ۋوي خالايىق! تېز بېرىپ ئۆزۈڭلارنىڭ 20 يىلدىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار!!
بۇ سىرلىق تور بېكەت سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىز تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسەن، ئاپتوماتىك ھالدا سىزنىڭ 20 يىلدىن كېيىنكى ھالىتىڭىزنى پەرەز قىلىپ بېرەلەيدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى، ئاۋال جىنسىنى تاللاپ بېرىمىز، تاماكا چېكىدىغان چەكمەيدىغانلىقىنى تاللاپ بېرىمىز، ئاندىن ئاستى قىسىمدىكى يېشىل رەڭلىك "upload your photo" دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ سۈرىتىمىزنى چىقىرىمىز، بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن، 20 يىلدىن كېيىنكى ئۆزىڭىزنى كۆرەلەيسىز، ئۈنۈمى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ…
ئەلۋەتتە، بۇ سېستىمىنىڭ سۈرەتنىڭ بۇلۇڭى ۋە ئېنىقلىقىغا مۇئەييەن تەلىۋى بار، مەسىلەن بىر ديۇملۇق گۇۋاھنامە سۈرىتى ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. سۈرەتنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا بۇ سۈرەتنىڭ ئۆلچەمگە يېتىدىغان يەتمەيدىغانلىقىنى باھالايدۇ. مەن ئۆزۈم بىر قېتىم سىناپ باقتىم، كۆرگەندىن كېيىن ھەرگىز كېچىلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرماسلىقنى قارار قىلدىم!
مەنزىل تونىلى: 20 يىلدىن كېيىن ئۆزىمىزنى كۆرۈپ باقايلى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: تور بېكەت، تۇرمۇش، قىزىقارلىق، ھاياتلىق، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,402 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: in20years.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەينەك قۇتا ئىچىدىكى سىرلىق دۇنيا! مۇشۇنچىلىك نەرسىلەرنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك مەشىق قىلغاندۇ؟؟
- كېيىنكى يازما > ئۆزى قۇراشتۇرىۋالغان ۋېلىسپىتنىڭ كېچىلىك بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى! بەيگە ماشىنىسىدىن ئاقسا تۇرامدىكەن؟؟
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
ئاۋال دىۋان ئاندىن سىناق
مەۋەگە كېلىڭلا قوشمىقىم، بىژگە ئوتتۇرىلى
20 يىلدىن كىيىن شۈنچە قىرىپ كىتىشىمنى ئويلىماپتىمەن
تاماكا چەككەنلەر بەك قورقۇنچلۇق بوپ كېتىدىكەن
مەن بۇ توربەتنى بۇرۇن سىناپ باققان گەرچە چۇقۇم شۇنداق بۇلىدۇ دىيەلمىسەكمۇ . بىراق سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ، ئادەمنى ياشلىقىنى قەدىرلەشكە ئۈندەيدۇ!
مەنمۇ قىزىقىپ كىرىپ سىناپ باققان، ئوخشىمىغان بىرنەچچە رەسىمىمنى كىرگۈزسەم ئوخشىمىغان قېرىلىق ھالىتى چىققان. 40 يىلدىن كېيىننى تاللىسام تېخىمۇ بەتبەشىرە بولۇپ كېتىدىكەن، ئىشقىلىپ سىناپ باققانلارنىڭ كۆڭلى غەش بولسا بولىدۇكى ھەرگىز خوش بولمايدۇ.
راست، سەل كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ قويدى. لېكىن ئادەمنىڭ يوچۇن نەرسىگە قىزىقىدىغان پىسخىكىسى بىلىپ تۇرساقمۇ، بىر سىناپ بېقىشقا ئازدۇرىدىكەن.
20يىل بۇرىنقىنى چىقىرىپ بىرىدىغىنى يوقمىدۇ؟
نېمدىگە قورقۇنۇچلۇك
ئاللا توۋا قىلدىم، ئۆزەمنى خېلى كېلىشكەن دەپ چاغلاپ يۈرۈيتىم بولمىسا
20 يىلدىن كېيىنمۇ گۈزەللىكىمنى يوقاتمايدىكەنمەن
تەدبىركار ئۆزىنىڭكىنىمۇ يوللاپ باقسا كۆرۈپ باققان بولساق بوپتىكەن
بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يۈرەك كېىسىلى بولۇپ قالمىسۇن دەپ يوللىماپتۇ
مەن بوۋاق ۋاقتىمدىكى رەسىمىمنى كىرگۈزۈپ بەرگەن ئىدىم، شۇ ھامان ھازىرقى كېلىشكەن ھالىتىم نامايەن بولدى
ۋوي خۇدايىم، ئۇنچە سەتلىشىپ كېتىشىمنى نەدىن بىلەي، ئاخىرى كۈلۈپ (سەت كۈلىۋەتتىم).. قىز دوسىتلارنى بىر چۈشۈرەي بۇ ئوقەتكە..
سىلە ئاز كۈلۈپ، ياخشى داۋالانسىلا، سالامەتلىك مۇھىم جۇما… ئاتلىرى ھارماس بولغان بىلەن ئاغرىق ئات ئاسان ھېرىپ قالىدا
قانداق قىلىدۇ مەن قىلالمىدىمغۇ ئەجەپ.
ۋاي ۋاي تاماكا چىكىش دىگننى تاللىمىسام بوپتىكەن ھەجەپ كۆڭلۇم يىرىم بولدى
مەن بامىسام بوماس كۆرگىلى .بىر كۆرۈپ رىسىمگە ساقلىۋېلىپ شۇ ۋاقىىتتا كۈرەپ باقاي قانچىلىك ئوخشايمەنكىن
ئوغلۇمنى كۆرۈپ بەك ئىچىم ئاغرىدى. ئۇ 20 يىلدىن كىيىن مەندىنمۇ قىرىپ كىتىدىكەن.
ئۇ سېستمىنى نەدىن چۈشۈردىكەن؟ سىلەر نەدىن چۈشۈرۈپ سىنىدىڭلار؟
مەن بۇ رەسىمىمنى كۈرۈپ كۈلۈپ كەتتىم . رەسىمدە مەن بىر …..دىمەي بولدى.ىشقىلىپ بەك قورقۇنۇشلۇق شۇڭا مەن بۇنىڭغا ىشەنمەيمەن.
مىنىڭ سۈرىتىمنى ھاسىل قىپ بەرمىدى .. 20 يىلغىچە مەن يوق بوپ كىتىمەنمۇ قانداق ؟
بەلكىم سىز 20 يىلدىن كېيىنمۇ ماڭا ئوخشاش گۈزەللىكىڭىزنى يوقاتماسلىقىڭىز مۇمكىن … ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىڭا!!!
مىنىڭكىمۇ يوق، مەنمۇ سىزدەك ئويلاپ قالدىم
20يىلدىن كىيىنكى ھالىتىمنى كورۇپ خۇددى ئۆزەمنىڭ دادىسنى كورىۋاتقاندەكلا بوپقالدىم ،،،
قانداق قىلىدۇ.مەن پەقەت بىلەلمىدىم.
قىنى سىناپ باقاي
قايسى تور بىكەتكە كىرىپ سىناپ باقىسىز؟
20 يىلدىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار دەپ سىلەر توربەتنىڭ ئادىرسىچۇ ؟ ئۇ توربەتنى قانداق تاپىمىز….
قىزلا ھەرگىز كۆرمەڭلەر! مەن 20 يىلدىن كىيىنكى ھالىتىمنى كۆرۈپ تىنىم جۇغۇلداپ كەتتى؛ راستىنلا……شۇنچىۋالا بوپ كىتەرمىزمۇ
ۋاي باللا، قانچىلىك ساقلايدىكەنمىززززز؟ رەسىمىمنى يوللاپ قويسام چۆگىلەيدۇ- چۆگىلەيدۇ ھېشلا چىقاي دىمەيدااااااااااااااااااااا………ساخلااااااااااۋىرىپ كۆزلىرىم ئېيچىشىپ كەتتىييييا….