(پروگرامما تۈزەشتىكى ياخشى مۇھىت)

مىكروسوفت VS2010 نى ئېلان قىلغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، بەلكىم پروگرامما ھەۋەسكارلىرى تورداشلار ئاللىبۇرۇن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىم Visual Studio 2010 نىڭ MSDN دىن تارقىتىلغان ئەسلى ھەقىقى نەشىرى بولۇپ، ھېچقانداق ئارتۇق ئەخلەت ياكى پروگراممىلار قوشۇلمىغان پاكىز نۇسخىسى. پروگراممېر ھەۋەسكارلىرى دوستلارنىڭ ساقلاپ قويۇشى ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

VS2010 توغرىلىق جىق توختىلىپ كەتمىسەكمۇ بولار، چۈنكى #C قا ئوخشاش مودا پروگرامما تۈزۈش تىللىرى ئاللىبۇرۇن يەرشارىنى قاپلىغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تونۇش ئىسىمنى بىلمەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. ناۋادا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئېرىشىمەن دېسىڭىز، تورغا مۇراجىئەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەسكەرتىش: يۇقاردىكىسى MSDN دىن تارقىتىلغان ئەسلى ھەقىقى نەشىرى بولغاچ، ئۆزىدە ئاكتىپلاش يامىقى تەمىنلىمىگەن، شۇڭا ئاكتىپلاشنى سوراپ قالسا، ئاستىدا قالدۇرۇلغان نومۇرلارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە قۇربىڭىز يەتسە، ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ھەقسىز VS مۇھىتىدا تۇرۇپ تۈزگەن يۇمشاق دېتاللىرىڭىزنى پۇلغا ساتالمىسىڭىز، چوقۇم ئاچچىغىڭىز كېلىدىغۇ دەيمەن؟

ھۆججەت ISO فورماتىدا بولۇپ، سىز IMGBurn ياكى CDBurner غا ئوخشاش دېسكا ئويۇش قوراللىرىدا دېسكىغا ئويۇۋېلىپ قاچىلاش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ، ياكى LevinISO غا ئوخشاش مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا قوراللىرىدا تەسۋىرگە ئېلىپ تۇرۇپ قاچىلاش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ.

VS2010 قا ماس كېلىدىغان ئاچقۇچ نومۇر: YCFHQ9DWCYDKV88T2TMHG7BHP
ھۆججەت سىغىمى: 2.5GB

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
Visual Studio 2010 نى چۈشىرىۋېلىش | مەنبەسى: torhumar.com



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. خانقىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ قانداق نەرسە؟ رۈەنجەن تۈزىدىغان نەسىما؟

  2. ھەۋەسكار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت! ھازىر توردىن دەل مۇشۇنى ئىزدەۋاتقانتىم تېخى :lol:

  3. ۋارىس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت. بىر نۇسخا چۈشۈرۈپ قوياي، كېيىن ئەسقېتىپ قالار!

  4. يىگانە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پروگرامما تۈزۈشنى بىلمەيدىغانلار بۇنى چۈشۈرۈپ يۈرمىسەڭلامۇ بولىدۇ.

    • نۇرنىجات :

      سىز بەك بىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟ :roll:

  5. گاداي : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور بېتىڭىز بەك چىرايلىقكەن.

  6. مۇڭلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    c++ builder 2009 قانداقراق ؟ چىقارغان پىروگرامما Net سۇپىسىغا تايىنىۋالامدۇ؟

    • torhumar :

      بۇ Borland شىركىتىنىڭ ++C سى شۇ، NET. قا تايانمايدۇ






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)