«قىمار ئوينىماڭ !» سىز مەيلى قانچىلىك دو تىكىڭ، ھامان ئۇتتۇرىسىز!
«پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » دا ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش تامامەن تەلەيگە باغلىق بولۇپ ، ياشلارنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ . يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئۇتۇش ، ئۇتتۇرۇش پۇرسىتى تەڭدەك ھەتتا قاتناشقۇچىلارغا پايدىلىقتەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بارلىق «پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » لاردا ، پۇرسەت تەڭ ئەمەس ، بەلكى ھامان تاۋكا خۇجايىنىغا پايدىلىق بولىدۇ . قېنى بىز مۇشۇنداق بولۇش ياكى بولماسلىقىنى ھېسابلاپ باقايلى .
دۆلەت سىرتىدا بەكلا ئەۋج ئالغان قىمار – « تەلەي سىناش ئويۇنى » غا قاراپ باقايلى . ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق : ھەر بىر قاتناشقۇچى ئالدى بىلەن 1 يۈەننى تىكىدۇ . ئاندىن ئۈچ دانە 3 دانە شىشىخالنى بىرلا تاشلايدۇ . ئۇ پۇلنى مەلۇم بىر چېكىتكە ، مەسلەن ، «1 » دېگەن چېكىتكە تىكسۇن . ئەگەر ئۈچ شىشىخالدىن بىرىدە «1» چېكىت چۈشسە ، تاۋكا خۇجايىنى ، تەككەن بىر يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەندىن سىرت ، يەنە 1 يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ ، ئەگەر «1» دېگەن چېكىتتىن ئىككىسى چۈشسە ، تىككەن پۇلىنى قايتۇرغاندىن سىرت ئىككى يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ ؛ ئەگەر ھەممىسىدىلا «1» دېگەن چېكىتكە چۈشسە ، تىككەن پۇلىنى قايتۇرغاندىن سىرت ، ئۈچ يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ .
قارىماققا ، بىر شىشىخالدا «1» دېگەن چېكىتنىڭ چۈشۈپ ، ئۇتۇشنىڭ ئىمكانىيتى 6/1 بولىدۇ ؛ ئۇ ھالدا ئىككى تال شىشىخالدا ئۇتۇشنىڭ ئىمكانىيتى 3/1 ، ئۈچ تال شىشىخالدا ئۇتۇشنىڭ ئىمكانىيتى 2/1 بولىدۇ . گەرچە 1 يۈەنگە 1 يۈەن مۇكاپات بېرىشنىڭ پۇرسىتى تەڭ بولغان ئىكەن ، قانداقمۇ يەنە ئىككى ھەسسە ، ئۈچ ھەسسە مۇكاپات بېرىش ئىمكانىيتى بولىدۇ ؟ بۇ ، تەبىئىي ھالدا قاتناشقۇچىغا پايدىلىق بولىدىغاندەك قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ بىر يالغان قىياپەت .
بىز ھېسابلاپ كۆرەيلى ، ئۈچ شىشىخالنى بىرلىكتە تاشلىغاندا قانداق ئەھۋاللار بولىدۇ ؟ بىرىنچىسىنىڭ 6 خىل ھالى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ھەر بىر خىل ھالىغا نىسبەتەن ئىككىنچىسىنىڭ يەنە 6 خىل ھالى بولىدۇ ، ئۈچىنچىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش 6 خىل ھالى بولىدۇ ، شۇڭا جەمئىي خىل مۇمكىن بولغان نەتىجە بولىدۇ . بۇ 216 خىل نەتىجە ئىچىدە ئۈچ شىشىخالدا چۈشكەن نۇقتىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالى خىل بولىدۇ . ئۈچ شىشىخالدا چۈشكەن نۇقتىلارنىڭ تامامەن بىردەك بولغان ھالى 6 خىل ، ئۇلار ھەممىسى «1» ، «2» ، …، «6» چېكىتلەر چۈشۈش . قالغىنى 90=6-120-216 خىل ھال بولۇپ ، ئۇ ئۈچ شىشىخالدىن ئىككىسىنىڭ چۈشكەن نۇقتىلىرىنىڭ سانى بىردەك بولغان ھال .
بىر قاتناشقۇچى ، ئۇ دائىم «1» چېكىتكە تىكسە ، ئەگەر 216 قېتىم تىكسە قانچە قېتىمدا ئۇتالايدۇ ؟ ئالدى بىلەن بىر تاللا شىشىخالدا «1» چېكىتنىڭ چۈشۈش ئەھۋالىنى كۆرەيلى : «1» چېكىت چۈشكىنى بىرىنچى شىشىخال بولۇشىمۇ ، ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى شىشىخال بولۇشىمۇ مۇمكىن ، جەمئىي ئۈچ خىل ھال بولىدۇ ، قالغان ئىككىسىدە «1» دېگەن چېكىتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى خىل بولىدۇ ، شۇڭا ، جەمئىي خىل ھال بولىدۇ . بۇ 75 خىل ھال يۈز بەرگەندە ئىككى يۈەندىن ئۇتسا جەمئىي 150 يۈەن ئۇتىدۇ . ئەمدى ئىككى شىشىخالدا «1» چېكىتىنىڭ چۈشۈش مۇمكىنچىلىكىگە قارايلى : بىرىنچى بىلەن ئىككىنچى يۈز بېرىشى مۇمكىن ، بىرىنچى بىلەن ئۈچۈنچىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن ، يەنە ئىككىنچىسى بىلەن ئۈچۈنچىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن ، جەمئىي ئۈچ خىل مۇمكىنچىلىكى بار . يەنە بىر شىشىخالدا «1» چېكىتىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنىڭ 5 خىل مۇمكىنچىلىكى بار ، شۇڭا جەمئىي 15 خىل مۇمكىنچىلىكى بار . بۇ چاغدا ھەر قېتىمدا 3 يۈەندىن ئۇتسا جەمئىي 45 يۈەن ئۇتىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچىلىسىدە «1» چېكىتنىڭ چۈشۈشى 1 خىل ، بۇ چاغدا 4 يۈەن ئۇتىدۇ . شۇنداق قىلىپ 216 قېتىمدا جەمئىي 199=4+45+150 يۈەن ئۇتىدۇ . لېكىن ، ئۇ ھەر قېتىمدا بىر يۈەندىن تۆلىسە جەمئىي 216 يۈەن تۆلەيدۇ . شۇڭا ، ئۇمۇمەن ئېيىتقاندا 17=199-216 يۈەن ئۇتتۇرىدۇ .
ئەمدى بىز تاۋكا خۇجايىنىنىڭ ئەھۋالىغا قارايلى . 6 ئادەم قىمارغا قاتناشتى دېسەك ، ھەر بىر ئادەم ئايرىم – ئايرىم «1» ، «2» ، … ، «6» چېكىتلەرگە تىكسۇن ھەمدە ھەر بىرى 216 قېتىمدىن ئوينىسا ، تاۋكا خۇجايىنى ھەر قېتىمدا 6 يۈەندىن پۇلنى يىغىۋالسا 216 قېتىمدا 1296 يۈەننى يىغىۋالىدۇ . ئۇنداق بولسا ئۇ ئوينىغۇچىلارغا قانچە پۇل تۆلەيدۇ ؟
يۇقىرىدىكى تەھلىللەردىن مەلۇمكى ، 216 قېتىمنىڭ 120 قېتىمىدا ئۈچ تال شىشىخالنىڭ چۈشكەن چېكىتلىرى بىر خىل بولمايدۇ . مەلسەن ، «1» ، «2» ، «3» چۈشسە ، «4»، «5» ، «6» گە تىككەن ئۈچى ئۇتتۇرىدۇ . تاۋكا خۇجايىنى ئۇتقان ئۈچەيلەننىڭ ھەر بىرىگە 2 يۈەندىن جەمئىي 6 يۈەن تۆلەيدۇ ، 120 قېتىمدا جەمئىي 720 يۈەن تۆلەيدۇ . ئۇنىڭدىن قالغان 90 قېتىمدا ئىككى شىشىخالدا چۈشكەن چېكىتلىرى بىر خىل بولىدۇ . مەسلەن ، «1»،«1» ، «2» چۈشسە ، ئۇ ھالدا «3» ، «4» ، «5» ، «6» چېكىتلەرگە تىككەنلەر ئۇتتۇرىدۇ . «2» چېكىتكە تىككەنلەر 2 يۈەن ، «1» چېكىتكە تىككەنلەر 3 يۈەنگە ئىگە بولغاندا ، تاۋكا خۇجايىنى ھەر قېتىمدا 5 يۈەن تۆلىسە ، 90 قېتىمدا جەمئىي 450 يۈەن تۆلەيدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئالتە قېتىمدا ئۈچ شىشىخالدا چۈشكەن چېكىتلەر تامامەن بىر دەك بولسا ، مەسلەن ، ھەممىسدە «1» چېكىتكە چۈشسە ، بۇ چاغدا پەقەت «1» چېكىتكە تىككەندىلا ئۇتىدۇ . تۆت يۈەندىن 6 قېتىمدا 24 يۈەن ئۇتىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋكا خۇجايىنى جەمئىي 1194=24+450+720 يۈەن تۆلەيدۇ . ئۇنىڭ تاپقان ساپ كىرىمى 102=1296-1194 يۈەن بولۇپ ، يەنە پايدا ئالىدۇ . ئۇنىڭ پايدىسى ئومۇمىي سوممىنىڭ %7.9 نى تەشكىل قىلىدۇ .
ئەمدى چۈشەنگەنسىز ؟ قىمارنىڭ پايدىسى يوق ، ھەرگىز قىمارغا قاتنىشىپ قالماڭ .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساۋات، قىمار
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: do-not-gamble.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تېخىچە شۇ قېلىپتا سۈرەتكە چۈشۈپ يۈرىۋاتامسىز؟ ھەقىقى سۈرەتكە چۈشۈش ماھىرلىرىدىن ئوبدان ئۆگىنىڭ!
- كېيىنكى يازما > رىۋايەتلەردىكى Windows 8؟ ئەجىبا كېيىنكى نەشىردىكى Windows بىر ئىنقىلاب ئېلىپ كېلەرمۇ؟
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- شەندۇڭدىن «رېزىنكە تۇخۇم» چىقىپتۇ! تۇخۇم سېرىقىنى يەرگە تاشلىسىڭىز توپتەك ئۆرلەيدىكەن…
- ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بىر قىسىم كەسمىلەر
- بىز زادى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك؟
- 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- سەزمە ئەينەك ئېكرانلىق بىر كۈنلۈك تۇرمۇش كارتىنىسى سىزنى چوقۇم ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن…
دۇنيادا ئەڭ خوشۇم يوق ئىش مۇشۇ… ئىككى تاغام مۇشۇ سەۋەبلىك ۋەيران بوپ كەتتى، تورخۇمارلار تور خۇمارغا كىرىڭلار، بۇ يەرگە خۇمار بوپ قالساڭلار مەيلى، سەھرالىق ھەر ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە سېۋان تالىشىدۇ ، لېكىن مۇشۇ قىمارغا خۇمار بولۇپ قالماڭلار. ئېگىسىدن ئىنسابىمنى تىلەيمەن!
بىزگە دېۋانمۇ تەگمىدى تىخى، خەقنىڭ بالىلىرى سېۋان تالىشىدىغان بوپ كىتىپتۇ…
دى بىلەن س نىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان چېغىۋا. ئۇرۇق تۇغقانلار ئۇنداق دىيىشىپ كەتمەيلا…
بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان بولساقمۇ…
قىمار بىركۈنى خان قىلسا بىر كۈنى خار قىلىدۇ !
مىنىڭ بىر نەۋرە ئاكام يامان پو ئاتىدۇ.قىماۋاز يامان مەرت كېلىدۇ دەپ.بىر كۇنى ۋەيران بولىسەن دىسەم يەنە ئوزىنىڭ گىپىنى قىلىپ ئىچىمنى پۇشۇرۋەتكەن.
ئالىي مەكتەپتە يامان ئويناپ قوياتتى بىز سىنىپتىكى باللا.تىللاپ ئۇرۇشۇپ نېرى قىلالمىدىم.ئاۋال لاتارىيە ئوينىدى،كىيىن ياتاقتا قارىت ئوينىدى.تىللاۋەرسەم ئاندىن توردىكى قىمارغا ئوگەندى.
نىمە قىلىسەن بىر سىنىپتا ئۇقۇپ،ۋاي ئاغىينەم دەيسەن،ئۇنداق قىلغۇچە پۇلىڭنى بەرسەڭ بولمامدۇ دىسەم جىم تۇرىدۇ.بىر ساۋاقدىشىم 50تىيىندىن قىمار ئويناپ 6000سومنى ئۇتتۇرۋەتكەن.ھازىرغىچە يادىمدىن كەتمەيدۇ.
بىزنىڭ سىنىپتىمۇ بىرسى لاتارىيەگە ئوقۇش پۇلىنى سىلىپ بىرىپ، ھەممە خىق دىپلۇم ئالسا ئۇ سەمەت ۋەيران دەپ چىرايلىق نام ئالغان…
تەييار پۇلغا قىززىققغان ئادەم ، مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ دەيدۇ دائېم ! شۇڭا مەن ئوينىمايمەن !
بۇ گەپنى دادام دەيتى. چالا قاپتۇ !
رەسىمنى لايىھلەپ بولالمايلا ئىزدەن بىلوگىغا چىقىرىۋەتكەن بۇ تېمىنى! رەسىمنى پەيزى قىلىپ قويۇپسىز ئەمەسمۇ! بىزنىڭ بىلوگنىڭ يازمىللىرىمۇ بۇ يەرگە قېچىپ كىرىۋاپتۇ دىسە!….
بىر تەھلىل بولدىغان لاتارىيە بېلتىدە پاقەت پايدا ئالامايسىز دەيدىغان ،
پۇتۇن مەملىكەتتە تۆت مىليون دانە لاتارىيە تارقاتسا بىر سومدىن چىقىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئەڭ يۇقۇر سوممىسى بىر مىليون ، قالغان ئىككىنچى ، ئۇچۇنجى دەرجىلىك مۇكاپاتلا ئايرىم – ئايرىم بەش يۇزمىڭ ، ئىككى يۇز مىڭ دەپ تەھلىل قىلساق سىز بىر مىليون تال ئالسىڭىز سىزگە چىقىش نىسپىتى 4/1 دىمەك سىز يەنىلا زىيان تارتقان بولسىز … پەقەت تەلەي سىنايدىغان نەرسە بۇلار
دىمەك ، تۆت مىليون دانىنىڭ ھەممىنى سېتۋالسىڭز ، بىرىنچى دەرجىلىك مۇكاپات بىر سان بىر مىليون ، ئىككىنچى دەرجىلىك مۇكاپات ئىككى سان بەشيۇز مىڭدىن ، ئۇچۇنجى دەرجىلىك مۇكاپات ئۇچ سان ئىككى يۇزمىڭدىن ، دىمەك سىز ئالغان تۆت مىليوندانە لاتارىيە بىلتىدىن سىزگە تىگىدىغان پۇل 2،600،000 سوم ، 1،400،000 سوم پۇل لاتارىيە ساتقۇچىغا تەرەپكە قالدى دىگەن گەپ …
400 مىڭ سوم پۇلنى ئۇشاڭ – چۇشەك داس دەزمال ، ئەمگەك ھەققى دىگەنلەرگە چىقىرۋەتكەندىمۇ نەچچە ئاي تارقاتقان ياكى يىلدا بىر تاقاتقان لاتارىيەدىن بىر مىليون ئەتىراپىدا پايدا قالدى دىگەن گەپ
مەنغۇ ئەزەلدىن ئوينىمايمەن. ئاللاھ ساقلىسۇن ئويناپ سېلىشتىن.
بوپقويىدۇ بۇ ئويۇن گۇناھلىرى ئازدەك ھىس قىلغانلار ئويناپ قويسا بولىدۇ…
خەلقىمىز قىلما دەپ شۇنداق چىرايلىق ئىسىم قويۇپ قويىپتىكەن بولمىسا بىز زادى شۇ قىلما دىسە قىلىمىزكەنغۇ تاڭ
ۋاي توۋا، مۇشۇنداق ئىنساپلىق تاۋكا بولسىتى كۈندە ئوينىساقمۇ مەيلىتى جىما
ئادەتتە قەشقەر تەرەپتە تور بولسىلا قىمار بولدۇ،
216 قولدا 17 كوي ئەمەس 170 كوينى ئاۋۇ ئۈستىدىكى چوتاچىمۇ يىغىپ بولدۇ ، ئىسىت كەتكەن ۋاقتىڭىزغا . قورقۇنۇچلۇقراق قىلىپ قىماردا 10000 نى ئۇتتۇرسىڭىز دوستلىرىڭىزدىن قورقىدىغان 20000 نى ئۇتتۇرسىڭىز ئۆيڭىزدىكىلەردىن قورقىدىغان ، 7 خانە پۇل ئۇتتۇرسىڭىز ئاستا ئۆلۈش يولنى ئىزدەيدىغان بوپ قالسىز دىگەندەك بىرەر تىما يازغان بولسىڭىزچۇ باشلىق ، نۇرغۇن كاللىڭىز كەتكەندۇ بۇ تېمىنى تەرجىمە بولامدۇ ، ياكى ئۆزىڭىز يازغاندۇ ،ھىساپلاپ ئولتۇرۇپ …….
گۇرۇپپىلاش،ئورونلاشتۇرۇش،ماتىماتكا ئۇقۇتقۇچىمىز دائىم شىشىخالنى مىسال ئىلىپ چۇشەندۇرەتتى…سىز بۇيازمدا( ئۇبۇل دۈشمەننى )ئەسلىتىپ قۇيدىڭىز،،،
بىزگە ئەخەت« پروفېسور» بېرەتتى
قىمار توغۇرلۇق سىنلەرنى ئىزدەپ كۆرىدىغان بولساڭلار ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدامچىلىق ۋە يەڭ ئىچى توختام قاتارلىق قاراڭغۇ جايلىرىنى باىقايسىز…..قۇرئاندىمۇ بار قىمار ئويناشقا بولمايدىغانلىقى توغۇرلۇق بولمىسا، نىمە ئويلايدىكىن بىزنىڭ بەزى قېرىنداشلىرىمىز
قىمار دىگەن قىلما دىگەن گەپ ئەسلى ،قىل دىگەن بولسا ھىچكىم ئوينىمايتى بەلكىم ،
كىچىك ۋاقتىمدا ھارق دىگەن ئاچچىق سۇدەك ئاچچىق بولامدۇ دەپ سورىسام ، ئاچچىق سۇدەك تاتلىق بولسا ھىچكىم ئىچمەيدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەنتى
مەن مەركىزى خەلق رادئىو ئىستانسىسى تۇمۇش پىروگراممىسى . بۇ تىمىنى تۇرمۇش پىروگراممىسىدا سوھبەت ئىلىپ بارساق مۇمكىنمۇ ؟
تىلفون 15999444710چچ1469152506
مەنچە بولىدۇ.