نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

قورقۇنچلۇق ھېكايە: كىچىك بازاردىكى «ئەرۋاھ»

سۇسان ئەنگلىيەدىكى كىچىك بازاردا تۇراتتى. ئۇ بازاردىكى تاللا بازىرىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، 21 ياشقا كىرگەن قىزى، 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزى پارما ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا قوشنا بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاندىرو بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنىدى. ئوغلى تام بازارىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى. سۇساننىڭ ئېرى يوھان بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ئۇلارنى تاشلاپ ئىز-دېرەكسىزلا يوقاپ كەتكەنىدى، سۇسان شۇنىڭدىن بېرى بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ كېلىۋاتقان ئىدى…

سۇسان بۈگۈن ئىشتىن كەچرەك چۈشتى، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بالىلىرىنىڭ ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيلەرنى بىر قۇر سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇخلىغىلى ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. بىر چاغدا ئاڭلانغان كىچىك بالىنىڭ يىغا ئاۋازى سۇساننى ئويىغىتىۋەتتى. ئۇ قوشنىلىرىم تېلېۋىزور كۆرىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. ئۇ ئەتىسى قوشنىسى رىچاردنىڭ ئۆيىگە چىقىپ نىمە ئۈچۈن كېچىچە تېلۋىزور كۆرگەنلىكىنى سورىدى. رىچاد تۈنۈگۈن قوشنا بازارغا بېرىپ چارچاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قايتىپ كېلىپ بالدۇرلا ئۇخلىۋالغانلىقىنى، تېلېۋىزور كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. سۇسان بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھەيران بولدى. چۈنكى باشقا قوشنىلىرىنىڭ ئۆيى خېلىلا يىراقتا بولۇپ، تېلېۋىزور ئاۋازىنى ئاڭلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ رىچارد ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ:
ــ بازاردا ئەرۋاھ بار، دېيىشىدۇ، بەلكىم ئاخشام شۇ يىغلىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك دىققەت قىلارسىز، ــ دېدى.
سۇسان بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، لېكىن بولغان ئىشلارنى بالىلىرىغا دېمىدى. ئۇ بىر كۈنى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، بالىلىرىنىڭ يوقلۇقنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىگە خۇددى ئوغرى كىرگەندەك نەرسە-كېرەكلەر قالايمىقان بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ دەرھال ساقچىغا تېلېفۇن بەردى. ساقچىلار سۇساننىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈپ نەرسە-كېرەكنىڭ يوقالمىغانلىقىنى بىلدى، دەل شۇ چاغدا پارما بىلەن تام كىرىپ كەلدى. سۇسان بالىلىرىنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكلا خوشال بولدى، لېكىن پارمانىڭ بىلىكىنىڭ بىر نەچچە يېرى كۆك تۇراتتى. سۇسان ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىۋىدى، پارما: «نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلمىدىم» دېدى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە سۇسان سەھەردە ئۆيدىن چىقىپ، ئىشىكىگە بىر ئۆلۈك مۈشۈكنىڭ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، ھويلىدىمۇ كەپتەرنىڭ ئۆلۈكى تۇراتتى. ئۇ دەرھال ساقچىغا تېلېفۇن بەردى، ساقچىلار ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالماي، ئەھۋالنى خاتىرىلەپ قويۇپلا كېتىپ قالدى. بۇ پارمانىڭ تويىغا ئاز قالغان ۋاقىت بولغاچقا، سۇسان بالىلىرىغا ئەرۋاھنىڭ گېپىنى دېمىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە پارما توي قىلدى ۋە شېرىن ئاي ئۆتكۈزگىلى چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى. سۇسان شۇ مەزگىلدە ئۆيىگە ياغاچتىن كىرېست قويۇپ قويدى.
پارما ئۇزاق ئۆتمەي شېرىن ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى، شۇ كۈنى سۇساننىڭ ئۆيىدىكى ھېلىقى كىرېست يوقاپ كەتتى. سۇسان بۇ ئىشقا ھەيران بولسىمۇ، ئاغزىدىن چىقارمىدى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە پارمانىڭ ئېرى ئاندىرونى پىكاپ بېسىۋەتتى. ئاندىرو سۇسان بىلەن پارماغا رېمونت قىلىپ بولغان پىكاپنىڭ قول تۇرمۇزى ئىشلىمەي مېڭىپ كېتىپ پۇتىنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. سۇسان شۇ چاغقا كەلگەندە ئەرۋاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەندى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، تامنىڭ قان ئىچىدە ياتقانلىقىنى كۆردى. دوختۇر تامنىڭ يارىسىنى تەكشۈرۈپ، پەقەت سىرتقى زەخمە ئىكەنلىكىنى، چوڭ ئىش يوقلۇقىنى ئېيتتى. تام كىمنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارقا-ئارقىدىن زەربىگە ئۇچرىغان سۇسان ئېسىلىپ ئۆلىۋالدى. ئۇ ئۆلىۋېلىشتىن ئىلگىرى بىر پارچە خەت قالدۇرغانىدى، خەتتە ئېرى يوھاننىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈپ كۆمىۋەتكەنلىكى يېزىلغانىدى. ئەسلىدە يوھان بىكارچى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراقكەش بولۇپ، دائىم دېگۈدەك خوتۇن بالىلىرىنى ئۇراتتى، قىزى پارماغا سەككىز ياش ۋاقتىدا پەسكەشلىك قىلغانىدى. سۇسان بۇ ئىشلارغا چىداپ بولالماي، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ كۆمىۋەتكەنىدى. سۇسان ئۆلىۋالدى، يوھاننىڭ قاتىلى تېپىلدى، لېكىن ھېلىقى ئەرۋاھ زادى قانداق ئىش؟ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ساقچى ماك ئەرۋاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇ ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ، ئىشنى ئېنىقلاش قارارىغا كەلدى.
بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئەرۋاھمۇ تېپىلدى. ئۇ كۈنى ماك بىر ئىش بىلەن تامنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۆيىدە بىرەيلەننىڭ ۋارقىراپ-جارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى. سۇسان ئۆلۈپ كەتكەندىن بېرى ئۆيدە تام يالغۇز ئىدى. ئەسلىدە تام ئۈچ تەبىئەتلىك بولۇپ، بىرىنچى تەبىئىتى ئانىسىنىڭ بالىسى، ئىككىنچى تەبىئىتى ئانىسى بىلەن ئاچىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئۈچىنچى تەبىئىتى بولسا قىساسكار ئىدى. ئۇ كىچىكىدە دادىسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغاچقا، ئاشۇنداق بولۇپ قالغانىدى. ئۇ يەزىنىسى ئاندىرونىڭ مەست بولۇپ قالغاندا ئاچىسىنى ئۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ، يەزىنىسىنى ئەدەپلەپ قويۇش ئۈچۈن ئۇ رېمونت قىلىپ بولغان پىكاپنىڭ تورمۇزىنى بۇزۇپ قويغانىدى. ھېلىقى ئۆلۈپ مۈشۈكنىڭ ئىشىغا كەلسەك، تام ئاچچىقى كەلگەندە ئاشۇنداق جانىۋارلانى ئۆلتۈرمىسە ئاچچىقى يانمايتتى، شۇڭا داۋاملىق مۈشۈك، توخۇ، كەپتەر دېگەنلەرنى ئۆلتۈرۋېتەتتى…

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 16 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۋال تۆرگە، ئاندىن ئالدىرىماي ئوقۇيلى…

  2. ئىزدىنىش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆر دىگەندە ئوقۇپ بولۇپ ئولتۇرىمىز ماندا … :mad: :roll:

    • سەھرالىق :

      بۇ بەك قورقۇنچلۇق ھىكايە ئىكەن،ئاۋۋال ھاجەتكە چىقىۋىلىپ، ئاندىن ئوقۇمىسام ،چاتاق بولغۇدەك :???:

    • ئىزدىنىش :

      نىمە :evil: !؟ ۋوي ئىشتاننىڭ ئېغى تىچلىقتۇ ؟ :lol:

  3. شەمسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەستاغپۇلۇللا، كېچىچە يەنە قار باسىدىغان بولدىدە… مەيلىلا، تورخۇماردىكى باشقا يازمىلارنى ئوقۇغاچ تۈنەپ چىقارمەن.

  4. ئاقتۇرۇك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە ، زۇلمەتلىك بىر ئائىلە ئىكەن . قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆتۇپتۇ مانا :???: ئەنگىلىيەدىمۇ مۇشۇنداق ئائىلە زوراۋالىقى باركەندە :???:

  5. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانى كىنو قىلىپ ئىشلىسە ياخشى چىققۇدەكقۇ ؟ چەتنىڭ كىنولىرى مۇشۇنداق ئاياغلىشىدۇ دائىم .

  6. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېنى ؟ ئاخىرى يوقما ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگۈدىما ؟

  7. ئەلشات بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا ئىچىنىشلىق تىراگىدىيە ئىكەن، بولسا ئاخىرىمۇ بولغان بولسا بۇ ھىكايىنىڭ

  8. ئەزىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەل غەيرى بىلىندى ماڭا..

  9. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى يېزىلىپتۇ . ئاخىرى يوقما ؟

  10. زىرەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشتا قورققان ،ئەمدى سەل بېسىقتى

  11. كەپسىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى قوقاي دېگەندە تۈگەپ قالدى ئەمەسما!!……..ھەي…….

  12. رىتا1028 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق كىتابنى جېق ئوقۇپ كېتىپ تەسىر قىلماس بوپ قاپتۇ ماڭا ، تەييارلىق ئوقۇغان چاغلىرىمدا ھەپتىدەبىر قېتىم مەخسۇس ۋەھىمىلىك ھىكايە بېسىلىدىغان بىر ژۇرنالنى ئوقۇيدىغان ياتاقدېشىم بار ئىدى ،ئۇنىڭ باھانىسدە بىزمۇ قورقۇپ تۇرۇپ ئوقۇۋالاتتۇق ، شۇڭا ھازىر خېلى ۋەھىمىلىك كىنو كۆرسەممۇ كۆزۈمنى مىت قىلماي ئولتۇرىدىغان بوپ قاپتىمەن :idea:

 汗