ئۆزى قۇراشتۇرىۋالغان ۋېلىسپىتنىڭ كېچىلىك بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى! بەيگە ماشىنىسىدىن ئاقسا تۇرامدىكەن؟؟
گەرچە ھازىرچە چوڭ شەھەرلەردە، ھەتتا خېلى كۆپ قىسىم ناھىيە-بازارلاردا ۋېلىسپىت مىنىش ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، بىراق ئەنئەنىۋى قاتناش قورالى بولغان ۋېلىسپىتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولالىشىدا گەپ يوق! ئەمما بۇ قاتناش قورالى بىلەن كېچىدە يول يۈرۈش ئۇنچە بىخەتەرمۇ ئەمەس، ۋېلىسپىتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى نۇر قايتۇرغۇچ چىراغقا ئىشەنچ قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا زور دەرىجىدە خاتالاشقان بولىسىز…
ئامېرىكا كارنىگ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى Ethan Frier بىلەن Jonathan Ota بىر خىل يېڭىچە ۋېلىسپىت يورۇتقۇ سېستىمىسى لايىھەلەپ چىققان(نېمىشقا بىزنىڭكىدەك ۋېلىسپىت دۆلىتىدىكىلەر بۇنداق نەرسىلەرنى ئويلاپ چىقالمايدىغاندۇ؟!)، يەنە كېلىپ ئاجايىپ ئاقسا! ئۇلار ۋېلىسپىتنىڭ بالونىغا يورۇتقۇچ LED لامپا ئورناتقان بولۇپ، چاق چۆرگىلىگەن چاغدا LED لامپا ئاپتوماتىك يورۇيدىكەن، تېخىمۇ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئادەتتە يول يۈرگەندە لامپىنىڭ رەڭگى ئاق رەڭدە يورۇيدىكەن، ئەمما كېچىدە يول يۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، چىراق رەڭگى قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدىكەن. بۇ خىل لايىھە ھەم ئاقسا ھەم بىخەتەر بولىدىكەن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، تۇرمۇش، قاتناش، قىزىقارلىق، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,208 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bicycle-safety-lighting-system.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ۋوي خالايىق! تېز بېرىپ ئۆزۈڭلارنىڭ 20 يىلدىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار!!
- كېيىنكى يازما > Sleepbox – يۆتكىلىشچان مىكرو تىپتىكى ئاجايىپ مېھمانخانا!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
ۋاي-ۋۇي نېمە ئىش بوپ كەتتى… ئىنكاس يازسام ماڭمايدا؟
ۋىلسىپىتلىرى تىشىلىپ كىتىپتۇ. سەھرانىڭ قوتۇر يولدا تولا مىڭىپ…
شۇندامىدۇ يا ؟
ھىيىتقىمۇ ئاز قالدى، ھىيىتلىقنىڭ ئورنىغا بۇ ۋېلىسىپىتتىن بىرنى سوۋغا قىلىدىغانلار بولسا ياق دىمەيىتتىم.
قىشتا شەيتانچاق ھەيدىسە توڭلايدۇ، شۇنىڭغا قوشۇپ، تۈلكە تېرىسىدىن تىكىلگەن ئىتالىيە پاسونىدىكى پەلتۇدىن بىرنى
قېنى سىنى ؟
راست ئاخسا كۆرىنىدىغان ئوقەتكەن
بولىدىكەن بىزمۇ ئۆزگەرتىپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ
بەك دەۋىرنىڭ كەينىدە قالدىمۇ يا ؟مەھەللىمىزدىكى ھىلىقى رىمۇنىتچى قىلىپ يۈرىيتى بىر چاغلاردا!ۋەلسىپىتىنى تاشلاپ توكلۇق ھارۋىسىنىڭ چاقىنىمۇ ئاشۇنداق قىلىۋاپتىكەن!رەسىمىنى قانداق يوللاپ بىرەي؟
ئادەتتە يول يۈرگەندە لامپىنىڭ رەڭگى ئاق رەڭدە يورۇيدىكەن، ئەمما كېچىدە يول يۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، چىراق رەڭگى قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدىكەن. –
ماۋۇ گەپ تەتۈر بوپ قاپتۇ – رەسىمدىنمۇ چىقىپ تۇرمامدۇ كۈندۈزى قىزىل كېچىسى ئاق – كۈندۈزىمۇ ئاق رەڭلىك بولسا نېمە پايدىسى ؟ – ئۆزگەرتىپ يېزىپ قوياي :
ئادەتتە كۈندۈزى يول يۈرگەندە لامپىنىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە يورۇيدىكەن، ئەمما كېچىدە يول يۈرۈشكە توغرا كەلگەندە چىراق رەڭگى ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدىكەن.
تەدبىركار ئەپەندىم – ئەمىسە ھە …
http://v.youku.com/v_show/id_XNTQ4Mjk4MDQw.html بۇنىڭغا يەتمەيدۇ جۇمۇ !