ناۋادا سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنەكلەرنىڭ تەقدىرى قانداق بولار ئىدى؟
دېموكراتىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا قوشنىلىرىڭىز بېلەت تاشلاپ سۈت كىمگە تەۋە، ئاق ئىنەك كىمنىڭ، قارا ئىنەكنى كىم ئالىدۇ… دېگەنلەرنى قارار قىلىدۇ. ناتسىسىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا، ھۆكۈمەت ئىككىسىنىلا ئېلىۋالىدۇ، سىز ئوق يەيسىز، ئاندىن ئۆيىڭىزدىكىلەر ئوقنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ…
فاشىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ئىككىلىسىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە سۈتىنى زورلاپ ساتىدۇ، ئالمىسىڭىز يىغىۋېلىش ئورنىغا بېرىپ قېلىشىڭىز بار.
كاپىتالىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا، بىرىنى سېتىپ بۇقا ئالىسىز-دە بىر قوتان كالىڭىز بولىدۇ. (ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرمىسىلا)
سوۋېتچە كوممۇنىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ئىككىلىسىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە ئىشىڭىزغا قاراپ بۇزۇلۇپ قالغان سۈتتىن بېرىدۇ.
بيۇروكراتىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ئاۋۋال سىزنىڭ ئۇنى باقالايدىغان-باقالمايدىغانلىقىڭىزنى، ساغالايدىغان-ساغالمايدىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرىدۇ؛ سىزنىڭ ساغالايدىغانلىقىڭىزنى بىلگەندە سىزنى ساغماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن ئىككىلا كالىڭىزنى ئېلىۋالىدۇ. بىرىنى ئاتىدۇ، يەنە بىرىنى سېغىپ سۈتىنى تۆكۈۋېتىدۇ. ئاندىن سىزگە ”مەن ئىنەكلىرىمنى قانداق يوقاتتىم“ دەپ 17 ۋاراقلىق بىر ئارخىپ بېرىدۇ، توشقۇزىسىز.
ئانارخىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھۆكۈمەت ھەر ئىككىسىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە سۈت تىلەش دۇئاسى ئۆگىتىدۇ.
دارۋىنىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ئۇلار تەدرىجى تەرەققى قىلىپ… سىزنى سېغىپ ئىچىدۇ.
دېموكراتىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا قوشنىلىرىڭىز بېلەت تاشلاپ سۈت كىمگە تەۋە، ئاق ئىنەك كىمنىڭ، قارا ئىنەكنى كىم ئالىدۇ… دېگەنلەرنى قارار قىلىدۇ.
فېئودالىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا سىز ئىنەكلىرىڭىز بىلەن خوجايىنىڭىزغا ئىشلەيسىز، سۈتىنى ئۆزىڭىز ئىچىسىز.
ئىدېئالىزىم: ئىككى ئىنىكىم بولسا… توي قىلسام، ئىنەكلەرنى خوتۇن باقسا، خوتۇن ساغسا… ھەر ئەتىگىنى ناشتىدا ئەتكەنچاي قىلىپ ئالدىمغا ئېلىپ كەلسە…
ناتسىسىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا، ھۆكۈمەت ئىككىسىنىلا ئېلىۋالىدۇ، سىز ئوق يەيسىز، ئاندىن ئۆيىڭىزدىكىلەر ئوقنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ.
لىبېرالىزىم: ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا ھەر ئىككىسىنى بىر بايغا ساتىسىز، ھۆكۈمەت ئۇ بايدىن بىر ئىنەكنى باجغا ئېلىپ يەنە بىر نامراتقا بېرىدۇ.
رۇسىيىزىم: ئىنەكلىرىڭىزنى سانايسىز: بىر سانىسىڭىز 5 چىقىدۇ، قايتا سانىسىڭىز 42 چىقىدۇ، يەنە بىر سانايسىز 15 يېرىم… شۇنىڭ بىلەن ساناشتىن توختايسىز-دە، يەنە بىر قۇتا ۋودكىنى قولىڭىزغا ئالىسىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق,يۇمۇر,پەلسەپە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: if-you-have-two-cows.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قەغەز زاۋۇت ۋە ئىشخانا-بۇلارنى كۆرسىڭىز سىزنىڭمۇ قەغەزلەرنى كېسىپ، چاپلاپ ئوينىغىڭىز كەپ كېتىدۇ!
- كېيىنكى يازما > ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت مىنىش ئاللىبۇرۇن مودىدىن قالدى، ھازىر دىگەن بىر چاقلىق موتو مىنىمىز!!!
يەنىلا ئىدېئالىزىم ياخشىمۇ نىمە جۇڭگوچە كوممىنىزىم يۇقمۇ نىمە
دىۋان…
باقمىچىلىق قىلىپ باي بولغان دېھقان بۇلۇپ ،بۇ ئىنەكلەر چۇقۇم تىلىۋىزورغا چىقىرلىدۇ
شىنجاڭچە سوتسىيالىزىمدا: ئىككى ئىنىكىم بولسا خەقنىڭ ئۆيىدىن 8ئىنەك ئارىيەتكە ئىلىپ يۇقىرىغا يالغان سان يوللاپ تۈر مەبلىغى ھەل قىلىمەن…مەبلەغنى ئىلىۋىلىپ ئىنەكلەرنى تارقىتىۋىتىپ ئۆز ئىنىكىمنى سىتىۋىتىپ پۇلىغا باشقا ئوقەت قىلىمەن
… مېنىڭچە كاپىتالىزىم يەنىلا ھەممىدىن ياخشىكەن . تورخۇمارنىڭ مۇشۇنداق تېمىلىرىنى كۆپ سېغىنغانتىم . تۈگۈگۈنكى مېنىڭ 2 ئىنىكىمنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويماي …
جوڭگوچە سوتسىيالىزىم. سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بار بولسا سىز ئەلۋەتتە ئون مىڭ كويلۇق ئائىلە. ئۇنداق بولغان ئىكەن سىز چوقوم ھۆكمەتكە ماسلىشىپ ئىنەكلىرىڭزگە ماركىسىزىم . لىلىنىزىم. ۋە ماۋزدوڭ ئىدىيىسىنى سىڭدۈرىشىڭىز شەرت. ئەگەر مەركەزدىن تەكشۈرگۈچىلەركەلسە ئىنەكلەرنىڭ قوتاندا لىق تولدۇرۇلغان يىمى بولۇشتىن سىرت ئۇلار ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسىنىڭ( مىللەتلەر ئىتىپاقلىقا) كۆرسەتكەن ئجابىي تەسىرلىرىنى تەمتىرمەي يادلاپ بىرىشى كىرەك.
ۋاي ۋۇي قايمۇقۇپلا قالدىمغۇ..
ئالمىزىم: جوبس بۇ كالىلارغا WWDC دا iCow دەپ ئات قويىدۇ. سۈتلىرىنى iMilk دەپ ساتىدۇ. iMilk ئېھتىياجنى قامدىيالماي باشقىلار فېرمىنىڭ ئالدىدا چىدىر تىكىپ iCow نىڭ باللىرى iCow2 نىڭ iMilk 2 لىرىنى ساقلاپ كېتىشىدۇ.