ئاجايىپ قالتىس ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم – تۆمۈر بوۋاق پالۋان(Iron Baby)
تۆمۈر پالۋان فىلىمى بەلكىم كۆپچىلىككە ئىنتايىن تونۇش بولسا كېرەك. ئەينى چاغدا بۇ فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئۇيغۇرچە خەتلىك كۆرۈپ بۆلەكچىلا ھوزۇرلانغان ھەمدە فىلىمنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، شۇ سەۋەپتىن تۆمۈر پالۋان2 نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ، كىنوخانىغا بېرىپ كۆرگەن، بىراق ئىككىنچىسى مېنى بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى. دەل ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرغان شۇ پەيتتە بۇ فىلىمنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى – تۆمۈر بوۋاق پالۋاننى بايقاپ قالدىم، قارىغاندا تۆمۈر پالۋان3 ئىشلىنىپ قالسا، بۇ فىلىمدىن ئازراق ئۆرنەك ئالمىسا بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ…
بۇ بولسا كانادالىق Strob ۋە Patrick Boivin بىرلىكتە تەھرىرلەپ پۈتتۈرۈپ چىققان فانتازىيەلىك قىسقا فىلىم بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېڭىلا دادا بولغان Patrick Boivin ئۆزىنىڭ بالىسىنى باش ئارتېست قىلىپ تۇرۇپ، يېڭى بىر دانە پېرسوناژ – تۆمۈر بوۋاق پالۋاننى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئارتېستنىڭ گىرىمى قاتارلىقلارنى بالىنىڭ ئاپىسى ۋە بىر قانچە دوستى بىللە قىلغان، فىلىمدىكى ئۈچ توشقانچاقمۇ فىلىمگە ئىنتايىن ھەجۋى تۈس ئاتا قىلغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا فىلىم 3Dmax 2011 ۋە Vray دا بىر تەرەپ قىلىپ پۈتتۈرۈلگەن، فىلىمنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشى، مەيدان لايىھەسى ۋە جەڭ ئۈنۈملىرىمۇ تۆمۈر پالۋان(Iron Man)غا يۈكسەك دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىن,فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 744 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iron-baby.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > پارىس شاھزادىسى ئائىلىسىدىكى نادىر 3D ئويۇن – قاتىل ئەقىدىسى2
- كېيىنكى يازما > لۇ ئۇستام – ئامراق كومپيۇتېرىڭىزغا ئومۇميۈزلۈك دېئاگنوز قويۇپ بېرىدۇ
ماڭا 1.سى بەك يارىغان، بىراق 2.سىدىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن ئىدىم.