نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > ئوقۇغۇچ
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ئوقۇغۇچ ] تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە قاچىلاش ھاجەتسىز بولغان PDF كۆرۈش قورالى - Foxit Reader

ئېلكىتاب ئاتالغۇسىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ PDF فورماتىدىكى ئېلكىتابلارغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، توردا ياخشى ئەسەرلەرنى، شېئىرلارنى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى PDF شەكلىدە ساقلىۋالىدىغان ئادەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. ھازىرغىچە توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب ھۆججەتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، PDF نىڭ يانفوندىمۇ نورمال ئوقۇشقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، تورداشلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەرنى PDF شەكىلدە تارقىتىپ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن بىزگە يەتكۈزۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا PC دا PDF كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزى ئەپلىك، سىغىمى كىچىك، قاچىلاش ھاجەتسىز ۋە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بىر PDF قورالى بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟

ھازىرغىچە 382 قېتىم كۆرۈلدى