نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

Imerj and Frog دىن كەلگەن Android مەھسۇلاتى: قوش ئېكرانلىق Android يانفونى!

imerj-and-frog-android-phone

سۈرەتكە قاراپ نېمىكىن دەپ قالماڭ، بۇ بولسا Imerj and Frog دىن كەلگەن Android مەھسۇلاتى: قوش ئېكرانلىق Android يانفونى بولۇپ، نۆۋەتتە ئەسلى لايىھە يانفونى ئاللىقاچان ئېلان قىلىندى، مەزكۇر يانفون سىيرىلما شەكىلدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ياندىكى ئېكراننى سىيرىپ چىقارغاندىن كېيىن، بەئەينى كىچىك تىپتىكى تاختا كومپيۇتېرغا ئوخشايدۇ، ئىچىگە Android 2.3 سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان…

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاق ۋە قوش ئېكران ئوتتۇرىسىدا كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە تېخى مەزكۇر مەھسۇلاتقا رەسمىي تۈردە بىرەر ئىسىم قويۇلغىنى يوق.

قارىماققا بۇ بىر يېڭىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق بۇنچە قوش ئېكران سەپلەنگەن بۇ يانفوننىڭ توك سەرپىياتى ھەقىقەتەن كىشىنى گۇمانلاندۇرماي قالمايدۇ، بىلمىدىم 1750mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن بۇ يانفوننىڭ توكى قانچىلىك بەرداشلىق بېرىدىكىن؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. جامباز 2011.11.30 , 23:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان…..

  2. جامباز 2011.11.30 , 23:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەزمۇنىنى كۆرمەي تۇرۇپلا دىۋاندا ئولتۇرۋلدىم… خې خې

  3. ئادىل 2011.12.01 , 01:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي يانا باتارىيە
    راس ئۆتكەندە ئامرىكا بىرخىل باتارىيەنى تەتقى قىلۋىتىپتۇ دەپئاڭلىدىم قاندا بوپكەتكەندۇ ھە

  4. سەرگەردان 2011.12.02 , 23:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي-ۋاي!نىمە بۇ ئەمدى. تىلفۇنلار كومپىيۇتىرنىمۇ تاشىۋىتەمدۇ نىمە ئەمدى؟

  5. ئويۇنچى 2011.12.04 , 14:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ۋاي ۋاي……. نىمە بۇ ئەمدى …. مۇشۇنداق بولىۋارسە ھىشنىمە ئىشلەتمەي ئۆتمەكتىن باشقا ئامال قالمايدىغان بولدى ئادەمگە. ئەمدى بىرنى ئىشلەتسە يەنە بىرسى چىققان بۇنداق نەرسىدىن ………:mad::mad::mad:

  6. سەۋدا 2011.12.05 , 18:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ ئەمەسمۇ بىرنى ياخشىكەن دەپ ئىشلەتسەك يەنە بىرى چىققان يا ھەممىنى بىريولا ئىشلەتكىلى بولمىسا …….

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量