كەلگۈسىدىكى ئادەم ۋە ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقە | Kinect ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان قۇرۇلما
تام كرۇسنىڭ 少数派报告 ناملىق كىنوسىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، فىلىمدە تام كرۇس بىزگە كەلگۈسىدىكى ئادەم ۋە ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقە باغلىنىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىدۇ، «تۆمۈر ئادەم2» دە بولسا، كىچىك روبېرت دانني بۇ خىلدىكى قۇرۇلمىنى مەھسۇلات مودىلىنىڭ لايىھەلىنىش جەريانىغا ئىشلىتىپ، كىشىنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ چاقنىتىدۇ. گەرچە ھازىرقى گولوگرافلىق سايە چۈشۈرۈش تېخنىكىسى تېخى ئانچە بەك پىشىپ يېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قول ھەرىكىتى ئارقىلىق بىۋاستە CAD لايىھەلەش، تىببى قوللىنىشلار ھەمدە ئويۇن لايىھەلەش كەسپىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار ئاللىقاچان ئەمەلىي سىناق باسقۇچىغا كىرىپ بولدى.
3Gear Systems بولسا مۇشۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىدىغان شىركەت، قۇرغۇچىسى Robert Wang بولسا تېخى يېقىندا MIT نى پۈتتۈرگەن ھەمدە كومپيۇتېر كۆرۈنمە ئۈنۈمى ۋە ماشىنا-ئادەم ئالاقىسى ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. بۇ شىركەت يېقىندا ئېلان قىلغان SDK پروگرامما ئاچقۇچىلارغا kinect ئارقىلىق ياكى باشقا 3D كامېرا ئارقىلىق، قول ھەرىكىتىنىڭ ئىنكاسىنى مۇناسىپ يۇمشاق دېتالغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىكەن.
سىندىكى بۇ خىل بىر يۈرۈش قۇرۇلمىنى قۇراشتۇرۇشمۇ ئانچە تەس ئەمەس، تەخمىنەن 330 دوللار ئەتراپىدا چىقىم كېتىشى مۇمكىن، ئاساسلىقى ئامازوندىن Kinect سەزگۈچ ئەسۋابى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچى قۇرۇلما سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. قاتتىق دېتال سەپلىمە شارائىتى ھازىرلانغاندىن كېيىن، يۇمشاق دېتال ئېچىش بولاقچىسى(SDK) نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز، ئارقىدىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەر ۋە ئۇچۇرلارنى دەسلەپلەشتۈرۈش ئېلىپ بارىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق Kinect نى قول ئىشارىسى ھەرىكىتىنى تۇتۇپ ئېلىپ كۆرۈنمە تۇيغۇ ئۇچۇرلىرىغا ئايلاندۇرغۇزىمىز. نۆۋەتتە SDK قوللايدىغان پروگرامما تىللىرىدىن ++C ۋە Java ئىككى خىلى بار، ئۇزۇنغا قالماي #C ۋە Python نىمۇ قوللايدىكەن.
ئەمەلىيەتتە 3Gear نىڭ تەمىنلىگىنى بىر خىل ئېچىش مۇھىتى بولۇپ، ئۇلار پروگرامما ئاچقۇچىلارنىڭ بۇ SDK دىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ مەنىلىك قوللىنىشلارنى تۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ يۇمشاق دېتال تېخى ئاشكارە سىناق ھالىتىدە بولۇپ، 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ھەقسىز نەشىرى ۋە سودا نەشىرى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە تەمىنلىنىدىكەن. سىناشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تەتقىقاتچى خادىملار، ھەۋەسكارلار شۇنداقلا يىللىق كىرىمى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن كىچىك كارخانىلار داۋاملىق ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدىكەن، چوڭ شىركەتلەر ئىشلەتمەكچى بولسا، بىر قىسىم ئىشلىتىش ئىجازەتنامىلىرىگە ئېرىشىشى كېرەككەن.
گەرچە بۇ بىر يۈرۈش سىستېما تېخى كىنولاردىكىدەك ئۇنچە مۇكەممەل ئىشلىتىش ھالىتىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقىدەك تېخنىكا شارائىتىدا بۇ دەرىجىگە ئېلىپ كېلىشنىمۇ ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ، بۇ خىلدىكى تېخنىكىغا قىززىقىدىغان دوستلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سىناپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: kinect، پروگرامما تۈزەش، تېخنىكا، كەلگۈسى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,878 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kinect-human-computer-interaction.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كومىدىيە ۋە مۇھەببەتكە تولغان بىر يۈرۈش ئالبوم – دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئاتا
- كېيىنكى يازما > ئەسكى تۈسكىلەردىن ياساپ چىقىلغان ئۆزگەر(变形金刚)لەر! دىققەت قىلىڭ، ھامان بىر كۈنى ۋېلىسپىتىڭىزدىن تاياق يەيسىز!
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
دىۋان مىنىڭ ……..
ئەگەر بۇ تېخنىكا قوللاشقا ئېرىشىپ ، تەرەققىي قىلسا ئېكرانغا قول تەگكۈزمەيلا مەلۇم ئارىلىقتىن مەشغۇلاتنى تاماملىغىلى بولغۇدەك . كۆز ئالدىمدىلا ئەكس ئېتىۋاتىدۇ شۇلار…
بۇ تېخنىكا wii ئويۇن ئاپاراتىغا ئىشلەتكەن تېخنىكا بىلەن ئوخشاشلىقى بارمۇ قانداق؟
http://v.youku.com/v_show/id_XNDE0NzI5MTI=.html
http://v.youku.com/v_show/id_XNDI1MDgzNzA0.html
بىز قېرىغىچە خېلى ئىشلار بولىدىغان ئوخشايدۇ . تېخنىكا تەرەقىياتىدا !
تېخنىكا ۋە دوللار باردە كاساپەتلەردە .شۇڭا كاللىسىغا نىمە كەلسە قىلالايدۇ
توۋۋا !!! «سىناشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تەتقىقاتچى خادىملار، ھەۋەسكارلار شۇنداقلا يىللىق كىرىمى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن كىچىك كارخانىلار داۋاملىق ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدىكەن» نىمە دىگەن كەڭ قۇرساقلىق ھە….