نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

Alma ۋە ۋەھىمىلىك ئويۇنچۇق دۇكىنى(يېقىملىق كۆرۈنمە يۈز VS ئاجايىپ ۋەقەلىك)

Alma قورقۇنچلۇق ئويۇنچۇق دۇكىنى(يېقىملىق كۆرۈنمە يۈز VS ئاجايىپ ۋەقەلىك)

ھېكايىنىڭ باشلىنىش قىسمى ئىنتايىن ئىللىق باشلىنىدۇ، Alma ئىسىملىك بىر قىز ئۆزى يالغۇز ھالدا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر تار كوچىدا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر قونچاقنى كۆرۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭىدۇ…


كىچىك قىزچاق Alma ئويۇنچۇق دۇكىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىت مىنىۋالغان بىر كىچىك قونچاق قارىماققا ئاستىرتتىن ئۇنىڭغا، بۇ ئويۇنچۇقخانىدىن تېز چىقىپ كېتىشكە بەلگە بەرمەكچى بولىدۇ، يەنە باشقا قونچاقلارنىڭ يوچۇن كۆز نۇرلىرى بۇ كىچىك ئۆينى ئاجايىپ سىرلىق بىر تۈسكە كىرگۈزىدۇ. يانداش مۇزىكىمۇ ناھايىتى ئېسىل كىرىشتۈرۈلگەن، چوڭ ئىسكىرىپنىڭ ئاۋازى قورقۇنچلۇق فىلىملەردىكى تۇيغۇنى ئەسلىتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى سىن سەل قىسقا ئىشلەنگەن، بىراق كەينىنى ئىشلەش توغرا كەلسە، ناھايىتى ئاسانلا باغلاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ…

无觅相关文章插件

[بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ، سىزمۇ يېزىپ قويمامسىز؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 418 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 13-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: alma.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. بىلىملەر بلوگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :eek: ئارقىسىنى كۈرۈشكە جۇرئەت قىلالمىدىم جۇمۇ مەن. قورقۇنۇچلۇق فىلىمدىن بەك قورقۇتۇم. قونچاقنى ئالاي دىگەندە، ئۈستىدىكى قونچاق شۇنداق قاراپ تۇرىدىغۇ ئارقىسىنى جۇرئەت قىلالمىدىم. ئارقىسى قانداق چىقىدىكەن دەپ بىرىڭە؟ :roll:

 汗