نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

Sleepbox – يۆتكىلىشچان مىكرو تىپتىكى ئاجايىپ مېھمانخانا!

Sleepbox

ئادەتتە پويىز ئىستانسىسى، ئايروپورت قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈش زالى ئادەمنى سەل بىئارام قىلىپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق پائالىيەت سورۇنلىرىدا بىخەتەر ۋە پاكىزە ئارام ئېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. روسىيەلىك ئارخېكتور Arch Group شۇ سەۋەپتىن 2009-يىلى بىر دانە يۆتكىلىشچان ئۇيقۇ قۇتىسى(Sleepbox) لايىھەلەپ چىققان، بۇ كىچىك تىپتىكى قۇتىنىڭ ئىچىگە ئۈچ كارىۋات سىغىدىغان بولۇپ، WiFi سىمسىز تور، LED لامپىلىق كىتاب ئوقۇش چىرىغى، توك ئەسلىھەلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى يۈك-تاقا قويۇشقا بولىدىغان بوشلۇق تەمىنلەنگەن. بەئەينى كىچىك مېھمانخانىنىڭ ئۆزىلا!

Sleepbox بولسا، پويىز ئىستانسىسى، ئايرودروم، مېھمانخانا ۋە شۇنىڭدەك ئاممىۋى ئورۇنلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلار موسكىۋا ئايروپورتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 30 مىنۇتلۇق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ئىشلىتىپ بېقىشقا بولىدىكەن.

[ يۆتكىلىشچان كىچىك تىپتىكى مېھمانخانا ]



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. دەششەت007 2011.10.21 , 01:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە باللا قانداق… دىۋان دېگەن شۇ!
    دىققەت: دىۋان ناھايتى تۆۋەن باھادا سېتىلىدۇ.

  2. سەرقۇت 2011.10.21 , 07:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەسەۋۋۇر دېگەن ئاجايىپ نەرسە ھە! ئارزۇ قىلغىنىڭىزنى باشقىلار ئەمەلىيەتتە قىلىپ بوپتۇ مانا.

  3. نۆل ۋە بىر 2011.10.21 , 14:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېسىت مىېنىڭ ئويلىنىمنى قىلىۋاپتۇ…باشقا خىياللارغا تىزراق تۇتۇش قىلماي بولماپتۇ!؟!

  4. زۇليار 2011.10.21 , 22:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موسكىۋادا بەك سوغۇق بولىدۇ دەيدۇ. مۇشۇنداق نەرسىلەردىن جىقراق قىلىپ قويسا، بولسا ئىچىگە پار بېكىتىپ بەرسە، تېخىمۇ پەچەت بولغۇدەك:grin:

  5. تەنھا78 2011.10.21 , 22:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياۋپانا! بىزنىڭ داشۆدىكى ياتاقلاردىنمۇ پەيزىكىنا ماۋۇ كىچىك مېھمانخانىسى! بىزنىڭ مىيەدىكى ياغاچچى ئۇستاملارمۇ مۇندا نەرسىلەرنى ياساشنى ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك

  6. Forever 2011.10.22 , 18:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تارچىلىق يەرلەردە تۇرساملا ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ ، لېكىن خېلى كۆركەم ئىكەن ماۋۇ 大酒店 :lol:

  7. ئاقتۇرۇك 2011.10.26 , 15:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىجادىيەد دىگەن شۇ ماۋۇتەرەپلەردىما مۇشۇنداق مىھمان خانىلار بولسا ئەرزان قولايلىق يۆتكەپلام ئۆيۇمدە ياتاق ئۆي قىلۋالدىكەنمە :oops:

  8. نۇرنىجات 2012.05.31 , 19:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپىيوتېر WiFiدېگەن يېرى ئەجەپ ياقتى!ماڭىغۇ بىر دانە كومپىيوتېر بولسىلا كۇپايە!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量