QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى – يانفون يۈتۈپ كەتسە، ئالاقە نومۇرلىرى ئۈچۈن ئەندىشە قىلمايسىز…
QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى بولسا، 腾讯 شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر خىل يانفون يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يانفوندىكى سانلىق-مەلۇماتلار، مەسىلەن، ئالاقە دەپتىرى، قىسقا ئۇچۇر، سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە تور زىيارەت خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تورغا زاپاسلاپ بېرىش ۋە لازىم بولغاندا يانفونغا ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارلىرى تەمىنلەنگەن…
بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن يانفوننى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇد بولىدۇ. بۇنداق چاغدا يانفون ئىچىدىكى بارلىق ئۇچۇرلاردىن، جۈملىدىن تېلىفون دەپتىرى، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىقلاردىن ئايرىلىمىز، SIM كارتىسىنىغۇ تولۇقلاپ بېجىرگىلى بولىدۇ، بىراق يانفوندىكى ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ناۋادا يانفونىڭىزغا QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى قاچىلانغان ھەمدە «تېلىفون نومۇرلىرىنى تورغا يۈكلەش» ئىقتىدارى ئارقىلىق نومۇرلارنى زاپاسلاپ قويغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا يېڭى يانفونغا بۇ ئۇچۇرلارنى ناھايىتى ئاسانلا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، QQ ماس قەدەم ياردەمچىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا، يانفون قىسقا ئۇچۇرى، پاراڭلىشىش خاتىرىسى، تور زىيارەت خاتىرىسى قاتارلىقلارنى زاپاسلاپ بېرىش ئىقتىدارى بولۇپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قولايلىق. سىز QMail، كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان QQ يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، زاپاسلىۋالغان بۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ناھايىتى ئاسانلا تاپالايسىز. ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، مەخسۇس مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق، يانفون، كومپيۇتېر، تور بېكەت قاتارلىق زاپاسلاش نۇقتىلىرىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەش ئېلىپ بارىدۇ، مەشغۇلاتمۇ ئىنتايىن قولايلىق.
QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى نۆۋەتتە كۆپ خىل سۇپا قوللايدىغان يانفون يۇمشاق دېتالى بولۇپ، Symbian S60/v2/v3/v5، iPhone، Android ۋە Windows Mobile قاتارلىق ھەرقايسى يانفون مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلەيدىغان نۇسخىلىرى تولۇق تەمىنلەنگەن.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(يانفونىڭىزنىڭ تىپىغا ماس ھالدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ):
QQ ماس قەدەم ياردەمچىسى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى,رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ,زاپاسلاش,يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,397 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qq-pim.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم: مېسسىنىڭ ئالتۇن كالاچ بىلەن مۇكاپاتلىنىشى
- كېيىنكى يازما > مۇنداقمۇ ھوزۇرلۇق خىزمەت مۇھىتى باركەن، Google نىڭ لوندوندىكى ئويۇنچۇقخانا ئۇسلۇبىدىكى يېڭى ئىشخانىسى
بولدىغان نەرسە ئىكەن
تورخۇمار ئەپەندى.
سىز يوللىغان ھەربىر رەسىم بۈرجەكلىرى كېسىك چىقىدىكەن، سىز ھەممە رەسىمنى بىر-بىردىن ps دا لاھىيلەپ ئاندىن يوللامسىز ياكى بۇنىڭمۇ بىرەر كودى بارمۇ ؟
يەنە ئاۋۇ torhumar.com دىگەن سۇ باسمىسىمۇ سىز ئۆزىڭىز بىر-بىردىن لاھىيلەمسىز ياكى كودى بارمۇ؟
ھەممىسى ps
ياخشى دېتال بۇ، لېكىن مەن بۇ دېتالنىڭ كىشلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.
پەقەت تېلفۇن نۇمۇرنىلا زاپاسلىۋالسا بولدىغۇ…
دوستۇم نومۇرنىلار ئەمەس تېلفون نومۇر دەپتىرىدىكى ئىسىم، نومۇر قاتارلىقلارنى شۇ پېتى چۈشۈرۋالدۇ
مېنىڭ تېلفۇنۇم تولا يۇيۇلۇپ نۇمۇرلار ئۆچەپ كېتەتتى، ماڭا تازا باب كەلگىدەك
ئوھۇي،ئەمدى ماۋۇلار ئۇچۇرلاردىن تارتىپ تېلىفون نومۇرلارغىچە نازارەت قىلىپ تۇرىلى دەپتۇدە…. يۇتسە مەيلى…
يۇتۇپكەتكەن تىلفۇننى تاپىدىغان ئىشنى قىمماي ئىچىدىكى نەسىدىن ئەنسىرىگەننىڭ نىمە پايدىسى … بۇرۇن مەخپىيەتلىك توغرىسىدا تىڭشۇننىڭ نۇرغۇن شالتىقى بار تۇرسا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن …
بولسا ئۇنداق اىتاللارنى تىلفۇننىڭ ئىچىگە قاچىلاپ قويسا قانداقكى كارتا بولسۇن ئوغۇرلىنىپ قايتا كارتا سالغاندىن كىيىن تىلفۇننىڭ ئورنىنى دەپ بىرىدىغان بولسا بومامدۇ ئۇنىڭدىن . ياكى ئوغىرلىنىپ بىرەر يەگە باسا تىلفۇن ەدە غۇنى دەپ بەسە دەيمىنا …
زادى كۇندە يىڭىلىق بار تورخۇمار دا!
ئەپسۇس مىنىڭكىدە ئىلىمەيدىكەن
java نۇسقىسى يوقكەن بۇنىڭ ….
ئوغرىلىمىغان مۇشۇ ئۇچۇر قالغان ئىدى، بۇنىداق دىتال سىزگە ئاسانلىق يارىتىش بىلەن بىرگە يۇشۇرۇن ھالدا سىزنىڭ مۇناسىۋەت تور ئارخىۋىڭىزنى تىكلىيەلەيدۇ.360 بىلەن كىيۇكىيۇ ئاشكارا سوقۇشقاندىن كىيىنلا بۇ خىلدىكى دىتاللارغا بولغان ئىشەنچىم بىراقلا يوقالدى.
مەن دوستۇم قاتارلىق تورداشلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن،تېڭشۇن يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ شەخسى مەخپىيەتلىكنى باشقىلارغا ئوغۇرلاپ يەتكۈزۈپ بەرگۈچى جاسۇس.ئۇنىڭ ئۇنداق ياخشى ئىش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس!
تەكلىماكان دوستۇم لار نىڭ دېگىنى توغرا ، ئشەنچىلىك ئەمەس ، ئەڭ ياخشىسى ئشلەتمىگەن تۇزۇك ، ئاڭلىشىمچە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خىلى بۇرۇنلا بۇنداق ئقتىدارنى يولغا ئدىغۇ دەيمەن . زورۇر بولۇپ قالسا ، شۇنى ئشلەتكەن ياخشى …
تورخۇمار ئەپەندى مىنىما بېتىڭىزگە ئۇلىنىش قىلىپ قويامسىز ؟
يارىسا قىلىپ قويۇڭ بولمىسا مەيلى
ئاساسلىقى c# sql كومپىيۇتېرغا ئائىت ماتىرياللار چىقىرىلدۇ .
بېكەت ئادىرسىم: http://vasli.blogbus.com/
تۇغ ئادىرسىم :
http://www.900.la/u/2011/02/07/1297081941SVqT.gif
بلوگىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. مۇبارەك بولسۇن! ئۇلىنىشلارنى رەتلەۋاتقان ئىدىم، ھازىرچە بلوگىڭىزنى يۈكسەل بلوگنىڭ قارمىقىدىكى ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ تۇرسام، ئەيىپكە بۇيرىمىسىڭىز.
مېنىڭ 索爱نىڭ ئوخشىتىپ ياسالغان تېلفونتى قايسى تىپنى تالايمەن مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن
ئەڭ ياخشى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل كاللىمىزغا ئورنۇتۇش ،بىراق بۇنداق قىلالايدىغانلار ساناقلىقلامدە
مەنمۇ بىر سىناپ باقاي بۇ دېتالنى .. خاسلام تېلفۇن يېڭىلاپ نۇمۇرلىرىم ئۇچۇپ كېتەتتى !
ئاۋارىچىلىق كۆرمىسە ، ئايرىم بىر خاتىرە دەپتەر ھۆججىتىگە بارلىق ئالاقە ئادرىسلىرىنى يېزىپ ، خەت ساندۇقتا ساقلاپ قويسا بۇلىدىغۇ . بولمىسا خاتىرىگە يېزىۋالسىغۇ تازا بىخەتەر بۇلاتتى . بىراق دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش ئەپسىز بۇلىدۇ دە .
مەنمۇ مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىۋاتىمەن 1 يىل بولاي دىدى بەك ياخشى دىتال بۇ