ماشىنا ئىسكىلاتىدا «تۇغۇلغان» دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى – Google نىڭ رىۋايىتى!
Google توغرىلىق گەپ بولسا، ھەممە ئادەمنىڭ ئېسىگە ئىنتايىن مەدەنىي ۋە ساپالىق بىر كارخانا كېلىشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ، Google ئەزەلدىن كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى رەت قىلىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، Google دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورىغا ئايلانغان بولۇپ، يېقىندا Google نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان Larry Page باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىققا سايلانغاندىن كېيىن، گۇگېلنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە بىر دوكلات تەييارلاپ چىققان. تۆۋەندىكىسى دەل بىر ئاسپرانتنىڭ ئىشلەۋاتقان تۈرىنىڭ قانداق قىلىپ دۇنيادىكى چېكىلىشى ئەڭ يۇقىرى تور بېكەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ يىلنامىسى…
1995-يىلى: Larry Page بىلەن Sergey Brin ستەنفورد ئۇنۋېرسىتېتىدا كۆرۈشۈپ قالىدۇ ۋە بىر-بىرى بىلەن كېچىكىپ تونۇشقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. ئەينى چاغدا Page تېخى نەتىجىسى ئاكتىپ ھالدا مېڭىۋاتقان بىر ئاسپرانت ئىدى.
1996-يىلى: بۇ چاغدا بۇ ئىككەيلەن ھەمكارلىشىپ بىر دانە ئىزدەش ماتورى ياسايدۇ ۋە بۇنىڭ نامىنى BackRub دەپ بېكىتىدۇ. ئەمما بۇ پروگراممىنىڭ تور بەلبېغىنى ئىگەللىشى زىيادە يۇقىرى بولغاچ، ستەنفورد ئۇنۋېرسىتېتى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىزدەش ماتورىنى مەكتەپ مۇلازىمېتىرىدىن ئېلىۋېتىشنى قارار قىلىدۇ.
1997-يىلى: ئىزدەش ماتورىنىڭ نامى Google غا ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇ سۆز ئېنگلىزچىدىكى googol دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى 10 نىڭ 100-دەرىجىسى دېگەنلىك بولاتتى، بۇ ئۇلارنىڭ چەكسىز كېڭىيىۋاتقان ئىنتېرنېت تورىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى رەتلەپ بىر جايغا يىغىشتىكى ئىستىكىگە سموۋۇل قىلىنغاندەك قىلاتتى.
1998-يىلى: Sun شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Andy Bechtolsheim گۇگېلغا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالماقچى بولغاندا، Page بىلەن Brin ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش كېرەكلىگىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كالېفورنىيە شىتاتىدا ئۇلار ئۆزىگە تەۋە شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. شىركەتنىڭ باش شىتابى بولسا، گۇگېلنىڭ ھازىرقى ئېلان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى Susan Wojcicki نىڭ پالو ئالتودىكى ماشىنا ئىسكىلاتىدا قۇرۇلىدۇ.
1999-يىلى: ئىككىنچى ئايدا، ئۇلارنىڭ سەككىز نەپەر خىزمەتچىسى پالو ئالتودا يېڭى ئىشخانىغا ئېرىشىدۇ. Google نىڭ تۇنجى نەشىرى ئېلان قىلىنغان چاغدا، ئۇلار Sequoia Capital ۋە Kleiner Perkins نىڭ 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىغە ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدا، ئۇلار رەسمى كىرىمنىي جىلغىسىغا كۆچۈپ كىرىدۇ.
2000-يىلى: گۇگېل ئۆزىنىڭ 350 نەپەر خېرىدارىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ھالقىلىق سۆزنى ئاساس قىلغان ئېلان سېتىپ چىقىرىش سېستىمىسى Adwords نى ئېلان قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال، ئىزچىل دۇنيادا Yahoo دىن ئىبارەت بىرلا ئىزدەش ماتورى بار دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە Google دەك يەنە بىر ئىزدەش ماتورىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. شۇ يىل ئاخىرىدا، گۇگېل كىشىلەرگە جەمئىي 15 خىل تىلدا ئىزدەش مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
2001-يىلى: ئىلگىرى Sun شىركىتىنىڭ باش تېخنىكا ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە يۇمشاق دېتال شىركىتى Novell نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن Eric Schmidt گۇگېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسلىگە تەيىنلىدۇ. گۇگېلنىڭ سۈرەت-رەسىم ئىزدەش مۇلازىمېتى شۇ يىلى 7-ئايدا رەسمى يولغا قويىلىدۇ.
2003-يىلى: ئامېرىكا دېئالكت جەمئىيىتى Google دېگەن سۆزنى 2002-يىلىدىكى ئەڭ ياراملىق سۆز دەپ بېكىتىدۇ.
2004-يىلى: ھەر بىرسى 85 دوللارلىق باھا بىلەن تارقىتىلغان پاي، شىركەت ئۈچۈن 19 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يىغىپ بېرىدۇ. شىركەت بازارغا سېلىنىش بىلەن تەڭ 800 ئادەمنى سىغدۇرالايدىغان مەكتەپسىمان شەكىلدىكى يېڭى باش شىتاب «Googleplex» قا كۆچۈپ كېلىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدا رەقەملىك چېرتيوژ سىزىش شىركىتى Keyhole نى سېتىۋالىدۇ، بۇ گۇگېلنىڭ كېيىنكى يىلى ئېلان قىلغان گۇگېل يەرشارى(Google Earth) مەھسۇلاتى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
2006-يىلى: گۇگېل شىركىتى YouTube نى سېتىۋالىدۇ. بۇ يىلى گۇگېل ئاللىقاچان ئىزدەش ماتورى گىگانتلىق ئورنىدا ئولتۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئىزدەش مۇلازىمېتى نورۋېگىيە ۋە كېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە كېڭەيتىلىدۇ.
2007-يىلى: پايچېكى باھاسى تۇنجى قېتىم 700 دوللاردىن ئاشىدۇ. «Google» دېگەن ھالقىلىق سۆز ئوكىسفورد ئېنگلىزچە سۆزلۈك لۇغىتىگە كىرگۈزىلىدۇ. شۇ يىلى ئېچىش خىزمىتى ئاساسەن تاماملانغان GMail دەسلەپكى قەدەمدە تەكلىپ ئارقىلىق تىزىملىتىش يولغا قويۇلىدۇ(GMail بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى مۇلازىمىتىنىڭ بىرى).
2008-يىلى: ئۇلانما ئىندېكىس ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سېستىما، گۇگېلنىڭ نەچچە مىليارد تورناملىرىنى تەرتىپكە سېلىپ تىزىپ بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. كوچا مەنزىرىسىنى سۈرەتكە ئېلىش ماشىنىسىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار بىرلەشتۈرۈلگەن Google Earth نىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنىدۇ. گۇگېل تور كۆرگۈسى Google Chrome ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنىدۇ.
2009-يىلى: گۇگېل تەرجىمانىنىڭ قوللاش دائىرىسى 51 خىل تىلغا كېڭەيتىلىدۇ، يەنى بۇ 2550 خىل تىلنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. يول باشلاش سېستىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بولسا، شوپۇرلارنىڭ پەقەت يانفون ئارقىلىقلا پۈتكۈل دۇنيانى ئايلىنىپ چىقالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
2010-يىلى: كانزاس شىتاتى Topeka دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەردە، Google ئۈچۈن ھەر سكونتىغا 1G لىق ئۇچۇر ئۇزىتالايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى تور شارائىتى سەپلەنگەن تەجرىبىخانا ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە شەھەرنىڭ نامىنى Google غا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئالداش بايرىمى كۈنى، Google نىڭ نامى Topeka غا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ ئارقىلىق Topeka شەھىرىگە بولغان رەھمىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ.
2011-يىلى: Lerry Page باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا، Eric Schmidt باش دېرىكتورلىققا تەيىنلىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، رىۋايەت، گۇگېل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,159 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-mini-legend.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «قىمار ئوينىماڭ !» سىز مەيلى قانچىلىك دو تىكىڭ، ھامان ئۇتتۇرىسىز!
- كېيىنكى يازما > قورقۇنچلۇق ھېكايە: كىچىك بازاردىكى «ئەرۋاھ»
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- Google نىڭ ئىزدەش بېتى بەك ئاددى، ئەمما خىزمەت بىنالىرى ئۇنچە ئاددى ئەمەس
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- Google نىڭ ئىشخانا مۇھىتىنى كۆرۈپ باققىنىڭىزغۇ راستۇ، لېكىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۆرۈپ باققان دىسىڭىز ئىشەنمەيمەن
گوگىل مەن ئەڭ ئامراق، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تور بىكەت.
GooGleھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
گوگىل توغۇرلۇق خېلى كۆپ مەمۇماتقا ئىگە بولۇپ قالدىم رەخمەت
كىرەمجان مەن ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىدىغان تور كۆرگۈ… ئېلان كىرىمىمنى بالدۇرراق ئېلىۋالسام بولاتتى.
ئامېرىكىلىق ياشلارنىڭ ئىخترالاش ( يېڭىلىق يارىتىش ) ئىقتىدارىغا قايىل بولماي ھېچ ئىلاجىمىز يوق.
Google ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي تەزكىرە بولۇپتۇ. تېخى بىر شەھەرگە Google دەپ نام بېرىلگەنلىكىدىنمۇ خەۋەر تاپتۇق. كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك زور مۇۋاپپەقىيەتلەردە بۇ!
ئىشنى كىچىكىنە ماشىنا ئىسكىلاتىدا باشلاپتىكەن ، دەڭ ؟! ھىم …
سىكونتىغا 1 جىلىق ھۆججەت ئۇزۇتۇش دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ھەيراق قالدىم . تورنىڭ سۇرئىتى شۇنداق تىزلەشكەن بولسا ھە … ئۆتكەندە خەۋەردە 4G تىخىنىكىسى شۇنداق تىزلىكتىكى تور مۇھىتىنى بەرا قىلىدۇ دەپ … ھەقىقەتەن شۇنداق بولاپ قالسا نىمىدىگەن ياخشى …
ئەڭ ئاستىدىكى رەسىم بىلەن خەتلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى رەسىم چىقمىدىمۇ قانداق ؟؟؟
مەن ئەڭ قايىل بولغان تەرپى بۇلارنىڭ پايچىكى ئىزچىل 500دوللاردىن چۇشۇپ باقمىدى.600دىن ئاشقان ۋاقىتلىرىمۇ ھەم بار.پۇل بولسا مۇشۇنىڭ پېيىنى ئېلىپ قويسا بولىدۇ.
قارىسام بۇ ئاداش( گوگلىجان) مەندىن كىچىككەن بىراق مەن ئۇنىڭ قولىغا سۇ ئەمەس لۆڭگىمۇ تۇتۇپ بىرەلمەيدىكەنمەن
گۇگېل! «ئىشىك كىملەرگە ئوچۇق» تىمۇ مۇشۇ گۇگېل توغرىلىق ئېسىل ھېكايە بار ئىدى. گۇگېل ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان، ئادەمگە ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان بىر جاي. ئەمدى گەپ پەج قارىنىڭ قانداق مېڭىشىدا قالدى، قارىغاندا ئۇمۇ مۇنەۋۋەر باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش ساپاسىنى ھازىرلاپ بولغاندەك قىلىدۇ.
شىركەت قۇرۇلۇپ 10يىلغا بارمايلا پايچىكى بازارغا سېلىنىپتۇ ،،،،بۇئاسان ئەمەس….
google نىڭ قۇرلۇش ،بىزەك ئىشلىرغا بەك ئېپى بار كەن …. قول قۇيىمەن….
مىنىڭ شىركتىممۇ ئۇزۇنغا بارمايلا google دەك يول تېپىپ كىتىدۇ
گوگىل ھەقىقەتەنمۇ تور دۇنياسىدىكى سەركە دىيىشكە ماس كىلىدۇ
ئانجىروئېد نىڭ گىپى يوققۇ؟؟؟
مۇشۇنداق ماقالىلەرنى ئوقۇسام ھاياجانغا چۆمۈمەن